ئەڭ يېڭى خەۋەر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
مېھرىبان
ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر ئۇچقۇچى كاپىتان ئەكبەر مەمەتنىڭ خاڭجۇدا ساقچىلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈش ۋەقەسىدىن كېيىن، يەنە بىر نەپەر ئۇيغۇر ئۇسۇل ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئۇچرىغان سىنئالغۇ فىلىمى ئاممىۋى تاراتقۇلاردا ئاشكارىلىنىپ، خىتايدا كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن تورداشلار مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنىڭ باشقا مىللەتلەرگە قارىتا ئاشكارا ئىرقچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، بۇ قىلمىشلارنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-40-يىللىرى گىتلېرنىڭ يەھۇدىلارغا قاراتقان ئىرقچىلىق سىياسىتىنى ئەسلىتىدىغانلىقىنى، خىتايدىكى مۇقىمسىزلىققا ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۆزى مەسئۇل بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
27-يانۋار كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن فېيسبوكقا يوللانغان بۇ فىلىمدا، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ مېھمانخانا ياتىقىدا بىر ئۇيغۇر ئۇسۇل ئوقۇتقۇچىسىنىڭ نەرسە-كېرەكلىرىنى قوپاللىق بىلەن ئاختۇرۇش ۋە ساقچىلارنىڭ ئۇنى سىنئالغۇغا ئېلىپ تۇرۇپ سوراق قىلىش جەريانى ئەينەن خاتىرىلەنگەن.
فىلىمدىكى كۆرۈنۈشلەرگە قارىغاندا، ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن نارازى بولغان ئۇيغۇر خانىم خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پەقەت ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىلا تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىدىغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈرگەن.
«مېھمانخانىدا ياتاق ئالغىنىم مېنىڭ جىنايىتىممۇ؟ مەيلى يىل ئاخىرى بولسۇن، ياكى چاغان مەزگىلى بولسۇن، ھەرقانداق ۋاقىتتا سىلەر بىز شىنجاڭلىقلارنى ۋە شىزاڭلىقلارنى تەكشۈرىسىلەر. بىز ماسلىشىپ كېلىۋاتىمىز. مەن نېمە قىلغىنىم ئۈچۈن بۇ خىل تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىمەن؟ بۇ خىل قوپال مۇئامىلىگە ئۇچرايمەن؟ مەن ئادەم ئۆلتۈردۈممۇ؟ ئوت قويدۇممۇ؟ ئائىلە كېلىپ چىقىشىمدا مەسىلە بارمىكەن يا؟»
ئۇيغۇر خانىم تەكشۈرۈش جەريانىنى تولۇق خاتىرىلىۋالغان ۋە شۇ ئەسنادا ساقچىلارغا ئۆز سالاھىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ: «دادام ئۇچقۇچى، ئانام ئادۋوكات، ئۆزۈم تەكلىپ قىلىنغان ئۇسۇل ئوقۇتقۇچىسى. سىلەر بۇ تەكشۈرۈشنى خىزمەت ئېھتىياجى دەۋاتىسىلەر ۋە مېنى كەيپىياتىڭنى كونترول قىل دەۋاتىسىلەر. ئەگەر سىلەر شىنجاڭغا بارساڭلار، مۇشۇنداق قوپاللىق بىلەن تەكشۈرۈشكە ئۇچرىساڭلار، قانداق ھېسسىياتتا بولىسىلەر؟»، ئەمما ئۇنىڭ بۇ قارشىلىق بايانلىرىمۇ تەكشۈرۈشنى توختىتالمىغان.
ئىگىلىشىمىزچە، مەزكۇر ۋەقەنىڭ سىن خاتىرىسى فېيسبوكقا يوللىنىپ بىر كۈن ئىچىدىلا بۇ فىلىمنى كۆرگۈچىلەر نەچچە مىڭدىن ئاشقان. تورداشلار خىتاي ساقچىلىرىنىڭ مېھمانخانىدا ئېلىپ بارغان ئۇيغۇر ئايالنى تەكشۈرۈش جەريانىدىكى قوپاللىقىنى ئەيىبلەيدىغان ئىنكاسلارنى يازغان.
بىر تورداش ئىنكاسىدا «بۇ ياش خانىمنىڭ دادىسى ئۇچقۇچى، ئانىسى ئادۋوكات بولۇشى، ئۆزىنىڭ ئۇسۇل ئوقۇتقۇچىسى بولۇشى ئۇنىمۇ ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن قۇتقۇزالماپتۇ. مانا بۇ ئۇيغۇرلار ئومۇميۈزلۈك ئۇچراۋاتقان قىسمەت» دەپ يازغان.
يەنە بىرەيلەن بولسا «قېرىنداشلار، مەيلى دادىسى ياكى ئاپىسى نېمە ئىش قىلىشىدىن قەتئىينەزەر بىز ئۇيغۇر بولغانلىقىمىز ۋە خىتايدىن پەرقلىق بولغىنىمىز ئۈچۈن بۇ خىل مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتىمىز. بىز ئۈزىمىز نىڭ كىملىكىنى ئۇنتۇدۇق. بىراق خىتايلار ھېچقاچان بىزنىڭ كىملىكىمىزنى ئۇنتۇمايدۇ. بۇنى چوقۇم ئېسىمىزدە ساقلىشىمىز لازىم» دەپ يازغان.
ئۈندىدار تورىدا خۇ فامىلىلىك خىتاي تورداش ئۆز ئىنكاسىنى بىلدۈرۈپ، «ئۇيغۇرلار ساقچىلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتقان بۇنداق كۆرۈنۈشلەر ھازىر بارغانچە كۆپىيىۋاتىدۇ. ھازىر ئىچكىرىدە ‹شىنجاڭلىقلار ۋە شىزاڭلىقلارنى كۆرسەڭلار خەۋەر قىلىڭلار، خەۋەر قىلمىغانلار مەسىلە چىقسا ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ› دېگەندەك ئۇقتۇرۇشلارنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. ‹شىنجاڭلىق› ۋە ‹شىزاڭلىق› دېگەن كىملىكى بار كىشىلەرگە مېھمانخانىلاردا ياتاق بېرىلمەيدۇ، ئۆي ئىجارىگە بېرىلمەيدۇ، ياتاق ۋە ئۆي ئالغانلارنىمۇ ساقچىلار ئەينى مۇشۇ فىلىمدىكىدەك تەكشۈرىدۇ. ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلىق قىلغىنى ئۈچۈن، ئېتىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىمۇ كۆرۈۋاتىمىز. بۇ خىل مۇئامىلە ماڭا گىتلېرنىڭ يەھۇدىلارغا قاراتقان ئىرقىي كەمسىتىش سىياسىتىنى ئەسلەتتى. بۇ بەك قورقۇنچلۇق» دەپ يازغان.
تېخى ئۆتكەن ھەپتە يەنى 21-يانۋار كۈنى ساقچىلار خىتاي جەنۇبىي ئاۋىئاتسىيە باش شىركىتى شىنجاڭ تارماق شىركىتىنىڭ ئۇچقۇچىسى كاپىتان ئەكبەر مەمەتنىمۇ مېھمانخانىدا نەرسىلىرىنى ئاختۇرۇپ تەكشۈرگەندىن كېيىن، ساقچىخانىغا ئېلىپ بېرىپ سۈرىتىنى تارتىپ، بارماق ئىزىنى ئېلىپ قوپاللىق بىلەن تەكشۈرۈلگەن، بۇ خىل تەكشۈرۈشتىن ئۆزىنىڭ خورلۇق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەكبەر ئۈندىدار تورىدا نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.
چەتئەللەردىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن نيۇ-يوركتىكى خىتاي مەسىلىلىرى ئانالىزچىسى چېن پوكۇڭ ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئىلشات ئەپەندىلەر رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى ئاللىقاچان بىر دۆلەتنىڭ ئۆز دۆلەت پۇقرالىرىغا قارىتىلىدىغان سىياسەتتىن ھالقىپ، ئۇيغۇرلارغا خىتاي دۆلىتىنىڭ دۈشمىنى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىشقا ئۆزگەرگەنلىكىنى، ھەتتا ئۇيغۇرلارغا قارىتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت تېررورلۇقى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
چېن پوكۇڭ ئەپەندى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ يامان ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ:«ئاڭلاۋاتقان خەۋەرلەر، كۆرۈۋاتقان فىلىملەردىن كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ‹دۆلەت تېررورى› سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ئىپادىلىنىپ تۇرۇپتۇ. ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ تەكشۈرۈش نىشانى قىلىنىشى، سوراق قىلىنىشى ھازىر ئادەتتىكى ئىشلارغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ، ئەمەلىيەتتە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ‹تېررورلۇق ۋەقەلىرىگە زەربە بېرىش› نامىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بۇ خىل قاتتىق تەكشۈرۈش، باستۇرۇش سىياسىتى ئەكسىچە خىتاي پۇقرالىرىدا ئۆز بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىۋەتتى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى ۋە ئۇنى ئىجرا قىلغۇچىلار ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىق ۋە دۆلەتتىكى مۇقىمسىزلىققا سەۋەب بولۇۋاتىدۇ. كومپارتىيىنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىتى ئۇنى ئاللىقاچان ھالاكەت يولىغا ئېلىپ كىردى» دېدى.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ۋە سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئۆز قارىشىنى ئىپادىلەپ: «خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئۇيغۇرلارنى يەكلەش سىياسىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنى ئۆزىگە دۈشمەن قىلىدىغان ئاقىۋەتنى بارلىققا كەلتۈرىدىغانلىقى» نى بىلدۈردى.
ئىلشات ئەپەندى يەنە، خىتاي تورداشلىرىنىڭ ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تەكشۈرۈشىگە بولغان نارازىلىق ئىنكاسلىرى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، «بىر قىسىم خىتاي پۇقرالىرىدىكى بۇ خىل نارازىلىق ئىنكاسلىرىغا ئەمەلىيەتتە خىتاي پۇقرالىرىدىكى ئۆز بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەش ۋەھىمىسى سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى، خىتاي مىللەتچىلىرى بولسا ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ ئاقىۋەتتە خىتايدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىللىق يولىنى تاللىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتىنى تەنقىدلەۋاتقانلىقى» نى بىلدۈردى.
خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق خەلقئارا تاراتقۇلار يېقىنقى يىللاردا ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن، بىرقانچە يىلدىن بۇيان تىرىكچىلىك، ساياھەت، خىزمەت قاتارلىق تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ مېھمانخانىلاردا ياتاق ئالالماسلىق، ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىدە تەكشۈرۈلۈش ھەتتا يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن چىقىرىلغان «شىنجاڭلىقلارنى مەلۇم قىلىش» ئۇقتۇرۇشلىرى سەۋەبلىك ساقچىخانىلارغا مەلۇم قىلىنىپ قاتتىق تەكشۈرۈلۈش قىسمىتىگە يولۇقۇش ئەھۋالىنىڭ كۆپەيگەنلىكى ئاشكارىلانغان ۋە بۇ ئەھۋاللارنىڭ خىتاي ئىچىدە ئۇيغۇرلارنى نارازى قىلغان بولسا، بىر قىسىم دېموكراتىيە تۇيغۇسىغا ئىگە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/xitayda-uyghur-01282016130155.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.