ئەڭ يېڭى خەۋەر
بىر ئۇيغۇر يازغۇچىنىڭ 3 تىلدا نەشىر قىلىنغان يېڭى كىتابى
ئۇكراينا دۆلەت رەئىسى ۋېلادىمىر زەلەنسكىنىڭ ئاقسارايدا تىرامپ تەرىپىدىن ئازارلىنىشى ۋە رۇس ئىشخالىنىڭ تۈپ سەۋەبى نىمە؟
تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارلانىڭ پاجىيەسى ۋە چىقىش يولى ھەققىدە قىسقىچە ئانىلىز
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
رۇسىيەنىڭ «موسكۋا كومسومولى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيە بىلەن تۈركىيە تۈركىيەنىڭ رۇسىيە تەرەپتىن «س-400» تىپلىق زېنىت راكېتا سىستېمىسى سېتىۋېلىش باھاسىدا پۈتۈشكەن. دەسلەپكى پۈتۈشۈم بويىچە تۈركىيە رۇسىيەنىڭ ئەڭ زامانىۋى «س-400» تىپلىق زېنىت راكېتا سىستېمىسىدىن ئىككى يۈرۈشنى بۇ يىل ئىچىدە سېتىۋالىدىغان بولۇپ، بۇ بىر يۈرۈش راكېتا سىستېمىلىرىنىڭ باھاسى ئىككى يېرىم مىليارد دوللارغا توختىغان. لېكىن، رۇسىيەنىڭ «روسوبورونېكسپورت»، يەنى رۇسىيە دۆلەتلىك ھەربىي تېخنىكا قوراللىرىنى ئېكسپورت ۋە ئىمپورت قىلىشنى باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ ۋەكىلى تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى مەزكۇر كېلىشىمنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئىزاھات بېرىشنى خالىمىغان.
ئىلگىرى تۈركىيەنىڭ خىتايدىن مۇنداق راكېتا سىستېمىسى سېتىۋالىدىغانلىقىغا ئائىت خەۋەرلەر كۆپ ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. ئەمما، كېيىن تۈركىيە بۇنى خىتايدىن سېتىۋېلىشنى رەت قىلىپ، رۇسىيە تەرەپ بىلەن سۆزلەشكەن شۇنىڭدەك باھا مەسىلىسىدە كۆپ پىكىر ئالماشتۇرغان ئىدى.
بۇ يىل ماي ئېيىدا رۇسىيە ۋە تۈركىيە پرېزىدېنتلىرى پۇتىن ۋە ئەردوغان ئۇچرىشىشىدا پۇتىن تۈركىيەگە قاراتقان بارلىق ئىقتىسادىي ئىمبارگونى بىكار قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى مەزكۇر سودا ھەققىدىكى سۆزلىشىشلەر تېزلەشكەن
http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/turkiye-rosiye-s400-kelishimi-07162017213147.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.