logo

trugen jacn

رابىيە خانىمغا قويۇلغان بىرىنچى سوئالنىڭ ئىزاھاتى

رابىيە خانىمغا قويۇلغان بىرىنچى سوئالنىڭ ئىزاھاتى

ئابدۇرەھىمجان

《تىبەت سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن باسىدىغان سىياسى قەدەملەرنى باسقانمىش. ئۇ قەدەملەرنىڭ مۇھىم بىرى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن دېئالوگ ئورنىتىپ، تىنچلىق ئۈستىلىدە مەسىلىنى ھەل قىلىش بولۇپ، ئەگەر غەربنىڭ ئاپتونومىيە مودىلىنى خىتاي ھۆكۈمىتى قوبۇل قىلمىسا، غەرب ئەللىرى كۈچ ئىشلىتىپ تىبەتنى خىتايدىن ئايرىپ چىقىپ، مۇستەقىللىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىكەن. ئۇيغۇرلارغىمۇ ئامېرىكا تەرەپتىن شۇنداق بىر تەكلىپ چۈشۈپتۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن غەيرى رەسمى دېئالوگ ئورنىتىش ئارقىلىق، خىتاينى سىياسى ئۈستەلگە ئولتۇرۇشقا مەجبۇرلاش كېرەك! ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن دېئالوگ يولىنى ئاچىدىغان نوپۇزلۇق ئادەم بار. بىز خىتاي بىلەن دېئالوگ ئورنىتىش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئىدارىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنىمىز. 》2009 . يىلى ئاپرېل ئايلىرىدا يۇقىرىقى تەلەپ ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ تەلەپنىڭ باش ئەمىرى رابىيە خانىم ئىكەن. مەزكۇر تەلەپكە ئاساسەن مىيونخىندا نارەسمى بىر ھەيئەت تەشكىللەندى.《خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن غەيرى رەسمى دېئالوگ ئورنىتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى》ماۋزۇسى ئاستىدا 14 ماددىلىق تەلەپ، شەرت، تەكلىپ تەييارلاندى. بۇ لايىھەنى د ئۇ ق نىڭ سىرتىدىكى بىر شەخس تەييارلىدى، د ئۇ ق نىڭ ئىچىدىكى ۋە ئەتراپىدىكى قوللىغۇچىلاردىن، شەرقى تۈركىستان ئازاتلىق نەشرىياتى گۇرۇپپىدىن بولۇپ، 6 كىشى بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلدۇق، قوشتۇق، قىسقارتتۇق، ئۆزگەرتتۇق. بۇ سىناق لايىھە، ئامېرىكىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئىدارە قاراپ چىقىپ تەستىقلىغاندىن كېيىن، ھېلىقى ئارىغا كىرىدىغان شەخسكە تاپشۇرۇلۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزۈلمەكچى. مەزكۇر سىناق لايىھەدە ۋەتىنىمىزنىڭ نە مۇستەقىللىقى، نە ئاپتونومىيە سالاھىيىتى قەيت قىلىنمىغان. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى دېئالوگنى ماقۇل كۆرسە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن كۆزەتكۈچى ئەترەتنىڭ قاتنىشىشى بىلەن دېئالوگ باشلىنىدۇ. بۇ ھەرىكەتتىن بىزنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانىمىز: خىتاي ھۆكۈمىتى مەغلۇبىيەت بوسۇغىسىغا يېقىنلاشمىغىچە دۈشمەن بىلەن دېئالوگ ئورناتمايدىغانلىقىنى، سۈلھى قىلمايدىغانلىقىنى ئەمەلى ئىسپاتلاپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى قايىل قىلىش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلمىغىچە يۇمشاق دىپلوماتىيەنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئىدى. بىز لايىھەنى پۈتتۈرۈپ، 2010. يىلى ئاپرېلدا ئادەم ئارقىلىق رابىيە خانىمغا يەتكۈزدۇق. خانىم ئۇنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن باشقا ھېچنېمە دېمىدى. ئاتالمىش ئۇيغۇر ئالىكېڭەش يىغىنى ۋاشىڭتوندا چاقىرىلدى. ئارىدىن بىر قانچە ئاي ئۆتۈپ، شىۋېتسىيەدە بابۇر مەخسۇت ئىسىملىك بىر جاسۇسنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىغا كېتىۋاتقاندا، نەق ماتېرىيال بىلەن قولغا چۈشكەنلىك خەۋىرى چىقتى. بابۇر رابىيە خانىمنىڭ قانۇنلۇق ۋەكىلى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان، ئىمزالىق خەتنى كۆرسىتىپ ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇپتۇ. شىۋېتسىيە جىنايى ئىشلار ساقچى ئىدارىسىدىن 4 نەپەر خادىم ۋاشىڭتونغا ئىككى قېتىم بېرىپ، بابۇر بىلەن رابىيە خانىمنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئېنىقلاپتۇ. بىراق مەسىلىنىڭ تۈگۈنى يېشىلمەپتۇ. چۈنكى رابىيە خانىم بابۇرنى تونۇشتۇرغان، بابۇرغا ئىشەنسە بولىدىغان دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلغان ئارىدىكى شەخسنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلىپتۇ. بابۇر دېلوسىدا بېلىقنىڭ چوڭىنى تورغا چۈشۈرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، شىۋېتسىيە سوتى بابۇرنىڭ ئىقرارى بويىچە : ۋەتەندە قالغان قىزىنىڭ ئىقتىسادى تەمىناتىنى قامداش ئۈچۈن، جاسۇسلۇق قىلىپ خىتاي كونسۇلىدىن پۇل ئالغان- دېگەن جىنايەت بىلەن كىسىم چىقاردى.

《خىتاي بىلەن دېئالوگ ئورنىتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى》- دەپ تەييارلىغان، ھېلىقى سىناق لايىھەنى رابىيە خانىم بابۇرغا بەرگەنمىتى؟ بابۇر خىتاي كونسۇلىغا كېتىۋاتقان يولدا قولغا چۈشكەندە، ھېلىقى ماتېرىيال ئۇنىڭ پوپكىسىدا بارمىتى؟ بابۇرنى خانىمغا كىم تونۇشتۇرغان؟ ئۇ كىشىنى رابىيە خانىم شىۋېتسىيە جىنايى ئىشلار ساقچىسىدىن نېمىشقا يوشۇردى؟ ئۇ كىشى رابىيە خانىم ئۈچۈن ئۆز نوپۇزىدىنمۇ قىممەتلىكمىتى؟ ئۇ زادى كىم بولۇشى مۇمكىن؟

27.06.2024

: ئابدۇرەھىمجان

Share
95 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.