logo

trugen jacn

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنى «ئىس-تۈتەكسىز جەڭ مەيدانى» غا ئايلاندۇرماقتا

akladamhv5

گۈلچېھرە

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىدە «ئۈچ خىل كۈچ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان باش مەنبە، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋاسىتە، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئاساسىي مەقسەت، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيىسى ئاساس» دەپ كۆرسىتىپ بولۇپمۇ بۇلتۇردىن باشلاپ، ھەر قايسى ۋىلايەتلەر، ئوبلاستلار (شەھەرلەر) ھەر ساھەلەر «دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» تەشۋىقات-تەربىيە خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش، بۆسۈش مۇسابىقىسىگە چۈشۈپ كەتتى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا داۋام قىلىۋاتقان دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيىسىنى يوقىتىش بىر مەيدان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئالىي مەكتەپلەردىمۇ ئىپادىسىنى تاپتى.

بۇ يىل 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئالىي مەكتەپلەرگە «ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دىننىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قارشى تۇرۇش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر (سىناق نۇسخىسى)» ئۇقتۇرۇشىنى تارقاتتى، ئۇنىڭ مەزمۇنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئادەم تەربىيىلەش مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئەمەلىيەت جەريانىدا ئادەم تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش قاتارلىق 20 ماددىلىق پىكىرنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 7-ئاپرېلدىكى مۇناسىۋەتلىك خەۋىرىگە قارىغاندا يېقىندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتكوم سېكرېتارلىرى ۋە مۇدىرلىرى سۆھبەت يىغىنىدا «ئالىي مەكتەپنىڭ 20 ماددىلىق قائىدىسى»نى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يوليورۇقى بېرىلىپ، مەكتەپنىڭ «مۇداپىئە تېمى» نى بەرپا قىلىپ، ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە قارشى تۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش تەكىتلەنگەن.

يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىشى بىلەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە «ئالىي مەكتەپنىڭ 20 ماددىلىق قائىدىسى» بويىچە ئوقۇغۇچىلارنى مەركەزلىك تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان.

شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى بۇ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دىننىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىگە قارشى تۇرۇشتا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ماسلىشىپ تەدبىر قوللانغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. بۇ ھەقتە ئىلگىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەشۋىقات دائىرىلىرى مۇنداق خەۋەرلەر تارقاتقان ئىدى.

دىننىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىگە قارشى تۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ «مۇداپىئە تېمى»نى مۇستەھكەملەيلى دېگەن شوئار ئاستىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە جىددىي رەۋىشتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»تەشۋىقات-تەربىيىسىنىڭ يادروسى، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيىسىنىڭ مەنبەسى ۋە تارقىلىش يوللىرىنى قەتئىي ئۈزۈپ تاشلاپ، ئىدېئولوگىيە بازىسىنى قەتئىي ئىگىلەش ئىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنىڭ ستۇدېنتلىرى ھازىرلاشقا تېگىشلىك «شەرت» دەپ بەلگىلەنگەن «ئالىي مەكتەپنىڭ 20 ماددىلىق قائىدىسى» نىڭ 1-ماددىسىدا: دىننىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قارشى تۇرۇش يېتەكچى ئىدىيىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. دەپ كۆرسىتىلگەن.

مەكتەپلەردە بارغانچە كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دىننىڭ سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى، كىشىلىك ھوقۇقى، قانۇنىي ھەق ‏-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىش بەدىلىگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇلتۇر شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا دىنىي يوسۇندا كىيىنگەن، ساقال قويغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ كۇتۇپخانىلىرى ۋە تاماقخانىلىرىغا كىرىشىنى چەكلەش بۇنىڭ بىر مىسالى، بۇ خىل ھەددىدىن ئاشقان چەكلىمە ئوقۇغۇچىلارنىڭ توپلىشىپ نارازىلىق بىلدۈرۈشىگە سەۋەب بولغان ئىدى.

ۋاشىنگتوندا بىلىم ئاشۇرۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر ستۇدېنت قىز، ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتىدا تەييارلىق سىنىپتا، كېيىن خىتايدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش جەريانىدىمۇ شۇنداق ئادالەتسىز مۇئامىلىلەرگە، نامۇۋاپىق بەلگىلىمىلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى، شۇڭا ئۇ جايدا پۈتۈن زېھنىنى ئۆگىنىشكە بېرىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، ئامېرىكىدىكى ستۇدېنتلارنىڭ ئەركىنلىكىنى سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان بۇ خىل ھەددىدىن ئاشقان ئەسەبىي ۋاسىتىلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دىننى چەكلەش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا بولمىغان يوللاردىن بىر قىسىم رادىكال ئىدىيىلەرنىمۇ قوبۇل قىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى توغرا دىنىي تونۇشقا يېتەكلەش ئەڭ توغرا دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ستۇدېنت قىز يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋە خىتايدىكى بىر قىسىم ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ستۇدېنتلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز دەپ مەقسەتلىك مەجبۇرىي يولغا قويۇلغان «مىللىي-خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمە ياتىقى» نىڭ ئەمەلىيەتتە مىللىي زىددىيەتنىڭ مەنبەسى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق سۆزلەيدۇ.

تەڭرىتاغ تورى خەۋىرىدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى تاشپولات تېيىپنىڭ مۇنداق دېگىنى نەقىل ئېلىنغان: «مائارىپ سېپى بۆلگۈنچىلىككە، سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى مۇھىم ساھە، «ئىس-تۈتەكسىز جەڭ مەيدانى» بولۇپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنى دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيىسىنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتى ۋە كەلتۈرگەن زىيىنىنى ئېنىق تونۇپ، پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە تەربىيىلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك.»

ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدا مائارىپ سېپىدە ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلغان، ئامېرىكىدىكى ئاكتىپ پائالىيەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ كۆز قارىشىچە، مەكتەپ زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتىلدۈرىدىغان ۋە تارقىتىدىغان جاي، شۇڭىمۇ جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوخشىمىغان مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆز ‏-ئارا چۈشىنىش، ھۆرمەتلەش، ئۆز ‏-ئارا قايىل بولۇش، تىنچلىق ۋە تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشكە يېتەكلەش مەسئۇلىيىتى بار. مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى كوممۇنىزم ئىدىيىسى بىلەنلا چەكلەپ، دىنغا ئىشىنىشنى بۆلگۈنچىلىك ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتىگە باغلاپ جىنايەت دەپ چەكلەش ۋە باستۇرۇش، مەكتەپنىڭ پەن-تېخنىكا ۋە بىلىم تارقىتىدىغان، جەمئىيەتنى يېتەكلەيدىغان ئىلغار ئىدېئولوگىيە ھاسىل قىلىدىغان جاي بولۇشتەك ماھىيىتىگە خىلاپ، دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىدىن مەھرۇم قىلىش، ئىنكار قىلىش، ئۇلارنىڭ كىملىكىنى يوقىتىش، بۇ پەقەت ئۆچمەنلىك ۋە زىددىيەتتىن باشقا نەرسە ئېلىپ كېلەلمەيدۇ

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/maarip/aliy-bilim-04072015164514.html

Share
2096 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.