ئەڭ يېڭى خەۋەر
بىر ئۇيغۇر يازغۇچىنىڭ 3 تىلدا نەشىر قىلىنغان يېڭى كىتابى
ئۇكراينا دۆلەت رەئىسى ۋېلادىمىر زەلەنسكىنىڭ ئاقسارايدا تىرامپ تەرىپىدىن ئازارلىنىشى ۋە رۇس ئىشخالىنىڭ تۈپ سەۋەبى نىمە؟
تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارلانىڭ پاجىيەسى ۋە چىقىش يولى ھەققىدە قىسقىچە ئانىلىز
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئەركىن
غۇلجىلىق مەرھۇم سىياسىي مەھبۇس ياقۇپ ئىدرىسنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر، مەرھۇم قاماق مۇددىتى توشماي تۇرۇپ تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكى ئۈچۈن دائىرىلەر ئۇنىڭ مېيىتىنى يۇرتى-غۇلجىغا ئاپىرىپ دەپىنە قىلىشقا يول قويمىغانلىقىنى بىلدۈردى
2011-يىلى دىنىي سەۋەبتىن قولغا ئېلىنىپ، 2013-يىلى 10 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ياقۇپ ئىرىس غۇلجا شەھىرى ئەتراپىدىكى كېپەكيۈز يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق دىنىي زات.
قاماق جازاسىنى ئۈرۈمچى 4-تۈرمىدە ئۆتەۋاتقان ياقۇپ ئىرىس، بۇ يىل 9- ئاينىڭ ئاخىرلىرى «كېسەللىك سەۋەبى» بىلەن تۈرمىدە ۋاپات بولغان. بىراق دائىرىلەر مەھبۇسنىڭ قاماق مۇددىتى توشمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى يۇرتىغا ئاپىرىپ دەپىنە قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەرھۇمنىڭ مېيىتىنى ئۈرۈمچى گۆرساي قەبرىستانلىقىغا مەجبۇرى دەپىنە قىلدۇرغان
بۇ، 1997-يىلى «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» گە قاتنىشىپ، 7 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان مەرھۇمنىڭ 2- قېتىم قولغا ئېلىنىپ قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشى ئىدى
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/siyasiy-mehbus-10222014143543.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.
BENZER HABERLER