logo

trugen jacn

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى

شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولمدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ 8 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.

نامايىشنى شىۋېتسىيەدىكى تەشكىلاتلاردىن ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، سىتوكھولم ئەتراپىدىكى شەھەرلەردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

نامايىش ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇللا كۆكيارنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىغا قارىتا قىلغان باياناتى بىلەن باشلاندى.

ئابدۇللا كۆكيار بۇ قېتىملىق نامايىشنىڭ تېمىسىنى ئىزاھلاپ، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىن چىقىپ كەتكەندىلا، ئۇيغۇرلارنىڭ خاتىرجەم ياشىيالايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

نامايىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن يىراق شەھەردىن كەلگەن مۇھەممەت ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆز تەسىراتىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىملىق نامايىشقا قاتناشقان ياشلارمۇ كۆپ بولۇپ، ئۇلارمۇ بۇ خىلدىكى نامايىشلار ئارقىلىق خىتايغا بولغان ئۆز نارازىلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

نامايىش ئاخىرىدا تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئۆمەر مەخسۇمنىڭ دۇئاسى بىلەن ئاياغلاشتى.

نامايىش شۇ يەر ۋاقتى 16:00 دە باشلىنىپ 17:00 دە ئاخىرلاشتى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/5-iyul-shiwetsiye-07052017174705.html

Share
949 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.