logo

trugen jacn

قاراقاش ناھىيىسىدە دېھقانلار دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئىپادىلىرىنى ئىقرار قىلىشقا مەجبۇرلانغان

 

رادىيومىزغا ئەھۋال ئىنكاس قىلىپ يېزىلغان ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا قاراقاش ناھىيىسىدىكى ھەرقايسى يېزىلاردا دېھقانلار مەجبۇرىي يىغىۋېلىنىپ، ئۇلارغا دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ 72 تۈرلۈك ئىپادىسى دېگەن ۋاراقچە تارقىتىلغان. كادىرلار كۇرسقا قاتناشقان دېھقانلاردىن مۇشۇ مەزمۇنلار ئارىسىدىكى قايسى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئىقرار قىلىشنى ۋە بۇندىن كېيىن تەكرارلىماسلىققا ۋەدە بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

ئىنكاستا بايان قىلىنىشىچە، كادىرلار كۇرسقا قاتناشقان دېھقانلاردىن ئۆزىدە ساقلىنىۋاتقان دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيىسىدىن ئەڭ ئاز دېگەندە ئىككى خىل ئىپادىنى تاپشۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلىپ، كۇرس قاتناشچىلىرىنىڭ تاكى ئۆزىدىكى ئەسەبىيلىك ئىدىيىسىنى ئېتىراپ قىلغۇچە ئۆگىنىشكە قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىنكاس يوللىغۇچى ئۆز تۇغقىنىنىڭ مەزكۇر ئۆگىنىش كۇرسىغا قاتنىشىۋاتقانلىقىنى نەقىل ئېلىپ،«تاغامنىڭ ئايالى بەش كۈن بولۇپتۇ، ھەركۇنى مەجبۇرىي لېكسىيە ئاڭلىغىلى بارىدىكەن، قاچان ئۆزىدىكى ئەسەبىيلىكنى ئىقرار قىلسا ئازاد بولىدىكەن» دەپ يازغان.

رادىيومىز قاتارلىق خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە، ئۇيغۇر رايونى دائىرىلىرىنىڭ بۇلتۇردىن باشلاپ «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئىپادىلىرى» نامىدىكى رەسىملىك تەشۋىقات كىتابچىلىرىنى ھەرقايسى ۋىلايەت، ناھىيىلەرگە تارقىتىپ، دىنىي ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىش نامىدىكى ھەرىكەتنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/iqrar-qildurush-06082016163632.html

Share
813 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.