logo

trugen jacn

دوكتور ئەركىن سىدىق: خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئۆزىگە ئەبەدىيلىك قوشۇۋېلىش قەستىدە

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

«ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز» دېگەن تېمىدىكى يىغىندا سۆز قىلغان دوكتور ئەركىن سىدىق: «خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ زېمىنىنى ئۆزىگە ئەبەدىيلىك قوشۇۋېلىش ئۈچۈن قىيناپ ئۆلتۈرۈش ۋە ئېغىر دەرىجىدە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ»، دېدى.

مەزكۇر لېكسىيە بېرىش يىغىنى 20-ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنى، «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» بىلەن «شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى جەمئىيىتى» نىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئېچىلدى.

ئىگىلىنىشىچە بۇ يىغىننىڭ مەقسىتى، كەلگۈسى ئۈچۈن ياشلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە ياشلارنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، يىغىندا ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئوپتىكا ئىنژېنېرى ئەركىن سىدىق ئەپەندىم، «ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز»، «ياش ئەۋلادلاردا مىللىي كىملىك تەربىيەسى ۋە ئۇلارنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى» دېگەن تېمىلاردا لېكسىيە سۆزلىدى.

ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر بېسىمغا دۇچ كېلىشنىڭ سەۋەبلىرىنى بىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن خىتاينىڭ سىياسىي تارىخى، خاراكتېرى، مەدەنىيىتى ۋە دۆلەت باشقۇرۇش پرىنسىپىنى چۈشىنىپ يېتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ، خىتاينىڭ باشقا مىللەتلەرگە قارىتا باشقۇرۇش ئەنئەنىسىنىڭ 2000 يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە ھازىرقى دەۋردىمۇ 2000 يىل ئىلگىرىكى باشقۇرۇش سىياسىتى بويىچە ئىرقىي ئايرىمىچىلىق قىلىش، ياخشىسىنى قوشۇۋېلىش ياماننى ئۆلتۈرۈپ يوق قىلىشتىن ئىبارەت چۈشەنچىسى  ھۆكۈم سۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، خىتاينىڭ ئىرقىي كەمسىتىش خاراكتېرىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ باشقىلارنى كەمسىتىشتە 2000 يىللىق كۈلتۈرى بار. خىتايلار تارىختىن بۇيان ئۆز ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا كىرگەن خەلقلەرنى ياكى كۈلتۈرىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا ئالدىرايدۇ.»

دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى، نەنكەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي پروفېسسورى يۇتۇب قانالدا تارقاتقان بىر ۋىدىيودا، 2000 يىلدىن بۇيان كىچىك مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ زېمىنىنى خىتاي زېمىنىغا قوشۇۋالغانلىقىنى پەخىرلىنىپ سۆزلىگەنلىكىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ زېمىنىنى قوشۇۋېلىش ئۈچۈن ئېغىر دەرىجىدە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ يىغىندا ئۇ يەنە، ياشلارنى تۈرمىگە قامالغان تۇغقانلارنى خەلقئارالىق مېدىيالار ئارقىلىق ئاشكارىلاپ، خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنى پاش قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.

بۇ يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇراخمان ھەسەن ئەپەندى بۇ يىغىندىن ياخشى پايدىلانغانلىقىنى ۋە بۇ يىغىنغا قاتناشقاندىن كېيىن پائالىيەت قىلىش ئىرادىسىنىڭ يەنە كۈچەيگەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/erkin-sidiq-08212018165057.html

Share
1834 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.