ئەڭ يېڭى خەۋەر
بىر ئۇيغۇر يازغۇچىنىڭ 3 تىلدا نەشىر قىلىنغان يېڭى كىتابى
ئۇكراينا دۆلەت رەئىسى ۋېلادىمىر زەلەنسكىنىڭ ئاقسارايدا تىرامپ تەرىپىدىن ئازارلىنىشى ۋە رۇس ئىشخالىنىڭ تۈپ سەۋەبى نىمە؟
تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارلانىڭ پاجىيەسى ۋە چىقىش يولى ھەققىدە قىسقىچە ئانىلىز
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
مېھرىبان
ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن دىئالوگ فوندى جەمئىيىتى 2013-يىلى خىتايدا 2400 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
21-ئۆكتەبىر ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا 2013-يىلى خىتايدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلەر سانىنىڭ پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلەر ئومۇمىي سانىدىنمۇ كۆپلۈكى تىلغا ئېلىنىپ، بىرنەچچە كىچىك دۆلەتنى ھېسابقا ئالمىغاندا بۇلتۇر دۇنيا بويىچە 778 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.
دوكلاتقا قارىغاندا، 2013-يىلىدا خىتايدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلەر سانى 2012-يىلىدىكىدىن 20% ئازايغان.
دوكلاتتا 2013-يىلى خىتايدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلەرنىڭ ئالدىنقى يىللاردىكىدىن ئازايغانلىقى 2013- يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونى ۋە خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدە ئېلىپ بارغان ئاتالمىش «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى توختىتىپ قويغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنلىكى كۆرسىتىلگەن.
دوكلاتتا يەنە، ئۇيغۇر قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلىرىنى باستۇرۇش جەريانىدا ساقچىلار تەرىپىدىن نەق مەيداندا ئېتىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلار ۋە ھۆكۈمەتكە نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋالغان تىبەتلەر سانىنىمۇ ئېنىقلاش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن
http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/olum-jazasi-10212014161916.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.
BENZER HABERLER