logo

trugen jacn

خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تەكشۈرۈش «ئاشكارا مىللىي كەمسىتىش» دەپ ئەيىبلەندى

image

مېھرىبان

ﺋﺎﯕﻼﺵ

ﺋﺎﯕﻼﺵ

ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۆتكەن ھەپتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا شېنجېندىكى دۇڭمىن ساقچىخانىسىنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى توپلاش جەدۋىلى» ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، رادىيومىز خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى بىرقانچە مېھمانخانىغا تېلېفون قىلىپ ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن، ئۇيغۇرلارغا ئاساسەن ياتاق بېرىلمەيدىغانلىقى، ئۇيغۇرلاردىن ئۆز يۇرتىدىكى ساقچىخانىنىڭ ئىسپات خېتىنى كۆرسىتىشى ياكى مەزكۇر مېھمانخانا قاراشلىق رايوندىكى ساقچىخانىلارغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇشى تەلەپ قىلىنىدىغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار مەلۇم بولغان ئىدى. تۈنۈگۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا يوللانغان يەنە بىر سىنئالغۇ فىلىمىدا خىتايدىكى ئايرودرومدا قوپاللىق بىلەن تەكشۈرۈشكە ئۇچرىغان يەنە بىر تىبەت پۇقراسىنىڭمۇ كەمسىتىش خاراكتېرىدىكى تەكشۈرۈشكە نارازىلىقى ئاشكارىلىنىپ، تورداشلار ئارىسىدا مۇنازىرە تېمىسى بولدى.

چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بۇ خىل مۇئامىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، دائىرىلەرنىڭ بۇ قىلمىشى ئاشكارا مىللىي كەمسىتىش سىياسىتى يۈرگۈزگەنلىك دەپ ئەيىبلىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىدە ئۇيغۇرلار تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىنىپ، ئۇيغۇرلارغا مېھمانخانىلاردا ياتاق بېرىلمەسلىك، ئۆي ئىجارە بېرىلمەسلىك قىلمىشلىرى، ئەيىبلىنىۋاتقان شارائىتتا، ئۆتكەن ھەپتە يەنە ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇرىنى توپلاش جەدۋىلى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، 15-ماي يەكشەنبە كۈنى يەنە بىر نەپەر تىبەتنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى مەلۇم ئايرودرومدا يېنى ئاختۇرۇلۇپ قوپاللىق بىلەن تەكشۈرۈشكە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدىكى سىنئالغۇ فىلىمى تارقالدى.

مەزكۇر سىنئالغۇدا ئايرودرومدا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ بولغان تىبەت، تەكشۈرگۈچى خادىم تەرىپىدىن باشقا يولۇچىلاردىن ئايرىپ ئېلىپ قېلىنىپ، مەخسۇس ئەسۋاب بىلەن يانلىرى ئاختۇرۇلۇپ قايتىدىن تەكشۈرۈلگەندە يۈز بەرگەن جېدەل ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

ئۆزىنى تەكشۈرۈۋاتقان خادىمىنى تېلېفون ئارقىلىق سىنئالغۇغا ئېلىۋاتقان تىبەتلىك باشقا خىتايلار ئۆتكۈزۈلۈۋېتىپ، ئۆزىنىڭ بۇ خىل قوپاللىق بىلەن تەكشۈرۈلۈشىگە نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ، «مەن بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ بولدۇم، چامادىنىمنى ئېچىپ تەكشۈردىڭلار مەسىلە چىقمىدى. باشقا يولۇچىلارنىڭ ھېچقايسىسى تەكشۈرۈلمىدى. مەن تىبەت بولغىنىم ئۈچۈنلا تەكشۈرۈلۈۋاتامدىمەن؟ بۇ ئاشكارا ھالدىكى مىللىي كەمسىتىش سىياسىتى ئەمەسمۇ؟! بىز تىبەتلەرگە» دېگەن.

بۇ تىبەت كىشى يەنە تەكشۈرگۈچى خادىملارنىڭ «بىز ئارىلاپ تەكشۈرۈۋاتىمىز. بۇ يەردە مىللىي كەمسىتىش مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس!» دېگەن جاۋابىغا قايىل بولماي، «بۇ خىل تەكشۈرۈشنى پەقەت شىزاڭلىقلار ۋە شىنجاڭلىقلارغىلا (ئۇيغۇرلارغا) قارىتىۋاتامسىلەر؟ ئەجەبا بىز جۇڭگو پۇقراسى ئەمەسمۇ؟ يۇقىرىنىڭ مۇشۇنداق بۇيرۇقى بارمىدى؟» دەپ ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەندە، تەكشۈرۈگۈچى خادىملار ئامالسىز ھالدا «بىز پەقەت ۋەزىپىمىزنى ئىجرا قىلىۋاتىمىز. بىزگە شۇنداق بۇيرۇق بار» دەپ جاۋاب بەرگەن.

نۆۋەتتە شىنجىن دۇڭمىن ساقچىخانىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تىزىملاش جەدۋىلى ۋە خىتايدىكى تىبەتلىكنىڭ تەكشۈرۈشكە بولغان نارازىلىقى ھەققىدىكى سىنئالغۇ ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدىن ئۈندىدار، فېيسبوك قاتارلىقلاردا ۋە خەلقئارا تاراتقۇلاردا يەنە بىر قېتىملىق مۇنازىرە تېمىسى بولدى.

نۆۋەتتە ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا ئىنكاس يازغان تورداشلار، ئۆز تەنقىدلىرىدە «بۇ ئەھۋاللار 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى گېتلېر گېرمانىيەسىدە كەمسىتىشكە ئۇچرىغان يەھۇدىلارغا قارىتىلغان سىياسەتنى ئەسلەتتى»، «بۇ ئاشكارا ھالدىكى مىللىي كەمسىتىش سىياسىتى»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەكىتلىنىۋاتىدۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە قارىتىلغان ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇقرا مۇئامىلىسى داۋاملىشىۋاتىدۇ» دېگەن ئەيىبلەشلىرىنى بايان قىلدى.

رادىيومىز 12-ماي كۈنى يۈننەننىڭ كۈنمىڭ شەھىرىدىكى مېھمانخانىلارغا تېلېفون قىلىپ ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردا، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان 3 مېھمانخانىنىڭ خادىملىرى بىردەك، «مەزكۇر مېھمانخانىغا ئۇيغۇرلار قوبۇل قىلىنمايدۇ. مېھمانخانىدا ياتماقچى بولغان ئۇيغۇرلار ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ساقچىخانىنىڭ ئىسپات خېتىنى كۆرسىتىشى ياكى بىزنىڭ مېھمانخانىلار قاراشلىق ساقچىخانىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈشى كېرەك» دەپ جاۋاب بېرىپ، سەۋەبىنى يۇقىرىنىڭ شۇنداق بۇيرۇقى بار» دەپ ئىزاھلىغان ئىدى.

ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكا ئاۋازى مۇخبىرى شېنجېن دۇڭمىن ساقچىخانىسىدىن مەزكۇر جەدۋەلگە ئائىت ئەھۋاللارنى سورىغاندا، ساقچى خادىمى بۇنى ئېتىراپ قىلىپ، مەزكۇر جەدۋەلنىڭ ھەقىقەتەن ئۇيغۇرلارغا ئائىت چىقىرىلغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇنىڭ يەرلىك ساقچىخانىنىڭ بەلگىلىمىسى بولماستىن، بەلكى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بەلگىلىمە ئىكەنلىكى بىلدۈرگەن ئىدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارمۇ دائىرىلەرنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى «ئاشكارا ھالدىكى مىللىي كەمسىتىش سىياسىتى» دەپ ئەيىبلىدى.

نۆۋەتتە گېرمانىيەدە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ئەپەندى ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، نۆۋەتتە خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ھەر خىل كەمسىتىش خاراكتېرىدىكى مۇئامىلىلەرنىڭ ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ خىل ئەھۋالنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇق ۋەقەلىرىگە باغلاپ تەشۋىق قىلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇۋەلى ئەپەندى يەنە بۇ خىل كەمسىتىش ۋە ئايرىمىچىلىق سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ خىتاي پۇقراسى ئەمەسلىكىنى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۆز سىياسىتىدە ئىپادىلىگەنلىكى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى نامدا خىتايدا 56 مىللەت بار، ھەر مىللەت خەلقى ھوقۇقتا باراۋەر، ئىتتىپاق دەپ تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. ئەمما خىتاي ئۆلكىلىرىدە پەقەت ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭلا تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىنىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىككى مىللەت كىشىلىرىنىڭ خىتاي پۇقراسى ئەمەسلىكىنى ۋە بۇ زېمىنلارنىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى ئۆزلىرى ئېتىراپ قىلغانلىق» دېدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى، شېنجېن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇرىنى توپلاش جەدۋىلىنى چىقىرىشىغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇپ،بۇنىڭ دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا مىللىي كەمسىتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قاراتقان مىللىي سىياسىتىدە كەمسىتىش خاراكتېرىنىڭ بۇنداق ئاشكارا ئىپادىلىنىشى خەلقئارانىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

دىلشات ئەپەندى بايانىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ خىل كەمسىتىش سىياسىتىنى توختىتىشقا چاقىرىپ، ئۇيغۇرلارغا مېھمانخانىلاردىن ياتاق بەرمەسلىك، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نازارەت قىلىنىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىشى، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ ئايرودروم، پويىز ئىستانسىلىرىدا ئايرىپ قېلىنىپ قاتتىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈشى قاتارلىق ئەھۋاللار مۇشۇ ھالەتتە داۋاملاشسا، بۇ مىللەتلەرنىڭ نارازىلىقى تېخىمۇ كۈچىيىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى كۆرۈشنى خالىمايدىغان تېخىمۇ يامان ئاقىۋەتلەر يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/milliy-kemsitish-05162016134328.html

Share
1427 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.