logo

trugen jacn

خوتەندە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى سۆھبەت يىغىنى» دا قاتتىق زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇش تىلغا ئېلىندى

 

شىنخۇا تورىنىڭ 3 – مارت كۈنى تارقاتقان خەۋىرىدىن قارىغاندا، جاڭ چۈنشيەن يېقىندا خوتەندە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى سۆھبەت يىغىنى» چاقىرىپ، خوتەندىكى ھەرقايسى دەرىجىلىك رەھبەرلەر، كادىرلار ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى نەمۇنىچىلار بىلەن كۆرۈشكەن.

جاڭ چۈنشيەن يىغىندا قىلغان سۆزىدە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتىپ : «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن يېڭى ئۇسۇل، يېڭى تەدبىر ئۈستىدە ئىزدىنىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئىشلىرىنى، قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇردى، يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاپ، ”ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش“ تەشۋىقات – تەربىيەسى ئارقىلىق ئاممىنى داۋاملىق سەپەرۋەر قىلدى» دېگەن.

ھالبۇكى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى جاڭ چۈنشيەننىڭ «قاتتىق زەربە بېرىش ۋە يۇقىرى بېسىملىق ھالەت» ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قورال كۈچى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا زورلاپ تاڭماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ھالبۇكى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئۆز دوكلاتلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي، مەدەنىي ۋە سىياسىي ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، رايوندىكى مىللىي كەمسىتىش سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىگۈچە مىللەتلەر ئارا ئىشەنچ ۋە مۇقىملىق يارىتالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلگەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xoten-qattiq-zerbe-03032016204056.html

Share
994 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.