logo

trugen jacn

قان ئىچەر ، رەھىمسىز جاللات ۋاڭ جىن

قان ئىچەر ، رەھىمسىز، ئالۋاستى ، غەيرى تۆرەلمە ، نەچچە مىليون ئۇيغۇرنى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرگەن جاللات ۋاڭ جىن 1908- يىلى خۇنەننىڭ شاڭشاغا قاراشلىق لۇياڭ ناھىيەسى ماجەن كەنتىدە تۇغۇلغان .

ئوقۇش تارىخى يوق ……

16 يېىشدا شاڭفاغا كىرىپ تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىدا ياللانما ئىشچى بولغان. چەتئەللىك دېرىكتورىنىڭ ئايالىنى ئۇرغانلىقى ئۈچۈن ئىشتىن بوشىتىلغاندىن كېيىن بىر نەچچە كوچا بالىلىرى بىلەن بانكا بۇلاشقا قاتنىشىپ مەغلۇپ بولغان ۋە قېچىپ كېتىپ 19 يېشىدا كومپارتىيەگە كىرىپ جىڭگاڭشەنگە چىققان. 1934-يىلدىن 1935-يىلغىچە بولغان ئۇزۇن سەپەرگە قاتناشقان . شەنشىگە بارغاندىن كېيىن 359-تارماق ئەترەتكە مەسئۇل بولۇپ ، نەننىۋەندە ئەپيۈن تېرىپ كومپارتىيەنىڭ مالىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا خىزمەت كۆرسىتىپ دىۋىزىيە كوماندىرى دەرىجىسى بېرىلگەن.  ۋاڭ جېن بىر قېتىم يېنىدا تاپانچىسى بار ھالەتتە ماۋزېدۇڭنىڭ يېنىغا كىرمەكچى بولغاندا مۇھاپىزەتچىلەر توسۇپ قورالىنى چىقىرىۋېتىشكە بۇيرۇغاندا ۋاڭ جېن جېدەل چىقىرىدۇ. ماۋ زېدۇڭ چىقىپ ، قوغدىغۇچىلىرىغا ئۆزىنىڭ ۋاڭ جېنغا تولۇق ئىشىنىدىغانلىقىنى ، ( ئەگەر ۋاڭ ئاتوم بومبىسى ئېلىپ يۈرمىسىلا ، خالىغان شەكىلدە يېنىغا كەلسە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.) بۇ بويىچە ئېيتقاندا  ۋاڭ جېن خىتتاي كومپوارتىيەسى تارىخىدا ماۋزېدۇڭ بىلەن كۆرۈشكەندە قورالىنى ئېلىۋەتمىسىمۇ بولىدىغان بىردىنبىر ھەربى گېنرال .
ۋاڭ جېن ماۋ زېدۇڭغا بولغان ساداقىتى تۈپەيلىدىن تۇنجى قۇرۇلغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ تەھرىرلىكىگە تەيىنلەنگەن. كىشىلەر ئۇنىڭ مەكتەپتە ئوقۇمىغان ساۋاتسىزلىقىنى تەكىتلەپ نارازى بولغاندا ماۋ زېدۇڭ « يازغۇچى قىياپىتىدىكى ئىنقىلابتىن ساۋاتسىز كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشقا ساۋاتلىق بولۇش كەتمەيدۇ» دىگەن.
1945-يىلىدىن باشلاپ پېڭدې خۇەينىڭ قول ئاستىدا ئۆكتەبىردە ۋاڭ جىن قىسىملىرى پېڭ دېخۇەي تەرىپىدىن ئاتالمىش «شىنجاڭ»نى ئىشغال قىلىشقا بۇيرۇلغان. ۋاڭ جېن «شىنجاڭ»غا كەلگەندىن كېيىن ئەمەلىيەتتە بىردىنبىر ھەربىي مۇستەبىت بولغان ۋە ئۇيغۇرلارغا قىلغان ۋەھشىيلىكى بىلەن نام قازانغان. 1950-يىلى خۇنەندىن «تارقاقلاشتۇرۇلغان» كاپىتالىزىم قالدۇقلىرى (پاھىشىلەر ۋە كومپارتىيە دۈشمەنلىرى دەپ تىزىملانغانلار) ئاياللارنى منەجبۇرى ھەلدا قوشۇندىكى ئەسكەرلەرگە جىنسى قۇل قىلىپ بەرگەن ۋە شۇ چاغدا شەرقىي تۈ ركىستان دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ ئ‍ۇرۇش توختىتىش سىزىقى بولغان سىتراتىگىيەلىك ئورۇن ئورمانباغ(ھازىرقى شىخەنزە)نى تاللاپ ھەربىلەر شەھر قىلغان ۋە نەننىۋەندىكى تەجربىسى بويىچە بۇ يەردە ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئەترىتىنىڭ ئاساسىنى تۇرغۇزغان.
1952-يىلى ماۋ زېدوڭغا بەرگەن دوكلاتىدا ئۇيغۇرلار «ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرىدىغان ئاز سانلىقلار» كەلگۈسىدىكى مەسىلىلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇلارنى «ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىش» كېرەك دەپ تەكلىپ بەرگەن.
شۇ زامانلاردا خىتتايلار ئارىسىدا تارقىلىۋاتقان يەرلىك پاراڭلاردا دېيىلىشىچە 1950-يىلى ، ۋاڭ جېن شىنجاڭنى بويسۇندۇرغاندا ، شۇ چاغدىكى ئورمانباغدا ۋاڭ جېننىڭ بىر ئەسكىرى بىر ياۋا تۇگۇزنى ئېتىپ، ئەسكەرلىكتىن قالغان ئۇيغۇرلارنى گۆشنى پىشۇرۇپ بېرىشكە بۇيرۇغانلىقتىن جېدەل چىقىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ۋاڭ جېن ئەسكەرلىرىنى ئەۋەتىپ ھەممەيلەننى ئەسىرگە ئېلىپ مەسئۇل كىشىلەرنى تاپشۇرۇپ بېرىشكە مەجبۇرلىغان ۋە ئۇلارنى مەيدانغا تىزىپ ئوققا تۇتقاندىن كېيىن، چوشقىنى قازانغا شۇ پېتىلا سېلىپ قاينىتىپ شۇ يەردىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى بىر قاچىدىن چوشقا شورپىسى ئىچىشكە زورلىغان. شۇنىڭدىن كېيىن ۋاڭ جېننىڭ نامى چىقىپ خىتتاي كۆچمەنلەر ئارىسىدا قەھرىمان بولۇپ قالغان ، شۇچاغلاردا خىتتايلارنىڭ دىيىشىچە ئۇيغۇر ئانىلاربالىلىرى يىغلىسا« ۋاڭ جېن كەلدى» دىسە بالىلار قورقۇپ ئاڭلاپ قالسا ھەممىمىزنى ئۆلتۈرىدۇ دەپ يىغىدىن توختايدىغان بولغانمىش.
ماۋزېدۇڭ ئۆلگەندىن كېيىن ۋاڭ جېن بېيجىڭغا كېتىپ دېڭ شاۋپىڭنىڭ ئەڭ سادىق قوللىغۇچىسى بولدى ۋە تاكى 1993-يىلى ئەجىلى توشقانغا قەدەر خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىدا 8 پىشقەدەمنىڭ تۆتىنچىسى بولۇپ ھوقۇق يۈرگۈزدى ۋە 1989-يىلىدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەركىتىنى قانلىق باستۇرۇشتا ئالاھىدە رول ئوينىدى.
ۋاڭ جېننىڭ چوڭ ئ‍وغلى ۋاڭ بىڭ، جوڭگۇ جەنۇبى دېڭىزئارمىيەسىنىڭ سىياسى كومىسسارى ۋە جوڭگۇ ھەربى ئايرۇپىلان شىركىتىگنىڭ مەسئۇلى بولغان.
ۋاڭ جېننىڭ ئىككىنچى ئوغلى ۋاڭ جۈن جۇڭشىن گۇرۇھىنىڭ لىدىرى.

قىز نەۋرىسى ۋاڭ جىنجىن جۇڭگو مۇھىت ئاسراش ئېلىكتىر ئېنېرگىيەسى شىركىتىنىڭ لىدىرى.

ئوغۇل نەۋرىسى ۋاڭ جىنجۈن خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئ‍وقۇغاندىن كېيىن ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ ئامېرىكىدا ئ‍ولتۇراقلىشىپ قالغان.

ۋاڭ جېننىڭ كىچىك ئوغلى ۋاڭ جىژ ، 1987-يىلى خىتتاينبڭ تۇنجى ئەۋلاد شەخسلەر 6كومپۇتېرىنى قۇراشتۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان، چاڭ چېڭ كومپۇيتېر گۇرۇھىنىڭ لىدىرى.

ۋاڭ جېن ئۆلۈش ئالدىدا ، ( شىنجاڭغا بولغان سۆيگۈسى سەۋەبىدىن) ۋەسىيەت قىلىپ ، ئۆزىنىڭ جەسىەت كۈلىنى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ تاغ – دەريا ، شەھەرلىرىگە چېچېشنى بۇيرىغان ………..

Share
86 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.