ئەڭ يېڭى خەۋەر
شەرقىي تۈركىستان: سۈكۈت ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق
بىر ئۇيغۇر يازغۇچىنىڭ 3 تىلدا نەشىر قىلىنغان يېڭى كىتابى
ئۇكراينا دۆلەت رەئىسى ۋېلادىمىر زەلەنسكىنىڭ ئاقسارايدا تىرامپ تەرىپىدىن ئازارلىنىشى ۋە رۇس ئىشخالىنىڭ تۈپ سەۋەبى نىمە؟
تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارلانىڭ پاجىيەسى ۋە چىقىش يولى ھەققىدە قىسقىچە ئانىلىز
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
Adsız tasarım – 1
تۈركچە ۋە ئىنگىلىزچە تىلدا ئېلان قىلىنغان يېڭى كىتاپ
”شەرقىي تۈركىستان: سۈكۈت ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق
گۇۋاھچىلار، دەلىل- ئىسپاتلار ۋە بۇلارنى كۆرۈشنى خالىمىغان دۇنيا“
ئاپتۇرى: مەھمەتىمىن ھەزرەت
بۇ كىتابتا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار باشتىن كەچۈرگەن تىرادىگىيە ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمرانلىقىدىكى سىستېمىلىق زۇلۇم ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ قاراڭغۇ يۈزى ۋە كېيىنكى 7-8 يىل ئىچىدە يۈرگۈزگەن ئېرقى قىرغىنچىلىق پاش قىلىنغان. بۇ، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى ، خەلقارالىق دوكلات ۋە نەق مەيداندىكى ھۆججەتلەر ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئۈن-تىنسىز كۆز يېشى ئاققۇزغانلىقلىرىغا شاھىت بولۇش ئۈچۈن يېزىلغان بىر كىتاپتۇر.
بۇ ئەسەر، سىزنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپلا قالماي ئۇ سىزنىڭ ۋىجدانىڭىزغا خىتاپ قىلىدۇ ۋە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
كىتاپنى ئوقۇغانسىرى ئاچچىق ، قايغۇلۇق تۇيغۇنىڭ ئەسىرى بۇلۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن، ئىنسانلارنىڭ ئۈمىت ۋە كىلەچەگى قانداق خاراپ قىلىنغانلىقلىرى ھەققىدىكى قۇرلارنى ئوقۇغىڭىزدا يا غەزپىڭىزنى باسالماسلىقىڭىز ۋەياكى كۆز ياشلىرىڭىزنى تۇتالماسلىقىڭىز مۇمكىن.
بەلكىم ئەڭ مۇھىمى: ئەمدى سۈكۈت قىلماسلىقنى تاللىشىڭىز مۇمكىن.
بۇ كىتابنىڭ ئاڭلاتقىنى ھىكايە ئەمەس ئەمەس، بىر مىللەتنىڭ دات- پەريادىدۇر.
خىتاينىڭ جۇغراپىيەسى ئىچىدە كۆرسۈتىلگەن، ، خەرىتىنىڭ شەرقىدە ، ئېكرانلاردىن ئۇزاقتا ، گېزىت ماۋزۇلىرىدىن يەر ئالمىغان … بىر خەلق، ئىنسانى مۇئامىلىدىن مەھرۇم، ئاۋازىنى چىقىرىشقىمۇ يول قويماي ۋە دۇنيا تەرىپىدىن ئۇنۇتۇلدۇرۇپ، يەر يۈزىدىن يوق قىلىۋېتىش ۋە تارىختىن تامامەن ئۆچۈرۈۋېتىش مەقسەت قىلىنماقتا..
مىللى ھاياتى تەھدىت ئاستىدىكى بۇ مىللەت ئۇيغۇرلاردۇر.
شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەدىمدىن بويانقى ئىگىلىرى.
نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە كۈلتۈر ، دىنى ئېتىقاد، ئۆرف ئادەت …بۇ مەدەنىيەتنى بۇگۈنكى كۈنگىچە ياشتىپ كەلگەنلەر..
ھازىر ئۇ خەلقنىڭ ئاۋازى بوغۇلىۋاتىدۇ، بېسىقتۇرىلىۋاتىدۇ.
ئۇلارنىڭ تىلى چەكلەنگەن.
دىنىي جىنايەت دەپ قارىلىدۇ.
ئۇلارنىڭ بالىلىرى ئوخشىمىغان كىملىكلەرنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ.
بىر مىللەت دۇنيانىڭ كۆزى ئالدىدا سىستېمىلىق ، جىمجىت ۋە ئوچۇق-ئاشكارە ھالاك قىلىنىۋاتقاننى كۆرۈپ تۇرۇپ سۈكۈتتە تۇرسا ئۇ ۋىجدانىنىلا ئەمەس ، ئادىمىيلىكىنىمۇ يوقاتقان بولىدۇ.
بۇ كىتاب سۈكۈتنى بۇزۇش ئۈچۈن يېزىلدى.
بۇ كىتاب ئۇنۇتۇلماسلىق ئۈچۈن يېزىلدى.
بۇ كىتاب «ھامان بىر كۈنى بۇ ئىنسانلار ئۆز ۋەتىنىدە يەنە ئەركىنلىك ناخشىسىنى ئېيتىدۇ» دەپ يېزىلدى.
بۇ كىتاپتا سىز ئوقۇيدىغان ھەر بىر قۇر ،
يا لاگىر گۇۋاچىلىرىنىڭ سۆزى …
ياكى ئۇيغۇر بۇۋاقلارنىڭ بۆشۈكىگە ئېتىلغان ئوقنىڭ ئەكىس ساداسى،
ۋەيا، ئانىلارنىڭ كۆزلىرىدىن بۇلاق بولۇپ ئاققان كۆز ياشلىرى …
ياكى ئۇ يۇقاپ كېتىۋاتقان بىر تىلنىڭ ئۈنسىز سىلكىنىشى.
بۇ يېزىلغانلارنىڭ ھەممىسى ھەقىقەتتۇر.
بەلكىم بەزى قۇرلار سىزنىڭ ئىچىڭىزنى ئاچچىققا تولدۇرىدۇ.
بەلكىم بەزى جۈملىلەر كۆز ياشلىرىڭىزغا سەۋەپچى بولىشى مۇمكىن.
بەزى بەتلەرگە ھەيران قېلىشىڭىز مۇمكىن.
مانا بۇ كىتابنىڭ مەۋجۇت بولۇشىنىڭ سەۋەبى.
چۈنكى زۇلۇم ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەندىلا ئەمەس، ئۇنتۇلغاندىمۇ غەلىبە قىلىدۇ.
چۈنكى بىر خەلق ھالاك بولۇۋاتقاندا سۈكۈت قىلىش ئۇ زۇلۇمغا شېرىك بولغانلىق دىمەكتۇر.
پۈتۈن بۇلارنى يېزىش بولسا گۇۋاھلىق بېرىش دىمەكتۇر.
شەرقىي تۈركىستان پەقەتلا جۇغراپىيەلىك جاينىڭ ئىسمىلا ئەمەس، ئۆتمۈش ۋە بۇگۈنكى بولۇپ ئۆتكەنلەرنى ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى بولغان بىر جانلىقلارنىڭ ئۆيىدۇر.
ئۇيغۇر پەقەت بىر مىللەت ئىسمىلا ئەمەس، كوللىكتىپ قارشىلىق كۆرسىتىشنىڭ تىز پۈكمەس نامايەندىسىدۇر.
بۇ كىتاب پەقەتلا ئېقى قەغەز، قارىسى سىياھ بىلەن تولدۇرۇلغان تىكىستلەر توپلىمى ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانىنى ئۆلچەيدىغان تىرمومېتىردۇر.
كىتاپنى ئوقۇڭ.
ھېس قىلىڭ.
ۋە 21. ئەسىردە بەيجىڭنىڭ ئەمرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈستىگە قارا بۇلۇتتەك باستۇرۇپ كېلىۋاتقان ئېرقى قىرغىنچىلىقنى توختۇتىش ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىڭ!
ئۇنۇتماڭ: بىر سادا، بىر قۇزىنى بىر بۆرىگە يەم بولۇشتىن ساقلاپ قېلىشى مۇمكىن.
https://play.google.com/store/books/details?id=fYBVEQAAQBAJ
https://play.google.com/store/books/details?id=fYBVEQAAQBAJ
ئىلاۋە: تۈركچە كىتاپ 4. ئاينىڭ 30. كۈنىگە قەدەر پۇلسىز قىلىندى. تۈركچە بىلىدىغانلار كومپىيوتۇرىغا چۈشۈرۈۋالسا بولىدۇ.
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.