logo

trugen jacn

كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇھى خىتايدا بىخەتەرلىك ۋە تېررورلۇق بىلەن جازالانغانلارنىڭ شىددەتلىك كۆپىيىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى

efcde48a-1f52-416d-a8be-ea245eebfcf5

ئەركىن

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى 16‏-فېۋرال ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتايدا 2015‏-يىلى دۆلەت بىخەتەرلىكى، تېررورلۇق جىنايىتى بىلەن جازالانغان مەھكۇملارنىڭ بىر ھەسسە كۆپىيىشى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خىتاي ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى دوكتور سوفىيە رىچاردسون، بۇ ئەھۋال خىتاينىڭ 2015‏-يىلى دۆلەت بىخەتەرلىكىنى تەھدىتتىن قوغداشتىن كۆپرەك تىنچ ئۆكتىچىلەرنى باستۇرغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دېگەن.

رىچاردسوننىڭ قەيت قىلىشىچە، دائىرىلەر بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن تىنچ ئۆكتىچىلەرنى، قانۇنلۇق پائالىيەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ جازالاپ، دۆلەت خەۋپسىزلىك تەھدىتى دېگەن بۇ ئۇقۇمنى مۈجمەللەشتۈرۈۋەتكەن. ئۇنىڭ ئېغىر دەرىجىدە سىياسىيلاشقان ئەدلىيە سىستېمىسىدا كىشىلەرنىڭ بۇ خىل ئەيىبلەشكە قارشى ئۆزىنى ئاقلاش مۇمكىنچىلىكى قالمىغان.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ نەزىرىدە ئىنتايىن گۇمانلىق بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ رەسمىي ھۆكۈمەت ستاتىستىكىسىدا، 2014-يىلى 712 ئادەم دۆلەت بىخەتەرلىكى، تېررورلۇق جىنايىتى بىلەن جازالانغان ئىدى.

خىتاي ئالىي سوتىنىڭ باشلىقى جاۋ چياڭ خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىغا بەرگەن يېقىنقى دوكلاتىدا، دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە تېررورلۇق بىلەن جازالاشنىڭ 2015‏-يىلى بىر ھەسسە كۆپىيىپ، 1419 ئادەمنىڭ بۇ خىل جىنايەتلەر مەھكۇم قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاينىڭ باش سودىيەسى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى قانچە ئادەمنىڭ مۇددەتسىز، قانچە ئادەمنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ قانچە پىرسەنتنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتايدا تېررورلۇققا ئالاقىدار مۇتلەق كۆپ قىسىم دېلولار ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق بولۇپ كەلگەن.

ئامېرىكىدىكى «خىتاي پۇقرالار كۈچى» ناملىق خىتاي ئۆكتىچى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، دوكتور ياڭ جيەنلى، «خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنلىرىدىكى ئەڭ ئېغىر مەسىلە- ئۇنىڭدىكى ئۆز خائىشچانلىقىنىڭ ئېغىرلىقى» دەيدۇ.

ئۇ، بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار دېلولاردا ئالاھىدە گەۋدىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بۇ بىزنى ئىنتايىن ئەندىشىلەندۈرىدۇ» دېدى.

ياڭ جيەنلى: «خىتايدا ئۇنىڭ ئۆز قانۇنىغا ھۆرمەت قىلىدىغان ئەنئەنە يوق. ئۇلارنىڭ قانۇن ئىجرائاتىدا ئۆز خائىشچانلىقى ئېغىر. مەسىلەن، ئۇ قانۇننى ئۆزىنىڭ خائىشىغا قاراپ ئىجرا قىلىدۇ. دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى، تېررورلۇققا قارشى قانۇنلىرىنى ئەگەر خائىشىغا قاراپ ئىجرا قىلىدىغان بولسا، ئۇ ئۆكتىچىلەرگە، ئەركىنلىك قوغلىشىۋاتقان ھەر قايسى مىللەت كىشىلىرىگە ناھايىتى زور خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ. مەسىلەن، ئۇنىڭ تېررورلۇق قانۇنى. تېررورچى دېگەن نېمە؟ بۇنىڭ بىر خەلقئارا تەبىرى بار. بىراق ئۇ دائىم شىنجاڭ رايونىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرغاندا تېررورلۇق ۋەقە دەيدۇ، ئەمما نېمە ۋەقە بولغانلىقىنى دېمەيدۇ.

ئەسلى ئۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىشى كېرەك، خەلقئارا جامائەت شۇنىڭغا قاراپ باھا بېرىدۇ. بىراق ئۇ، ئۇنداق قىلمايدۇ. مانا بۇ خائىشچانلىقنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ساھەسى ۋە بىزدە ئىنتايىن زور ئەندىشە قوزغاۋاتىدۇ.»

ياڭ جيەنلى يەنە خىتاينىڭ 2015‏-يىلى 12‏-ئايدا ماقۇللانغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنىڭ كۈچلۈك قاراتمىلىقى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بۇ قانۇنىنىڭ ناھايىتى زور كەمسىتىش خاراكتېرى بار» دېدى.

ياڭ جيەنلى: «ئۇنىڭ بۇ قانۇنى ماقۇللىنىپ قانۇنلاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى بىر قورال بىلەن تەمىنلىدى. بىزنىڭ ھەممىمىزدە شۇ تەسىرات بار، ئەگەر بىرەر ۋەقە چىقسا، ئۇ دەرھال بۇ ئۇيغۇر تېررورچىلىرىنىڭ ھەرىكىتى دەپ بېكىتىدۇ. لېكىن ئۇ ئىچكىرىدە خىتايلار ئوخشاش بىر ئىشنى قىلسا، ھېچقاچان خىتاي تېررورچىلىرىنىڭ ھەرىكىتى، دېمەيدۇ. ئۇ تېررورلۇق ھەرىكىتى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ خىتاينى قاتمايدۇ. پەقەت ئۇيغۇرلارغىلا ئۇيغۇر تېررورچىلار دېگەننى ئىشلىتىدۇ. بۇ يەردە ناھايىتى ئېغىر بىر كەمسىتىش بار» دەپ كۆرسەتتى.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھىنىڭ قارىشىچە، مەسىلە خىتاينىڭ قانۇن چىقىرىش-چىقارماسلىق مەسىلىسى ئەمەس. ئاگاھى، ئۇنىڭ تېررورلۇق قانۇنى چىقىرىشتىكى مەقسىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشنى قانۇنلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «ئۇ، بۇ ئارقىلىق دۇنياغا ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى كۆرسەتمەكچى» دېدى.

ئۈمىد ئاگاھى: «دۇنيادىكى بېسىم خىتايغا ناھايىتى ئېغىر بولغاچقا، ئۇ مۇشۇلارغا بىر باھانە ‏- سەۋەب كۆرسىتىش ئۈچۈن مۇنداق-مۇنداق قىلغان ئىنسانلار جازالىنىدۇ، دەپ، ئەگەر بىرەر ۋەقە يۈز بەرسە، مانا بىزنىڭ قانۇنىمىزغا قارشى بولغاچقا ئۇلارنى تۇتقۇن قىلدۇق، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدۇق ياكى مۇنداق جازالىدۇق، دېيىش ئۈچۈن چىقارغان قانۇنلار» دېدى.

ئۈمىد ئاگاھىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ تېررورلۇققا بەرگەن تەبىرى بىلەن خەلقئارانىڭ تېررورلۇققا بەرگەن تەبىرىدە زور پەرق مەۋجۇت. ئۇ، خىتاينىڭ تېررورلۇق ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنلىرىنىڭ پەرقلىق سىياسىي، دىنىي قاراشلىرىنى تىنچ ئوتتۇرىغا قويغان ياكى ئىپادىلەشكە جۈرئەت قىلغان ئۇيغۇرلارنى ئوخشاشلا باستۇرۇش نىشانى قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۈمىد ئاگاھى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتى «ياشاپ قېلىش ئۈچۈن قىلىۋاتقان كۈرەش،» دەيدۇ.

ئۈمىد ئاگاھى ئاخىرىدا: «خىتاينىڭ تېررورلۇققا بەرگەن تەبىرى بىلەن خىتاينىڭ تېررورلۇققا بەرگەن تەبىرى تۈپتىن پەرقلىق ئىككى نەرسە. شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي تېررورلۇق دەۋاتقان مەسىلە ئاساسەن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن مەسىلە خەلقئارادىكى ئۇ تېررورلۇق بىلەن ئوخشىمايدۇ.
ئۇيغۇرلار ھېچقانداق ياشاش ئىمكانىيىتى قالمىغان ئەھۋالدا، ئۆزىنىڭ تىلى، دىلى، مىللىتى، ئېتىقادى، مىللىي كىملىكى، سۆز ۋە ئويلاش ئەركىنلىكى، ھەتتا قاراش ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم بولغانلىقى ئۈچۈن، پەقەت ياشاپ قېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. بۇ يەردىكى پەرق مۇشۇ» دەپ كۆرسەتتى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى بىئارام قىلىۋاتقان يەنە بىر مەسىلە‏، خىتايدا دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە تېررورلۇققا ئالاقىدار دىلولارنىڭ مەھكىمىدە ئاقلىنىش نىسبىتىنىڭ ئاساسەن يوقلۇقى، مەھكۇمىيەت نىسبىتىنىڭ پەۋقۇلئاددە يۇقىرىلىقىدۇر.

خىتايدا 2015‏-يىلى ھەر خىل جىنايەتلەر بىلەن سوتلانغان بىر مىليون 200 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئىچىدە پەقەت 1039 ئادەم ئاقلىنىپ چىققان بولۇپ، جاۋابكارلارنىڭ مەھكۇمىيەت نىسبىتى 99% نى ئىگىلىگەن.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى باياناتىدا بۇ ئەھۋالنى تەنقىدلەپ مۇنداق دېگەن: «خىتاي سوت مەھكىمىلىرىدە دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە تېررورلۇق دىلولىرىنى ئاقلاش پەۋقۇلئاددە مۈشكۈل. دۆلەت بىخەتەرلىكىگە چېتىلىپ قولغا ئېلىنغان كىشىلەر دائىم نەچچە ئايلاپ ئىز-دېرەكسىز سولاپ قويۇلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئادۋوكات تەكلىپ قىلىشى چەكلىنىپ، مەھكىمىدە ھۆكۈمەت بەلگىلەپ بەرگەن ئادۋوكاتنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر قىلىنىدۇ. گۇۋاھچىلارنىڭ مەھكىمىدە گۇۋاھلىق بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ. سىياسىي تۇتقۇنلار سوت ئېچىلىشتىن بۇرۇن تېلېۋىزىيە قاناللىرىغا چىقىرىلىپ، ئاتالمىش جىنايىتىگە ئىقرار قىلدۇرۇلىدۇ

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/xitayda-kishilik-hoquq-03172016141741.html

Share
1434 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.