logo

trugen jacn

جاسارىتىمىزنىڭ يوقۇلىشى،ھالاكىتىمىزنىڭ باشلىنىشىمۇ؟

جاسارىتىمىزنىڭ يوقۇلىشى،ھالاكىتىمىزنىڭ باشلىنىشىمۇ؟

مۇئەللىم

ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىختىن بۇيان ياشىغان جۇغراپىيەلىك يەرلىرى، ياشاش ئالاھىدىلىگى ۋە بۇ شەرتلەر سەۋەپلىك مەيلى بەدەن سۇپىتى بولسۇن مەيلى مەنىۋىيتى بولسۇن ئۆزىگە خاس بولغان مىللىي ئالاھىدىلىكنى ۋە روھىنى شەكىللەندۈرگەن ، بۇ ئۇيغۇر خاسلىقىنى ئۈزلۈكسىز ۋە ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان ۋە كۆچۈپ بارغان يەرلەردىكى شارائىت بىلەن تېخىمۇ مۇكەللەشتۈرپ كەلگەن. بىر مىللەتنىڭ كۆپ خىل ئىچكى ۋە تاشقى خاسلىقى بولغانغا ئوخشاش ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ موھىم بولغان مىللىي ئالاھىدىلىگى قورۇقماس،جاسارەتتۇر.

ئۇيغۇر مىللىتى مۇشۇ خىل ئالاھىدىلىگى بىلەن خىتاي تارىخچىللىرىنىڭ يازمىللىرىدمۇ ئاجايىپ ھەيران قېلىش بىلەن خاتىرلەنگەن. دۇنيا مۆجىزىللىرىنىڭ بىرى ھېساپلانغان سەددىچىننىڭ ئىككى مىڭ يىلغا سوزۇلغان ئۇزۇن بىر دەۋىردە سېلىنىشىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەپلىرى ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئات ئۈستىدىكى جاسارىتىنىڭ نەتىجىسى ئىدى. تاڭ نامى بىلەن ئاتالغان خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ سۇلالىسىنىڭ ئاقىۋىتىمۇ ئەجداتلىرىمىزنىڭ قانچىلىك قەھرىمان،باتۇرلىقىنىڭ يەنە بىر مىسالى. بۇنداق مىساللار ۋەقەلەر ناھايىتى كۆپ. ئەجدادلىرىمىز تارىخ بويىچە ئاجايىپ ئۇلۇغ تارىخ ياراتقان بولسىمۇ، ئەپسۇس ياراتقان تارىخىنىڭ يېرىمىنىمۇ يېزىپ قالدۇرمىغان، بۇ خىل ئاجىزلىق ھالا داۋام قىلماقتا. تارىخىمىزدىن خىتاي ۋە روس مەنبەلىرىگە تايانماي سۆز قىلالماس بولدۇق. ئەڭ ئېچىنارلىق يېرى شۇكى تارىخىمىزنىڭ ئوزگەرتىلىشى، مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ غەلبىسى بىزدەكلەرنىڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ ئۆزگەرتىۋىتىشى، بۇ ئۆزگەرتىلگەن تارىخنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بەسى مۈشكۈل بىر ئىش. مۇستەقىل بولغىنى 33 يىل بولغان قېرىنداشلىرىمىز ھازىرغىچە دەرىسلىكلىرىدىكى تارىخ كىتابلىرىدا ئۆزىنىڭ ھەقىقى تارىخىنى ئوقۇتالمايۋاتىدۇ … بىز بۇ ئۆزگەرتىلگەن تارىخنىڭ ئەۋلادلىرى، بىزنىڭ ھالىمىز ھەر جەھەتتىن ئازغان بىر ئەھۋالدا كىتىۋاتىدۇ. مىللەت، ئەنئەنە، ئىمان – ئىتىقات ….. تەرەپلەردە ئازغان بىر ئەۋلەت بولدۇق . سەۋەپ خىتايغا قارشى ھەقىقىي بىر ئىش قىلالمىدۇق، قىلالمايۋاتىمىز. قىلىۋاتقان بىردىن بىر ئۈنۈملۈك ئىشىمىز بىر- بىرىمىزنى كۆرمەي، تونىماي تۇرۇپ توپلاردا جىدەل قىلىش! بۇ خىتاي ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ئەخمەقلىغىمىزنى كۆرسۈتۈپ بېرىشتۇر. بۇ ھالەت دەل 18ۋە 19- ئەسىرلەردىكى ھاڭۋاختىلىقىمىزنى، دۆتلۇگىمىزنى ئەسلىتىدۇ.
خوش، باشتىكى سۆزىمىزگە كىلەيلى، شۇنداق جاسارەتلىق، ئات ئۈستىدە قېلىچ ئوينۇتۇپ توختىماي كىڭەيگەن خانلىقلارنى قۇرغان، دۆلەت ئەنئەنىسىگە ئىگە بىر مىلەت بۇ خىل ھالغا قانداق كىلپ قالدى؟ جاسارىتىمىزنىڭ يوقۇلىشىدىكى سەۋەپلەر نىمىلەر؟ ئۇزاق بىر تارىخى جەريان بىلەن چۈشەندۈرۇشكە بولىدىغان بۇ سۇئالغا ئاددى قىلىپ جاۋاپ بىرىشكە توغرا كەلسە: ھازىرقى موڭغۇل يايلىقلىرىدا، مەركىزىي ئاسىيانىڭ شەرقىي- شىمالىدىكى كەڭ زىمىنلاردىكى ئەجداتلىرىمىز كۆچۈپ ماكانلاشقان تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇپ، شىمالىي ۋە تارىم ۋادىسى، تەكلىمان قۇملۇقىنىڭ ئەتراپىدا يەنىلام داۋاملاشقان دۆلەتچىلىك ئەنئەنىسى بىلەن قۇجۇ ئۇيغۇر خەلقىنى ۋە كېيىن قارىخانىلار ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇردى. گەرچە ئىتىقادىي ئوخشىمىسىمۇ بۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ جاسارىتىنىڭ يەنە بىر نامايەندىسى.
ئەگەر بىر مىللەت كوللېكتىپى بىر يەردە بىر دۆلەت ياكى خانلىق قۇرۇپ ياشاش ئۇلارنىڭ ئەقلىي چۇشەنچىسىنىڭ يىتىشكەنلىگىدىن بولىدۇ. يەنى دۆلەت دىمەك بىر تەرەپتىن كوللېكتىپ ئەقىلنىڭ بىر يەردە جەملىنىشى بىر مەقسەت ئۈچۈن قوللۇنۇلۇشى دىگەنلىك روھى ۋە جىسمانىي جاسارەتنىڭ يۇقۇرى باسقۇچىدۇر. چۈنكى دۆلەت مەيلى چوڭ بولسۇن مەيلى كىچىك بولسۇن ئۆز شارائىتىغا مۇۋاپىق سىستېمىلارنى ئۆز-ئىچىگە ئالغان بولىدۇ . بىزنىڭ ئاخىرقى خانلىقىز سەئىدىيە خانلىقىنىڭ دىنىمىزنىڭ شاكال قىسمى دىيىشكىمۇ ئەرزىمەيدىغان تەركى دۇنياچىلىق ئېقىمىدىكىلەرنىڭ قولى بىلەن يىقىتىلىپ، پۈتكۈل دىيارىمىزغا تارقالغان غوجىلار ئەۋلادىنىڭ قانلىق ھۇقۇق تالىشىش كۆرىشى مىللىتىمىزنىڭ ئەقلىنى بېشىدىن ئالدى . ئۇزۇنغا سوزۇلغان بۇ قەستلەپ ئۆلتۈرۈشلەر، نىزا -جاڭجاللار ئىقتىسادىي جەھەتتىن تېخىمۇ ئارقىغا چىكىندۈرىۋەتتى. ئەقىدە جەھەتتىكى پۇچەكلىك، دۇنيا ھاياتىنىڭ ھېچ قىممىتى يوق پەقەتلام ئاخىرەت ھاياتىنى ئويلاش كېرەك دىگەن چۇشەنجىنىڭ يامرىشى خەلقىمىزنى چوڭقۇر بىر نادانلىق ھاڭىغا ئىتتەردى، بۇنى غەنىمەت بىلگەن جاھالەت پىرلىرى دىيارىمىزنىڭ ھەممە بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغىچە ئۆز تەسىرىنى يايدى . بۇ خىل زور مەنىۋى چىكىنىش روھى بۇرۇختۇملۇق ھالەتتە قالغان مەركىزىي ئاسىياغا كۈچلەنگەن روس قەدەم باسقۇچلۇق باستۇرۇپ كىرىپ يوقالغان جاسارىتىمزنىڭ تەمىنى تېتىدى. ( يىقىنقى 30 يىل ئىچىدە خىتاينىڭ پىلانلىق ۋە مەقسەتلىك ھالدا ئۇيغۇر كەسپىي يازغۇچىلار قوشۇنى تەشكىللەپ، غوجىلار دەۋىردىكى ئاتالمىش بىر قىسىم ئارخىپلار بىلەن، ئۇ يازغۇچىلارغا يەتمەكچى بولغان مەقسەتنى ۋە ئالغا سۈرمەكچى بولغان ئىددىيە نىشاننى بەلگىلەپ، غوجىلار دەۋىرىنى ئەكىس ئەتتۈردىغان رومانلارنى، ئەسلىمىلەرنى، تارىخىي قىسسىلەرنى …يازدۇرۇپ چىقىشى يەنە بىر قېتىملىق ئۆز ئىچىمىزدىن پارچىلنىشقا يول ئاچتى. ھالا بۇنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلالماي كەلمەكتىمىز. چۈنكى خىتاي ھاكىمىيتى ئاستىدا نەشىر قىلىنغان ھەر قانداق ئەسەر چەتئەلدە قايتا تەكشۈرلۈپ نەشىر قىلنىشى كىرەك ئىدى .بىز بۇنى قىلالمىدۇق . شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى، مەركىزىي مىللەتلەر نەشىرياتى ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىريات …..لىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى چەتئەلدىمۇ ئوخشاش داۋام قىلىپ كەلدۇق. بۇ دەل خىتاي ئارزۇ قىلغان ئىش ئىدى. چەتئەلدىكى تەشۋىقاتنىڭ پۈتۈن ساھاسىدە خىتاي ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇپ كىتەلمەيۋاتىمىز. بۇ ئەھۋاللار چەتئەلدىكىلەرنىڭ زىھنىيتىنى قايمۇقتۇرۇپ مەنىۋى جاسارىتىنى ئۆلتۇرمەكتە …) مۇسكۋا ئورمانلىقلىرىدىن چىققان روسلار 1700- يىللاردىن كىيىن ئىلىم – پەن ۋە ئىقتىساد، ھەربىي جەھەتتىن كۈچلۈنۈپ ، دېڭىز يولى بىلەن كېڭىيشكە ئۈلگۈرەلمىگەن بىلەن قۇرۇقلۇق بىلەن توختاۋسىز تۈركىي مىللەتلەرنىڭ كەڭ كەتكەت تۇپراقلىرىنى خەرىتىگە ئېلىپ ئىگەللەشكە باشلىدى. روسلار بىلدىكى خانلار ۋە بەگلەر ئارىسىدىكى بۇرۇندىن داۋاملاشقان ۋارىسلىق تالىشىش كۆرىشىنى تېخىمۇ ئۇلغايتقاندا، ھەر ئىككى تەرەپكە بىلدۈرمەي ياردەم قىلغاندا بۇلارنى ئۆز قولى بىلەن ئۆزىنى يوقۇتۇش ئارقىلىق مەقسىدىمىزگە ئاسان يىتىدىكەنمىز دىگەن خۇلاسىنى يەكۈنلەپ چىقتى ۋە شۇ ئۇسۇللار بىلەن مەركىزىي ئاسىيادىكى پۈتۈن خانلىق، بەگلىك ۋە ئەمىرلىكلەرنى پارام- پارچە قىلىپ تاشلىدى. بۇنىڭ بىلەنلا قالماي ئىشەنجلىك ھالدا مەبلەغ سېلىپ تاشكەنىت ۋە بۇخارا قاتارلىق مەرگىزى ئاسىيادىكى كۆپلىگەن شەھەرلەرگە تاش يول ۋە پويىز يولىنى ياساپ ئۈلگەردى . بۇ خىل ئەھۋالنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ روسلارغا بولغان ھەيرانلىقى ۋە قايىللىقى ئېشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى ئىتىراپ قىلىپ يوقاتقان جاسارىتىنى تېپىش، ئەجداد روھىدىن كۈچ ئېلىش ئەمەس تامامەن قۇللۇق، مەھكۇملۇق ئەھۋالىدا قالدى. جاھالەت ئۇزۇن داۋام قىلغان بىزدە تەكەببۇرلۇق ۋە ساختا كىبىر – مەنمەنچىلىك ئومۇملاشتى، بىلىم بىزدىن يىراقلاشقانچە جاسارىتىمىز ئۆلدى . چۈنكى بىلىم ئىنساننى قورقماس، باتۇر قىلىدۇ . بىزمۇ مەركىزىي ئاسىيانىڭ بىر پارچىسى بولۇشىمىز سەۋەبىدىن بۇ خىل مەھكۇملۇقتىن نېسىۋىمىزنى ئالدۇق. بۇلارنى روسلار ناھايىتى ئەتراپلىق پىلانلاپ ئېلىپ باردى . بۇ كەڭ تۇپراقلارنىڭ مۇستەقىل بىر دۆلەت بولۇشىنى 1700- يىللاردىن بېرى ئىستىمىگەن چار روسنىڭ ئورنىغا چىققان قىزىل روسمۇ ئوخشاش سىياسەتنى داۋام قىلىپ كەلدى. ( ھازىرغىچە چار روس باشلىغان قىزىل روس داۋاملاشتۇرغان تارىخنى مەنبە قىلىپ ئۈگۈنۈشتىن قۇتۇلالمىدۇق، بۇ بولسا مەنىۋى جاسارىتىمىزنىڭ يەنە بىر يوقۇلىشى ھېساپلىدۇ.)
بۇ جەرياندا ئىلگىر- كىيىن بولۇپ قوزغالغان قانچە قېتىملىق مۇستەقىل ئىنقىلابىمىزنى ھېلى- مىكىرلىك سىياسىتى بىلەن، ھېلى- مىكىر ئاقمىغاندا كۈچ بىلەن ۋەيران قىلىپ كەلدى. ئەڭ ئاخىرى ئۆلەلمەس شەرىق كېسەل كۆرپىسى دەپ ئاتالغان خىتاينى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ بىزنى ئۇنىڭغا تۇتۇپ بەردى. خەلقىمىز بۇ ئۇزاق جەرياندا تۈرلۈك بەدەللەرنى تۆلىگەن بولسىمۇ روسلارنىڭ كۈچى ئالدىدا يېڭىلدۇق، بۇ خىل ھەر ساھادە ئۈستۈنلۈك قازانغان كۈچنىڭ ئالدىدا يەنە بىر قېتىم جاسارىتىمىز يوقالدى. 1949- يىلدىن كېيىن خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ۋەھشىي باستۇرۇشى بىلەن 3- قېتىم مىللىتىمىزنىڭ قەھرىمانلىرىنى كۆز ئالدىمىزدا تۈرلۈك تۆھمەتلەر بىلەن ئۆلتۈرۈپ ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ جاسارىتىنى يوقۇتۇپ كەلدى.
ئەڭ ئېغىر بولغىنى 2009- يىلى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن باشلانغان ۋە 2013- يىلى خىتاي دۆلىتىنڭ مۇقىم پىلانلىق ۋە سىستىمىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللەتنى پۈتۈن يوقۇتۇش سىياسىتى بولىۋاتىدۇ. ئارقا – ئارقىدىن ئېلىپ بېرىلغان يوقۇتۇشلار، قىرغىنچىلىقلار ھالسىرغان قەھرىمانلىرىدىن ۋە باتۇر ئەجداتلارىن روھىي كۈچ ئالالمىغان. ئۆزگەرتىۋتىلگەن تارىخنىڭ ئايىغى يوق قاراڭغۇ كوچىسىدا قالغان بۇ خەلق يەنىلام ئۈمىدىنى بىزلەرگە يەنى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا باغلاپ نالە قىلماقتا. ئەپسۇس چەتئەلدىكى بىزلەرنىڭ ئەھۋالىمىز تارىختىكى بولۇپمۇ يېقىنقى بىر ئەسىر ئىلگىركىدىن پەرقسىز. ھەر زاماننىڭ روھى بولىدۇ ، بىز زامانغا ماشلىشىپ قەدەم باسالمىغانلىغىمىز ئۈچۈن زامان بەرگەن پۇرسەتتىنمۇ مەھرۇم قالدۇق. داۋاملىق بىر قانىتى يوق قۇش كەبى قالدۇق. سىياسىي كۈچىمىز بار دىسەكمۇ ئۇنىڭ يېنىدا بىر ئەسكىرى كۈچىمىزنى نامايەن قىلالمىدۇق، سىياسىي كۈچ ئەسكىرى كۈچنى ئارقىسىغا ئالالمىغان ئەھۋالدا ھېچ بىر ئەمەلىي ئىش قىلالمايدۇ. سىياسەت – ئەقلىي ئىقتىدارنى كۆرسەتسە، ئەسكىرىي كۈچ – جاسارىتىنى، باتۇرلۇقنى كۆرسىتىدۇ. دۆلەتچىلىك ئەنئەنىسىدە دىيىلىۋاتقان يۇمشاق كۈچ، قاتتىق كۈچ ، مەيداندىكى ۋە ئۇستەلدىكى، دىپلوماتىك ۋە ھەربىي كۈچلەر بىر بىردىن ئايرىلسا كۈچىنى تامامەن يوقۇتۇدىغان ئۇقۇملاردۇر. ئەسلى ئاخىرى يوق قاراڭغۇ كوچىنىڭ ئىچىدە ئۆز- ئارا تاپا- تەنە، ئۇرۇش- تالاش، جەڭگە -جىدەل ئىچىدە قالغانلىقىمىزنى سەزمەي يۈرمەكتىمىز. جاسارىتىمىزنىڭ يۇقالغانلىغىنىڭ بىر ئىسپاتى يۇقارقى بولسا كىرەك . چۈنكى دۈشمەنگە قارشى جاسارىتىنى يوقاتقانلار، ئۆز ئىچىدىكىلەرگە قارشى جاسارەتلىك بولىدىغان ئوخشايدۇ….

 

2024. 10. 15.

Share
70 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.