ئەڭ يېڭى خەۋەر
بىر ئۇيغۇر يازغۇچىنىڭ 3 تىلدا نەشىر قىلىنغان يېڭى كىتابى
ئۇكراينا دۆلەت رەئىسى ۋېلادىمىر زەلەنسكىنىڭ ئاقسارايدا تىرامپ تەرىپىدىن ئازارلىنىشى ۋە رۇس ئىشخالىنىڭ تۈپ سەۋەبى نىمە؟
تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارلانىڭ پاجىيەسى ۋە چىقىش يولى ھەققىدە قىسقىچە ئانىلىز
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
غۇلامىدىن پاختا: شەرقى تۈركىستان ئازاتلىق كۈرىشىنىڭ بىر ئەسىرلىك شاھىدى ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر قەھرىمانى
مەھمەتىمىن ھەزرەت
غۇلامىدىن پاختا جەددى- جەمەتىدىن باشلاپ ۋەتەن، مىللەتكە خالىس خىزمەت قىلىپ كەلگەن ئائىلە شجەرىسىنىڭ داۋامى ۋە ئائىلىنىڭ ئازاتلىق مەسئىلىنى تۇشۇغۇچى ئاخىرقى ئەۋلات ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىمەن. چۈنكى بىز، كۆپ قېتىم ئۇزۇن-ئۇزۇن سۆھبەتلەردە بولغان.
مەن 1989.يىلى خىتاي ،تىيەن ئەنمىن مەيدانىدا مىڭلىغان ئۆز ئەۋلاتلىرىنى ئوققا تۇتۇپ ئۆلتۈرگەبدىن كېيىنلا، ۋەتەندىن ئايرىلدىم ۋە تۈركىيەگە سىياسى ئىلتىجا قىلدىم.سىياسى ئىلتىجانى مەرھۇم لىدەرىمىز ئەيسا يۇسۇپ ئالپتەكىننىڭ ھىمايىسىدە قلىغانلىقىم ئۈچۈن گېزىتلەرنىڭ بىرىنجى سەيپىسىدە باش ماۋزۇ بولغان ئىدۇق. ئىستانبۇلدا 3 ئاي تۈركچە كۇرۇستا ئوقۇغاندىن كېيىن، گېزىتلەرگە تۈركچە ماقالە يېزىشقا باشلىغان ئىدىم.
غۇلامدىن ئاكا ئۇزۇن ئۆتمەي ئامېرىكىدىن تۈركىيەگە كەلدى. ناھىيىتى قىزغىن كۆرۈشتۈق. غۇلامىدىن ئاكا قولۇمنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ ”مەن سېلىنى ئامېرىكىغا ئېلىپ كەتكىلى كەلدىم.“ دېدى كۈلۈپ تۈرۈپ. چاقچق قىلىۋاتامدۇ؟ دەپ ئويلىدىم، ئامما كۆزلىرىدىن ئىشەنچ،ئۈمىت ئىشىغى يېنىپ تۇراتتى. غۇلامىدىن ئاكا، ئامېرىكىدا ئۆزبەك قېرىنداشلار بىلەن بىر تۈركىستان جەمىيىتى قۇرۇپ بىرلىكتە جورنال چىقارغانلىقىنى، ئافغانىستاندىن كۆپلەپ ئۆزبەكنىڭ ئامېرىكىغان كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئۆزبەكلەرنىڭ نۇپۇسى كۆپەيگەنسىرى، باي بولغانسىرى، ئۇلار جەمىيەتنى ۋە جورنالنى ئۆز ئالدىغان تارتقانلىقىنى، شەرقى تۈركىستان داۋاسى يېتىم قالغانلىقىنى ئاڭلاتتى. بىر قانچە كۈن ھەم سۆھبەت بولدۇق. پىكىرىنىڭ مەركىزى، مەن ئامېرىكىغا كەلسەم، ئىككىمىز شەرقى تۈركىستان جەمىيىتى قۇرۇپ، بىللە جورجال چىقىرىش ئارزۇسى كۈچلۈك ئىدى.(بۇ توغرۇلۇق تەپسىلاتتىن ئاتلاپ ئۆتەي)
غۇلامىدىن ئاكا، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ۋەتەننىڭ سىرتىدا بولسىمۇ پۈتۈن خىيالى ۋەتەندە ئىدى. لىدەرلىرىمىز ئەيسا ئەپەندىم، مۇھەممەت ئىمىن بۇغرالار ئەنقەرەگە كەلگەندە غۇلامىدىن ئاكا ئو لىدەرلەرنى ئەنقەرەدە قارشى ئالغان ئىكەن، ئۇلارغا تەرجىمانلىق قىلىپ، بارىدىغان، كېلىدىغان يەرلىرىگە ئاپىرىپ خىزمىتىدە بولغان ئىكەن، كېيىن گىرمانىيەدە ئازاتلىق رادىيودا ئىشلىگەن ۋاقىتلىرىدە، ئۆزى فىزىكا ئىنجىنىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن رادىيو ئۈسكۈنلىرىگە مەسئۇل بولسىمۇ، ئۇيغۇر تىلىدا رادىيو ئاڭلىتىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەنتىرىشچانلىقلىرى، مېنى ئاجايىپ تەسىرلەندۈرگەن ئىدى.
غۇلامىدىن ئاكا، ئۇيغۇر زىيالىسى ئابدۇساتتار (تەخاللۇسى-بۇلبۇل)، ئەركىن ئالپتەكىن لەرنىڭ مۇنىھگە كېلىشىگە قانداق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىگى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. يەنى غۇلامىدىن پاختا، مۇنىھقا تۇنجى ئۇيغۇر ئۇرۇقىنى چاچقان ئادەم.
ئامېرىكىدىمۇ ئو زامانلاردا تالغۇز ئۇيغۇر ئىدى ئامما ۋتەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئارزۇسىدا ئۆزبەك قېرىنداشلارنى تەشكىللەپ تۈركىستان جەمىيىتىنى قۇرغان، تۈركىستان جورنىلىنى چىقارغان.
1992. يىلى 12. ئايدا ئىستانبۇلدا ”شەرقى تۈركىستان بۈيۈك قۇرۇلتېيى “ ئېچىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى رتەھمەتۇللا ئۇستازنىڭ باشچلىغىدا بىر گۇرۇپپا تەشكىللىدۇق. غۇلامىدىن ئاكىغا تەلىپۇن قىلىپ بۇ خوشخەۋەرنى يەتكۈزگىنىمدە، قانچىلىك ھاياجانلانغانلىقىنى، قانچىلىك خوشال بولغانلىقىنى تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن. قۇرۇلتايدىن ئىككى ھەپتە بۇرۇن ئىستانبۇلغا كېلىپ پۈتۈن خىزمەتلەرگە ياردەم بەردى.. بەك بۇرۇن كەپلا، ئەۋارە بۇلىۋاتىلا ئاكا، دىسەم، كۈلۈپ تۇرۇپ، سېلى تەلىپۇن قىلغاندىن كېيىملام قولۇم ئىشقا بارماس، كېچە ئۇيقۇم كەلمەس بۇپ قلدى، جېنىم ئالدىراپ، ئاخىرى كەلدىم. بۇ قۇرۇلتاي تارىخى قۇرۇلتاي، ئىنشائاللاھ ۋەتەننىڭ ئازاتلىقىنى بىرلىكلتە كۆرىمىز، دەپ ئىشەنچ بىلەن سۆزلىگەنلىكلىرى كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ.غۇلامىدىن ئاكىنىڭ ئو قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىشىدا بۈيۈك ئەمگىكى بار.
غۇلامىدىن ئاكىنىڭ ھەممىمىز ئۈگىنىشكە تىگىشىلىك بىر ئۈستۈن خاراكتىرى شۇدۇر: كەمتەر، ئاق كۆڭۈل، پىداكار، ھەر كىمگە پايدىسى تەگكەن، ئامما ھىچكىمگە زىيىنى تەگمىگەن. ئۆمرىدە شەرقى تۈركىستاننىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن تىنىمسىز ئىزدەنگەن، كۈرەش قىلغان. ئامما، ھۇقۇق تۇتۇش، شۆھرەت قازىنىش خىيالىغا كىرىپ چىقمىغان. ئۆمۈر بويى شەرقى تۈركىستاننىڭ بايرىقىنى قۇلىدىن چۈشۈرمىگەن، شەرقى تۈركىستاننىڭ ئوتىنى يۈرىگىدىن ئۆچۈرمىگەن ھەقىقى ئوت يۈرەك بىر ۋەتەن قەھرىمانى ئىدى.
يازسام، يېزىپ تۈگۈتىش مۇمكىن ئەمەس. غۇلامىدىن ئاكىنىڭ ھاياتى بىر رومان.غۇلامىدىن پاختا، شەرقى تۈركىستان ئازاتلىق كۈرىشىنىڭ بىر ئەسىرلىك شاھىدى ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر قەھرىمانىدۇر.
ئۇيغۇر مىللىتى، كۆڭلى دەريادەك كەڭ بىر ئاقساقېلىنى، ئوت يۈرەك بىر مىللى قەھرىمانىنى يۇقاتتى. غۇلامىدىن ئاكىنىڭ ھاياتى بىزگە ئۆلگە ۋە ئىلھام بولىدۇ. ھەقىقەتەن چوڭقۇر قايغۇغا چۈمدۈم.ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن! ئائىلىسىگە باش ساغلىقى تىلەيمەن.
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.
BENZER HABERLER