logo

trugen jacn

خىتاي ئۇيغۇر رايونىدىكى خەۋەر قىلىنمىغان بىر قىسىم قانلىق ۋەقەلەرنى قىسمەن ئاشكارىلىدى

images

شۆھرەت ھوشۇر

خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتى قاتارلىق دۆلەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۆتكەن ھەپتە خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتلىرىنى مەدھىيەلەپ ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن، ئەمما خەۋەر قىلىنمىغان ئۈچ قانلىق ۋەقەنى تىلغا ئالغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۆتكەن يىلنىڭ مەلۇم بىر كۈنى بىر گۇرۇھ ئاتالمىش تېررورچىلار ئاقسۇدا كوچا چارلاۋاتقان قوراللىق ساقچى ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلغان، ھۇجۇمدا ۋەقە مەيدانىغا بىر ئاپتوموبىلدا كەلگەن ھۇجۇمچىلار ساقچى ئاپتوموبىلىغا ۋە ئەتراپىغا قارا-قويۇق بومبا تاشلىغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك قوراللىق قىسىم ئەترىتى ھۇجۇمچىلارنى قورشاۋغا ئېلىپ ۋەقەنى بېسىقتۇرغان.

خەۋەردە يەنە دېيىلىشىچە، ئۆتكەن يىلنىڭ مەلۇم بىر كۈنى بىر گۇرۇھ ئاتالمىش تېررورچىلار تۈن كېچىدە مەلۇم بىر ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلغان، بۇ ھۇجۇم يۈەن شياۋپىڭ ئىسىملىك بىر ئەترەت باشلىقىنىڭ قوماندانلىقىدا بىر تەرەپ قىلىنغان. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە بۇ ۋەقەنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىدا ساقچىلارنىڭ ئورۇن جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى مۇھىم رول ئوينىغان. خەۋەردە ۋەقەنىڭ ئېنىق ۋاقتى ۋە ئورنىنىڭ يوشۇرۇلۇشى، ۋەقەدە ئۆلگەن-يارىلانغانلار سانىنىڭمۇ تىلغا ئېلىنماسلىقى خەلقئارا ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/qanliq-weqe-01262016150347.html

Share
1541 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.