ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
نورۋېگىيە ئوسلو ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىدىن ئىگىلىشىمىزچە، يېقىندىن بۇيان رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قەشقەر ئاۋات يېزىسى يالاڭ كەنتىدىكى 72 ياشلىق نۇرىمانخان ئانىنىڭ ئوغلى مەمەت ئەزىز بۈگۈن چۈشتە تۆت نەپەر ساقچى تەرىپىدىن ئۆز ئۆيىدىن ئېلىپ كېتىلگەن.
ۋەقەدىن خەۋەردار بولغان نورۋېگىيە ئوسلو ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىدىكى ئۇستاز تۇرغۇنجان ئەمەت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتە قىسقىچە توختالدى.
بىز تۇرغۇنجان ئەمەتنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسەن قەشقەر ئاۋات يېزىسى يالاڭ كەنتتىكى نۇرىمانخان ئانىغا تېلېفون قىلىپ بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئىگىلىدۇق.
بىز ۋەقە ھەققىدە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بەزى بىر ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئاۋات يېزىلىق ھۆكۈمەت ۋە يالاڭ كەنتىدىكى ساقچى ئالىمجانغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، بىراق تېلېفونىمىز جاۋابسىز قالدى
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/nurimanxan-ana-06232016160426.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.