logo

trugen jacn

شەرقىي تۈركىستانغا قايتقان ئۇيغۇرلار تۇتقۇن قىلىنماقتا

 

 
يېقىندا رادىئومىزغا كەلگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۈم بولىشىچە، مىسىر ، سەۋۇدى ئەربىستان، تۈركىيە ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئوقۇۋاتقان ، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يۇرتىدىكى بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئۆزلىرىگە ۋە ۋەتەندىكى ئۇرۇق -تۇققانلىرىغا بېسىم قىلىشى نەتىجىسىدە ئائىلىسىگە قايتىشقا مەجبۇر بولۇپ،قايتىپ بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئايدۇرۇمدا تۇتقۇن قىلىنىپ مەخپى تۈرمىلەرگە مەھكۈم بولغانلىقى ئاشكارلاندى.
مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن خىتاي تەرىپىنى ئالغانلارغا ۋە ۋەتەندىكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سىياسىغا چېتىلىپ جازالانمىغانلارغا 3000 يۈەندىن ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ بېرىلگەن. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بىر تەرەپتىن ئىدىيسىدە مەسىلە بار، دەپ قارىغان ياكى ئىتقادى مۇستەھكەم بولغان ئۇيغۇرلارغا يۇمشاق –قاتتىق ۋاستىلار بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا قايتىپ كېتىشكە بېسىم قىلسا ، بىر تەرەپتىن ئابدۇشۈكۇر داموللام باشلىق ئوردا موللىلىرىنى ئەۋەتىپ ئىدىيە خىزمىتى ئىشلىگەن. يېقىندا يەنە خىتاينىڭ بىخەتەرلىك ئىدارىسىدىن تەشكىللەنگەن ئومەكنى ئەۋەتىپ كەڭ –كۆلەملىك قايتۇرۇش خىزمىتى ئېلىپ بارىدىغانلىقى مەلۇم بولدى. بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى،
خىتاي تاجاۋزچىلار نۆۋەتتە، شەرقىي تۈركىستان ئىچىدىكى ئەھلى ئىلىم زاتلارنى يوقىتىپ بولغاندىن كېيىن،ئەمدى خىتاي پاسپورتىدىكى ۋەتەن سىرتىدىكى ئەھلى ئىلىملەرنى يوقىتىشقا ئاتلىنىپ، بۇنىڭغا ماس قەدەمدە شەرقىي تۈركىستان ئىچى ۋە سىرتىدىكى بايلارنى نىشانغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ مال-مۇلكىنى تالان-تاراج قىلىش سىياسىي ھەركىتىنى باشلىماقتا. ئارتۇش بايلىرىدىن ئون مىليوندىن ئارتۇق ئىقتىسادقا ئىگە 70دىن ئارتۇق كىشنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بۇنىڭ دەلىلى دېيىشكە بولىدۇ

ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋرىرى

Share
1381 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.