logo

trugen jacn

جاڭ چۈنشيەننى «ئەڭ چوڭ زوراۋان تېررورچى» دەپ ماقالە ئېلان قىلغان جاڭ خەيتاۋ 19 يىللىق كېسىلدى

image

ئەكرەم

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن، جاڭ چۈنشيەننى «ئەڭ چوڭ زوراۋان تېررورچى» دەپ ماقالە ئېلان قىلغان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى جاڭ خەيتاۋ ئۇيغۇر ئېلىدا 19 يىللىق قاماق جازاسىغا ئۇچرىغان.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى خىتاي بۆلۈمى، بوشۈن تورى، خەلقئارا مۇستەقىل قەلەمكەشلەر بىرلىكى قاتارلىقلارنىڭ خەۋەرلىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى جاڭ خەيتاۋ يېقىندا «دۆلەتنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى» ئۈچۈن 15 يىل، «چەتئەلنى ئاخبارات بىلەن تەمىنلەش جىنايىتى» ئۈچۈن 5 يىل، جەمئىي 19 يىللىق قاماققا مەھكۇم قىلىنىپ، 120 مىڭ سوملۇق مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى بېرىلگەن.

خەۋەرلەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى جاڭ خەيتاۋ 2015-يىلى 26-ئىيۇن كۈنى «مىللىي ئۆچمەنلىك ۋە مىللىي ئايرىمىچىلىققا قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى» بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، كېيىن ئۇنىڭ جىنايىتى «دۆلەتنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى» قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.

خىتاي سوتىنىڭ كۆرسەتكەن پاكىتلىرىدا «جاڭ خەيتاۋ بوشۈن تورىنىڭ مۇخبىرى بولۇپ ئىشلىگەن» دېيىلگەن. ئۇنىڭ يەنە چەتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقىمۇ جىنايى پاكىت قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. بىراق ئۇنىڭ ئايالى لى ئەيجىې مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئېرىگە بېكىتىلگەن بۇ جىنايەتلەرنىڭ يالغان ۋە پۇت دەسسەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «جاڭ خەيتاۋ پەقەت بىر نەچچە ئېغىز سۆز قىلغان، بىر نەچچە قېتىم باشقىلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، توردا بىر نەچچە پارچە ماقالە ئېلان قىلغان. باشقا ھېچقانداق ئىشى يوق. ئەجەبا، بىر نەچچە ئېغىز گەپ ئۈچۈن 19 يىللىق كېسىۋېتەمدۇ؟ ئۇنىڭ بىر ئېغىز گېپى بىلەن ھاكىمىيەت ئاغدۇرۇلۇپ كېتەمتى؟ ئۇنىڭ بىر ئېغىز گېپىنىڭ كۈچى ئاتوم بومبىسىنىڭ كۈچىدىنمۇ يامانمۇ؟ ئۇلاردىكى ۋىجدان نەگە كەتتى؟»

جاڭ خەيتاۋنىڭ ئادۋوكاتى لى دۈنيۇڭ 18-يانۋار كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتى قوبۇل قىلغاندا، «جاڭ خەيتاۋ ئۈستىدىكى جىنايى پاكىت، پەقەت ئۇنىڭ توردا ئېلان قىلغان نەرسىلىرىدىنلا ئىبارەت، باشقا ھېچنېمە يوق. شىنجاڭ دېگەن بۇ جاي گويا مۇستەقىل بىر پادىشاھلىققا ئوخشايدىكەن. نۇرغۇن جەھەتلەردە ئىچكىرىدىن پەرقلىنىدىكەن، ھۆكۈم ئېلان قىلغاندا ئۇيغۇر، خىتاي دەپ پەرقلەندۈرۈپ ئولتۇرمايدىكەن» دېگەن.

«بوشۈن» تورى 19-يانۋار بۇ خۇسۇستا ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، جاڭ خەيتاۋنىڭ بوشۈن تورىنىڭ مۇخبىرى بولغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنىڭ بوشۈن تورىدا ئىككى پارچە ماقالە يازغانلىقىنى، ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەننىڭ چىشىغا تېگىپ قويغانلىقىنى، نەتىجىدە جياڭ چۈنشيەننىڭ ئۆچ ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

جاڭ خەيتاۋنىڭ بوشۈن تورىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىنىڭ بىرى «جاڭ چۈنشيەن بولسا شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ زوراۋان تېررورچى» دېگەندىن ئىبارەت بولغان. يەنە بىرى، «مېنىڭ 4-ئىيۇن شىنجاڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن قانۇنسىز تۇتۇپ كېتىلىپ قاماپ قويۇلۇش تارىخىم» ناملىق ئەسىرى بولغان. ئۇ 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى يازغان «جاڭ چۈنشيەن بولسا شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ زوراۋان تېررورچى» ناملىق ماقالىسىدە، جاڭ چۈنشيەنگە جەڭ ئېلان قىلىپ، جاڭ چۈنشيەننىڭ ئاتالمىش تېررورچىلارنى قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى توغرىلىق ئۇنىڭ بىلەن ئاشكارا مۇنازىرىلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

جاڭ خەيتاۋنىڭ 19 يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنىشى، چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ھەمدە ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىدى.

گېرمانىيەدىكى «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتى» ئىجرائىيە كومىتېتى ئەزاسى مانيان بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ «مەن جاڭ خەيتاۋنى ياخشى بىلىپ كەتمەيمەن، ئەمما خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىدە ئېغىر مەسىلە بارلىقىنى بىلىمەن. خىتاي كومپارتىيىسى ئېغىزىدا ئازسانلىق مىللەتلەرگە غەمخورلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن ئازسانلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ باستۇرۇش ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇھىم بولغىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلمايۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ» دېدى. مانيان سۆزىدە يەنە شۇلارنى تىلغا ئالدى: «مېنىڭچە، ئۇيغۇرلار پەقەت ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈنلا باستۇرۇلۇۋاتقىنى يوق. ئەگەر سەن كومپارتىيىنىڭ گېپىنى ئاڭلىساڭ، ئۇنىڭغا بويسۇنساڭ، پۈتۈنلەي ئۇنىڭغا ئەگەشسەڭ ۋە ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە ياشىساڭ، ئۇ سېنى باستۇرمايدۇ. كومپارتىيىنىڭ باستۇرۇش نىشانى بولسا، ئوخشىمايدىغان كۆز قاراش، مۇخالىپ پىكىر ۋە ئوخشىمايدىغان ئېتىقاد. مىسال ئۈچۈن، سەن بىر دىنغا ئىشەنگۈچى ئۇيغۇر بولغان بولساڭ، نېمىگە ئىشىنىش ئۆزۈمنىڭ ئەركىنلىكى، دەپ قارىساڭ، ئۆز ئېتىقادىڭ بىلەن ياشىماقچى بولساڭ، بۇ چاغدا سېنىڭ ھالىڭ يامان بولىدۇ، دىنسىزلىقنى تەرغىب قىلىدىغان بۇ گۇرۇھ بىلەن ئاراڭدا تەبىئىي زىددىيەت تۇغۇلىدۇ. سەن ئېتىقاد ئەركىنلىكىم بار، يىغىلىش ئەركىنلىكىم بار دەپ بىرقىسىم كىشىلەر بىلەن توپلىشىپ ئىبادەت قىلىسەن ياكى ھۆكۈمەت ياقتۇرمايدىغان پىكىرلەرنى سۆزلىشىسەن، ئىچىڭدىكى دەرتنى تۆكۈسەن، ھۆكۈمەتنىڭ بېسىمىغا ئېتىراز بىلدۈرىسەن ياكى كومپارتىيىنىڭ زۇلۇمىغا نارازى بولىسەن، بۇ چاغدا خىتاي سېنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكىڭ بىلەن، پىكىر ئەركىنلىكىڭ بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ، بەلكى مۇخالىپ كۆز قاراشتا بولغانلىقىڭ ئۈچۈنلا سېنى تۇتۇپ سولايدۇ. مانا بۇ كومپارتىيىدىكى ئەڭ ئېغىر كېسەللىك. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئەڭ ئاددىي مىسالى. باشقىلارنىڭ ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلماسلىق، مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت قىلماسلىق، پىكىر ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلماسلىق يالغۇز ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەرگىلا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىياسەت ئەمەس، خىتاي خەلقىنىڭ ئۆزىگىمۇ كومپارتىيە خالىمىغاننى قىلىش، كومپارتىيە ئىشەنمە دېگەنگە ئىشىنىش پۈتۈنلەي مەنىي قىلىنغان.

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى جاڭ خەيتاۋنىڭ 19 يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنىش مەسىلىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى ۋەزىيەتنىڭ نەقەدەر يامانلاشقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

گېرمانىيەدىكى «خىتاي دېموكراتىك فېدىراتسىيونى» نىڭ رەئىسى فېي لياڭيۇڭمۇ بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، جاڭ خەيتاۋ دېلوسىنىڭ خىتايدىكى پىكىر ئەركىنلىكى تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ يۇقىرى چەككە يەتكەنلىكىنىڭ بىر دەلىلى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە، «ئەگەر ئۇ بىر قانچە پارچە ماقالە ئۈچۈن 19 يىللىق كېسىلگەن بولسا، بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر كەتكەن بىر جازا. بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى بىلەن جەڭگە چۈشكەنلىكىنىڭ دەلىلى. بىر ئادەم ئەگەر ئاشكارا ھالدا بىر مىللەتنى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە مەقسەتلىك قۇتراتمىغانلا بولسا، ئۇ ئادەم يازمىسىدا كەتكەن ئۇنداق-مۇنداق خاتالىقلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىلمايدۇ. «دۆلەتنى پارچىلاش، تېررورلۇق» دېگەندەك قالپاقلىرىنى كىيدۈرۈش ئۈچۈن، ئۇنىڭ سادىر قىلغان ئەمەلىي جىنايىتى بولۇشى لازىم. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ دىتىغا ياقمىغان قارشى پىكىردىكىلەرگە ھەر تۈرلۈك قالپاقلارنى كىيدۈرۈپ جازالاشتەك مۇستەبىتلىكىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. بۇ ھادىسە ئۇيغۇر، تىبەت رايونلىرىدا تېخىمۇ ئېغىر» دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە،  جاڭ خەيتاۋ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىدىكى ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، 1995-يىلى ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىپ، تېلېفون كارتىسى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇزۇن بىر مەزگىل ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي مەسىلە ۋە خەلق تۇرمۇشىنى كۆزەتكەن. ئەرزدارلارغا ئۇلار ئۇچرىغان ھەقسىزلىقلارنى تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا ياردەملەشكەن ھەمدە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە بولغان مۇستەقىل قاراشلىرىنى بايان قىلغان.

2009-يىلى، ئۇ جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن «ئالدامچىلىق گۇماندارى» سۈپىتىدە قاماپ قويۇلۇپ، ئىككى ئايدىن كېيىن قويۇۋېتىلگەن. ئۆتكەن بىر قانچە يىلدىن بېرى، ھەر قېتىم ھۆكۈمەت تەرىپىدىن سەزگۈر پەيت قىلىۋېلىنغان «ئىككى يىغىن» ياكى «4-ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسى»نىڭ خاتىرە كۈنى يېتىپ كەلگەندە، جاڭ خەيتاۋ يەرلىك ساقچىخانىغا چاقىرتىلىپ، «مۇقىملىقنى قوغداشتىكى نىشانلىق شەخس» قىلىنىپ، نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ كەلگەن ئىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/soz-erkinliki-01212016161928.html

Share
1631 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.