ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ھەق ئۈچۈن باستۇق قەدەم چىقتۇق سەپەرگە ئاتلىنىپ،
يەتمىدۇق مەنزىلگە ئەمما يوللاردا توختاپ قالمىدۇق.
كۆپ تاغۇ-دەشتلەرنى كەزگەچ قالدۇق پىشىپ ھەم تاۋلىنىپ،
چىن ئىمان-ئارمان كۈچىدە چارچىمىدۇق ھەم ھارمىدۇق.
قارىساق مەنزىل كۆرۈنمەس بولغاچقا كۆپ دەريا،داۋان،
ئۈزمىدۇق ئۈمىدنى ئەسلا چىققان سەپەردىن يانمىدۇق.
بەزىدە چىقتى تۇيۇقسىز ئالدىمىزغا ئىت،قاۋان،
ئاللاھقا قىلدۇق تەۋەككۇل خەتەردىن قورقۇپ قالمىدۇق.
يول ئۇزۇن،ئاتلار ئورۇق،مەنزىل تېخى بىزدىن يىراق،
لېكىن بۇ ھېچگەپ ئەمەس نىشاندىن ئېزىپ قالمىدۇق.
چۈنكى بىزنىڭ يولىمىزغا قۇرئان-ھەدىستۇر نۇر،چىراق،
ھەق يولدا مەھكەم چىڭ تۇرۇپ شەيتانغا بىز ئالدانمىدۇق.
كۆپ كىشى يوللاردا بىزگە ئەگەشتى قىلغاچقا ھەۋەس،
ئاز يۈرۈپ ئارقىغا ياندى كۆرگەچكە مەنزىلنى يىراق.
بولمىسا ساپدىل كىشى بۇ يولدا يۈرمەك بەكمۇ تەس،
ماڭالماس بۇ يولدا ئىنسان كەم بولسا ھەققە ئىشتىياق.
بەزىلەر كېتىشتى ھەريان ھەشقى پىچەكنى گۈل ساناپ،
ئۇنتۇدى يۇرتنى ۋەتەننى بەرمىدى ئەلگە زەررە نەپ.
چاڭقىسا يۈگۈردى چۆلدە ئالۋۇنغىمۇ سۇ دەپ قاراپ،
يول تاپالماي ماڭغۇدەك يۈرمەكتە ھەريان تەمتىرەپ.
شۈكرى ئاللاھ مانا بىز ھەق يولدا چىڭ تۇرماقتىمىز،
ئەل-يۇرتۇڭدىن تان دېگەن نائەھلىگە ئەگەشمىدۇق.
يۇرتنى ياۋدىن قۇتقۇزۇپ،ئازات قىلشتۇر غايىمىز،
ئەل-ۋەتەن دەپ باغلىغان بەللەرنى ئەسلا يەشمىدۇق.
ئىنشائاللاھ ماڭىمىز بۇ يولدا ھەتتا ئۆلگۈچە،
ھەق بىلىپ باسقان بۇ يولنى قەھرىمان ئەجدادىمىز.
كۈلمە ياۋ بولساق شەھىد،گەر غايىمىزگە يەتكۈچە،
ئارقىمىزدىن ئىز بېسىپ كىلەر جەسۇر ئەۋلادىمىز.
ئەبدۇلھەمىد ئۇيغۇر
2018-1-8-ت،ئا.
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.