ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئەھمەد سۇلايمان
چاغاتاي ئەۋلادلىرى دەۋرىدىكى تۇرپان چىڭگىزخاننىڭ 7 – ئەۋلادى تۇغلۇق تۆمۈرخان 24 يېشىدا جالالىدىن كىتكىنىڭ ئوغلى ئەرشىدىن مەۋلانەمنىڭ تەلىمى بىلەن ئالمىلىقتا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ، 30 مىڭغا يېقىن موڭغۇلغا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدۇرۇپ، ھىجىرىيە 764 – يىلى (1363 − 1364) 34 يېشىدا ئالمىلىقتا ۋاپات بولغان. ئۇ چاغدا باش ۋەزىر خودايداتنىڭ ياردىمى بىلەن سۈيقەستچى قەمىرىدىننىڭ قىلىچىدىن ئامان قالغان 19 – ئوغلى خىزىر خوجا① خۇدايداتنىڭ ھىمايىسىدە قەشقەر، خوتەن تاغلىرى ۋە چەرچەن، چاقىلىق ئارىسىدا 10 نەچچە يىل يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپ قەمىرىدىننىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، مىلادى 1380 – يىلى② ئالمىلىقتا خانلىق ئورنىغا ئولتۇرىدۇ، ئاندىن قوشۇن باشلاپ كېلىپ تۇرپاننى بويسۇندۇرىدۇ. قاراخوجىدىكى جەڭدە بىر ئوغلى، يەمشىنى ئىشغال قىلىش ئۇرۇشىدا ئايالى ئۆلىدۇ.ئۇ تۇرپان، قۇمۇلنى بويسۇندۇرۇپ، بۇ جايدىكى خەلققە ئىسلام دىنىنى قوبول قىلدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تۇرپان دارىلئىسلام دەپ ئاتىلىدۇ.خىزىر خوجا 1399 – يىلى باھار پەسلى قۇمۇلنىڭ شەرقىدە بولغان بىر قېتىملىق جەڭدە ئېغىر يارىدار بولغاندا ئادەملىرىگە «جەڭدە يېڭىش – يېڭىلىش بولۇپ تۇرىدۇ، ئۆلۈمدىن قورققان كىشى جەڭگە ئاتلانمايدۇ. مەن ئۆلسەم يىغا – زارە قىلماڭلار، جەسىدىمنى قايتۇرۇپ كېتىپ تۇرپان يەمشىگە دەپنە قىلىڭلار» دەپ ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ ئوغلى مۇھەممەت خان، ئۇنىڭ ئوغلى شىر ئېلى خان، ئۇنىڭ ئوغلى ئوۋەيىسخانلار خانلىق ئورۇندا ئولتۇرغاندىمۇ تۇرپان ئۇلارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ.
ھىجىرىيە 907 – يىلى (مىلادىيە 1503 − 1504) ئەھمەتخاننىڭ چوڭ ئوغلى مەنسۇرخان ئۇچتۇرپاندىن قۇمۇلغىچە بولغان جايلارنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالىدۇ.موللا مىرسالىھ كاشغەرى تەرىپىدىن يېزىلغان «چىڭگىزنامە» دېگەن كىتاپتا: مەنسۇرخان ھۆكۈمرانلىق قىلغان 50 يىلغا يېقىن ۋاقىتتا تۇرپاندا ھېچ قايسى تەرەپتىن كەلگەن ئۇرۇش – جېدەللەر بولمىغانلىقتىن خەلق ئەمىن ياشاپ، دېھقانچىلىق، سودا – سېتىق ئىشلىرى ناھايىتى راۋاجلانغانىدى، دەپ يېزىلغان.مەنسۇرخاننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ئوغلى شاھخان ھوقۇق تۇتۇپ 3 – يىلى تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدا جۇڭغارلار بىلەن بولغان بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا ئوق تېگىپ ئۆلىدۇ.سۇلتان ئابدۇرېشىتخاننىڭ 5 – ئوغلى مۇھەممەتخان ھىجىرىيە 998 – يىلى (1589 − 1590) يەكەندە خانلىق ئورۇنغا ئولتۇرغاندا ئۆزىنىڭ كەنجى ئىنىسى، ئابدۇرېشىتخاننىڭ 11 – ئوغلى ئابدۇرېھىم خاننى تۇرپان – قاراشەھەرنىڭ باش ۋالىيسى قىلىپ ئەۋەتىدۇ. ئابدۇرېھىم خان ئىقتىدارلىق ھەربىي سەركەردە بولۇپ، بو ئىككى ئورۇننى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، جۇڭغارلار بىلەن ئۈچ قېتىم جەڭ قىلىپ ئىلگىرى مەنسۇرخاننىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ كەلگەن تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى ئىلى چېگرىسىغىچە بولغان جايلارنى قايتۇرۇۋالىدۇ. ئۇ بىلىملىك كىشى بولۇپ خەلقنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. تارىخىي كىتاپلاردا ئابدۇرېھىم خان ھۆكۈمرانلىق قىلغان چاغلاردا تۇرپان خەلقىنىڭ تۇرمۇشى مەنسۇرخاننىڭ ۋاقتىدىكىدىنمۇ ياخشى بولغانىدى، دەپ يېزىلغان.
ئابدۇرېھىم خان بۇ جايلارنى 34 يىلدىن كۆپرەك باشقۇرۇپ، ھىجىرىيە 1048 – يىلى (1639 − 1640) 75 يېشىدا تۇرپاندا ئالەمدىن ئۆتىدۇ.تۇرپان يەمشىدە شىمال بىلەن جەنۇب ئارىلىقى تەخمىنەن 5 كىلومېتىر كېلىدىغان ئارىلىقتا خىزىر خوجىنىڭ قەبرىسى، ئوغلى مۇھەممەت خاننىڭ قەبرىسى، خىزىر خوجىنىڭ ئايالىنىڭ قەبرىسىنىڭ گۈمبەز ئىچىدە ھازىرغىچە ساقلىنىپ تۇرۇشى، ئەھمەتخان تۇرپاننى باشقۇرۇپ تۇرغان چاغدا ئۇنىڭ 3 – ئوغلى، يەكەن خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى سۇلتان سەئىدخاننىڭ ھىجىرىيە 896 – يىلى (1490 − 1491) لۈكچۈندىكى ئېگىز ئوردىدا تۇغۇلغانلىقى، مەنسۇرخان ئەۋلادلىرىنىڭ تۇرپان ۋە 1 – ئاۋغۇست پولات زاۋۇتىدا، ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ نەسەبىنى ئۇنتۇماي ياشاپ كېلىۋانقانلىقى يۇقىرىدا دېگەنلىرىمىزگە دەلىل بولالايدۇ. جۇڭغارلارنىڭ تۇرپاننى ئىگىلىشىئابدۇرېھىم خان ۋاپات بولغان يىلى چوڭ ئوغلى ئابدۇللاخان يەكەن شەھىرىدە خانلىق ئورنىغا ئولتۇرىدۇ. ئۇ ئىقتىدارلىق كىشى بولۇپ 33 يىللىق خانلىق ھاياتىدا بۇرۇن قولدىن كەتكەن جايلارنى قايتۇرۇۋېلىپ خانلىقنىڭ ئىناۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ پارچىلىنىشقا قارشى تۇرۇش، ئىلىم – مەرىپەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ قەشقەرگە 30 يىل ۋالىي بولغان كىچىك ئوغلى يولۋاسخان، پىتنىخور ئىشان ھىدايىتۇللا (ئاپپاق غوجا) نىڭ قۇترىتىشى بىلەن دادىسىدىن ھوقۇق تارتىۋېلىشقا ئاتلىنىدۇ. ئابدۇللاخان ئوغلى بىلەن ئىككى قېتىم ئۇرۇشقان بولسىمۇ سوپى – ئىشانلار يولۋاسخانغا بولۇشۇپ ئۇرۇشقا ئارىلاشقانلىقتىن ئۇرۇشتا يېڭىلىپ قېلىپ ئۆز ئورنىدا چوڭ ئوغلى ئابدۇل مۆمىنخاننى ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ ھىجىرىيە 1077 – يىلى (1667 − 1668) ئۆز يېقىنلىرىنى بىللە ئېلىپ ھەج قىلىشقا يۈرۈپ كېتىدۇ.
يولۋاسخان ئاكىسىدىن ھوقۇق تارتىۋېلىپ خانلىق ئورنىغا ئولتۇرغاندىن كېيىن، نۇرغۇن ياخشى ئەمەلدارلارنى ئۆلتۈرۈپ خەلققە زۇلۇم سالغانلىقى ئۈچۈن ئۆز ئادەملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ. بۇ چاغدا ئاقسۇغا كېلىپ ئەھۋالنى كۆزىتىپ تۇرغان ئابدۇرېھىم خاننىڭ 5 – ئوغلى، ئابدۇللاخاننىڭ ئىنىسى ئىسمائىلخان قارا تاغلىق سوپى – ئىشانلارنىڭ قوللىشى بىلەن يەكەنگە كېلىپ سەئىدىيە خانلىقىنىڭ 11 – ئەۋلاد سۇلتانى بولۇپ خانلىق ئورنىدا ئولتۇرىدۇ. بۇ چاغدا قەشقەردە تۇرۇۋاتقان ئىشان ئاپپاق غوجا بىر تەرەپتىن ئىسمائىل خانغا ھەل قىلىش قىيىن بولغان تەكلىپ قويسا، يەنە بىر تەرەپتىن يەكەنگە ئۆزىنىڭ ئادەملىرىنى ئەۋەتىپ قارا تاغلىق دەپ ئاتىلىدىغان سوپى – ئىشانلارنى ئۇرۇپ جازالاپ تۇتقۇن قىلىپ، ھۆكۈمەت ئۈستىدىن پىتنە – ئىغىۋا تارقىتىدۇ. ئىسمائىل خان ئادەم ئەۋەتىپ بۇ خىل قىلمىشنى توختىتىشنى بۇيرۇغان بولسىمۇ بۇنىڭغا پىسەنت قىلماي داۋاملاشتۇرپ يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرگەنلىكتىن ئىسمائىل خان ئاپپاق غوجىنى پۈتۈن ئەۋلادلىرى بىلەن چەت ئەلگە سۈرگۈن قىلىدۇ.بۇ ھىلىگەر ئىشان چەت ئەلدە بەش يىل سەرگەردان بولۇپ يۈرگەندىن كېيىن ئاخىرى غۇلجىغا كېلىپ غالدان قۇنتەيجىگە يالۋۇرۇپ، ئىسمائىل خاننى ئاغدۇرغاندىن كېيىن قانداق قىلىش توغرىسىدا غالدان ئوتتۇرىغا قويغان شەرتلەرگە قوشۇلىدۇ.
ئۇ چاغدا جۇڭغارلار ئۆزىنىڭ مەركىزىنى قوبۇقساردىن غۇلجا شەھىرىگە يۆتكەپ كېلىپ شەرققە قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەپ، غۇلجىدىن قۇمۇلغىچە بولغان جايلارنى بېسىۋالغان بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنى بۇيسۇندۇرۇشقا باھانە تاپالماي تۇرغانىدى. شۇڭا غالدان ئاپپاق غوجىنىڭ تەكلىپى بىلەن 12 مىڭ كىشىلىك جۇڭغار قوشۇنىنى باشلاپ يەكەن شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىدۇ.
ئىسمائىل خان قوشۇنلىرى شەھەر دەرۋازىلىرىنى مەھكەم ئېتىپ قايتۇرما جەڭ قىلىۋاتقان چاغدا ئاپپاق غوجا ئىلگىرى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان سوپى – ئىشانلار جۇڭغار قوشۇنلىرىغا شەھەر دەرۋازىلىرىنى ئېچىپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يەكەن شەھىرىنى جۇڭغارلار ئىشغال قىلىپ 1678 – يىل 9 – ئاينىڭ 25 – كۈنى ئىسمائىل خان ئائىلىسى بىلەن جۇڭغارلارغا ئەسىرگە چۈشىدۇ. غۇلجىغا ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن ئىسمائىل خان ئائىلىسى بىلەن نىلقا ناھىيىسىدىكى ئېرەن قوبۇرغا دېگەن جايغا نەزەربەنت قىلىنغان.ئۇزۇنغا بارماي شۇ يەردە كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن.ئاپپاق غوجىنىڭ قورچاق خانلىقىمۇ 1682 – يىلى ئىسمائىل خاننىڭ ئۇچتۇرپاندا ھاكىم بولۇپ تۇرغان ئىنىسى مۇھەممەت ئىمىن خان (ئاقباشخان) تەرىپىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلىنىدۇ. بەش يىلدىن كېيىن ئاپپاق غوجىنىڭ ھىيلىسىگە ئىشىنىپ سىڭلىسىنى بېرىپ ئۇنى كۈيئوغۇل قىلىۋالغان مۇھەممەت ئىمىن خانمۇ ئاپپاق غوجا تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئاپپاق غوجىمۇ 1694 – يىلى 2 – ئاينىڭ 10 – كۈنى ئۆزىنىڭ 3 – ئەجداد تاغىسى غوجا ئىسھاق ۋەلى (ئىسھاقىيە) كۈچلىرى تەرىپىدىن يەكەندىكى ئوردىسىدا 68 يېشىدا زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن شىنجاڭ جۇڭغارلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بويسۇنىدۇ.
جاڭ يۈشىننىڭ «تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ گۇاجۇغا كۆچۈش جەريانى« دېگەن ماقالىسىدا، جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرى تۇرپانغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان چاغدا ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن بۇلاڭ – تالاڭ خاراكتېرلىك باج – سېلىقنى يولغا قويغان، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئارخىپ – ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە »تۇرپان ئۇيغۇرلىرى ھەر يىلى جۇڭغارلارغا 250 چاپان، 215 توپ خەسە، 200 جىڭ پاختا، 40 دەن ئۈزۈم (4000 جىڭ) سېلىق تۆلەيتتى» دەپ يازىدۇ. تۇرپاننى باشقۇرىۋاتقان ۋالىي ئوبۇل مۇھەممەت خان، شاھخان قاتارلىقلار ھەربىي كۈچلەرنى ئىشقا سېلىپ چارلاشنى كۈچەيتىپ موڭغۇل بۇلاڭچىلىرىنىڭ خەلقنىڭ مال – مۈلكىنى بۇلاپ پاراكەندىچىلىك سېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئەينى چاغدا جۇڭغارلارغا قارشى كۆكرەك كېرىپ چىققانلارنىڭ بىرى لۈكچۈننىڭ ئاق ساقىلى كېيىنكى توققۇز ئەۋلاد تۇرپان ۋاڭلىقىنىڭ ئاتىسى ئىمىن خوجا ئىدى. ئۇ ھىجىرىيە 1105 – يىلى (1694 – 1695) تۇرپان قارا غوجىدىكى فېئودال خوجا ئەۋلادلىرىدىن سوپى خوجىنىڭ ئوغلى، تۇرپاننىڭ ئاخۇننىياز خوجا ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئىمىن مۇھەممەت ئىمىن خوجا، كىچىك چېغىدىن باشلاپ قارا خوجا ۋە لۈكچۈندىكى مەدرىسلەردە ئوقۇپ ئۇيغۇرچە ساۋادىنى چىقىرىپ قالماستىن يەنە ئەرەپچە، پارسچە كىتاپلارنىمۇ ئوقۇيالايدىغان بولىدۇ. 18 ياشقا كىرگەن چاغلىرىدا، شۇ زاماندا تۇرپاندا كەڭ تارقالغان سوپىلىق ئېقىمىغا قول بېرىپ نام چىقارغانلىقى ئۈچۈن بىر مەزگىل ئىمىن سوپى دېگەن نام بىلەن ئاتىلىدۇ.بۇ چاغدا جۇڭغار نازارەتچىلىرى تەرىپىدىن لۈكچۈننىڭ ئاق ساقاللىقىغا تەيىنلەنگەن كېپىش بەگ دېگەن كىشى ئۆز تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئىمىن سوپىنى چاقىرتىپ كېلىپ ئۆلتۈرمەكچى بولىدۇ.ئىمىن سوپى ئېتىنى ئاغىنىسىگە تۇتقۇزۇپ قويۇپ ئۆزى ئېگىز ئوردىغا كىرىپ كېپىش بەگ بىلەن كۆرۈشىدۇ.كېپىش ئاق ساقال ئۇنىڭدىن گەپ سوراۋاتقاندا، ئۇنىڭ ئىمىن خوجىنى تونۇيدىغان ئايالى ئېرىنىڭ ئارقىسىغا تۇرۇپ قولى بىلەن ئۆزىنىڭ كانىيىنى كۆرسىتىپ، سېنى ئۆلتۈرىدۇ، قاچ، دەپ ئىشارەت قىلىدۇ. ئىمىن خوجا «ئېتىم بەك شاش ئىدى، مەھكەم باغلاپ قويۇپ كىرسەم» دەپ رۇخسەت سوراپ چىقىپ قېچىپ كېتىدۇ.كېپىش ئاق ساقال ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى بىلىپ ئادەم ئەۋەتىپ داۋاملىق ئىزدەيدۇ. ئىمىن خوجا قوي باققۇچىلارنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپ ئۆز يېقىنلىرىنى لۈكچۈنگە ئەۋەتىپ ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق، ھىجىرىيە 1130 – يىلى (1718 − 1719) رامىزان (9 – ئاي)نىڭ 23 – كۈنى پەيشەنبە كېپىش ئاق ساقالنىڭ شىكارغا چىقىپ كەتكەنلىكىدىن پايدىلىنىپ 25 نەپەر ئاغىنىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا ناغرا – سۇناي ساداسى ئىچىدە ئېگىز ئوردىنى ئىگىلەپ لۈكچۈننىڭ ئاق ساقاللىق ئورنىدا ئولتۇرىدۇ.كېپىش بەگ قېچىپ بېرىپ سىركىپ تۇرغا مۆكۈۋالىدۇ، ئىمىن ئاق ساقالنىڭ ئادەملىرى ئۇنى شۇ يەردە بېسىقتۇرىدۇ.شۇندىن باشلاپ جۇڭغارلار ئىمىن خوجىغا بەكمۇ ئۆچ بولۇپ كېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا موڭغۇللار ئېگىز دۆڭ ئۈستىگە، مەھەللە ئىچىگە تۇر سالدۇرۇپ، ئۈستىدە نۆۋەت بىلەن پوس تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىدىكەن. مۇشۇ چاغدا لۈكچۈن تۆۋەن مەھەللىدىكى موڭغۇل تۇر بىلەن سىركىپ تۇردا تۇرىدىغان جۇڭغار ئەسكەرلىرىنىڭ ئىمىن خوجىغا قىلغان ئەسكىلىكلىرى لۈكچۈن خەلقى ئارىسىدا ھېكايە قىلىنىپ سۆزلىنىپ كەلمەكتە.
بۇ تۇرلار مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋىدا چېقىۋېتىلدى.پىچان ناھىيىسىنىڭ لۈكچۈن رايونىغا قاراشلىق دېھقانسۇ يېزىسىدا ئېرىقلىرىدا قىش – ياز سۇ ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان تۈگمەنبويى دېگەن مەھەللە بار. بۇ يەرنىڭ سۈيى كۆپ بولغاچقا ئىلگىرى 10 نەچچە تۈگمەن بولغان، ئاتلىق جۇڭغارلار توپلىشىپ كېلىپ، ئۇن تارتقىلى كەلگەن دېھقانلارنىڭ ئۇنلىرىنى بۇلاپ ئارام بەرمەيدۇ. بىر كۈنى بەش ئاتلىق جۇڭغار كېلىپ ھەر بىرى بىردىن تۈگمەنگە كىرىپ خامپىدىكى ئۇننى زورلۇق بىلەن تاغارلىرىغا قاچىلايدۇ. بىرسىنىڭ تاغىرى توشماي تۈگمەنچىدىن: «ئۇن نېمىشقا جىق چۈشمەيدۇ» دەپ سورىغاندا، تۈگمەنچى:«ئىككى قولۇڭنى تاشنىڭ ئوتتۇرىسىغا تىقساڭ تازا جىق چۈشىدۇ» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن تۈگمەننى توختىتىپ قوپارغۇ بىلەن تۆپە تاشنى كۆتىرىپ تۇرۇپ، موڭغۇل ئىككى قولىنى تاشنىڭ ئوتتۇرىسىغا قوللىرىنى تىققاندىن كېيىن، قوپارغۇنى تارتىۋېلىپ ئۇنىڭ ئىككى قولىنى تاشقا باستۇرىدۇ. ئۇنىڭ شېرىكلىرى كېلىپ، بۇندىن كېيىن كەلمەسلىككە ۋەدە بېرىپ، بۇلىۋالغان ئۇنلىرىنىمۇ قايتۇرۇپ بېرىدۇ. ياش تۈگمەنچى ئۇيغۇر يىگىت قوپارغۇ بىلەن تاشنى كۆتۈرۈپ موڭغۇلنىڭ قولىنى چىقىرىپ قويىدۇ.بۇلاڭچىلار خۇش بولۇپ «نادمان»(باتۇر) دەپ ۋارقىرىشىپ كېتىدۇ. بۇ سۆز (نادمان) كېيىن تۈگمەنچىنىڭ ئەۋلادلىرىغا لەقەم بولۇپ قالىدۇ. نادمانلار ھازىرمۇ لۈكچۈن ۋە پىچان دائىرىسىدە ياشاپ كەلمەكتە. پىچان ناھىيىسىنىڭ تۇيۇق يېزا 2 – ئاھالىلەر كومىتېتىدا تارىخچىلار «بۇددا خارابىلىرى» دەيدىغان، يەرلىك خەلق «قالماق ئۆيلىرى» دەيدىغان جاينىڭ شەرق تەرىپىدىكى «بارات تاغ» دەپ ئاتىلىدىغان چوققىنىڭ ئۈستىگە چىقسىڭىز ئادەم ئولتۇرغان ئۆيلەرنىڭ ئىزلىرىنى كۆرىسىز. مانابۇ چوققىدا جۇڭغارلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىدىغان ئەسكەرلىرى تۇرغان.
جۇڭغارلارنىڭ بايرىمى كۈنى ئەسكەرلەر دېھقانلارغا ئۈزۈم ئەپچىقىپ بېرىشنى بۇيرۇيتتى، ئۇيغۇر دېھقانلىرى نەچچە سېۋەت ئۈزۈمنى كۆتۈرۈپ پەلەمپەي ئارقىلىق چوققىغا ئەپچىقىپ بېرەتتى.ئۈزۈمنى يەۋاتقاندا ئەسكەر باشلىقىنىڭ تىلىنى ئۈزۈم ئارىسىدىن چىققان سېرىق ئېشەك (چايان) چېقىۋالىدۇ.شۇنىڭ بىلەن «ئۇيغۇرلار بىزگە دۈشمەنلىك قىلىپ چايانغا چاقتۇردى» دەپ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا جېدەل چىقىپ دەسلەپتە ئۇيغۇرلار زىيانغا ئۇچرايدۇ، كېيىن ئەتراپتىكىلەر پىچاق، كالتەك، نەيزە، قىلىچلىرىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ جۇڭغارلارنى سۈرۈپ توقاي قىلىپ غەلىبە قىلىدۇ. نەتىجىدە ئىككى تەرەپ سۆزلىشىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار بىر ئائىلە ئۈچ كۈندىن تاغ ئۈستىگە سۇ توشۇپ بېرىدىغان، نۆۋەتلىشىپ ئوتۇن يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ئىككى تۈرلۈك سېلىقنى بىكار قىلىدۇ.
پىچان ناھىيىسىنىڭ لەمجىن رايونىغا قاراشلىق 6 – ئاھالىلەر كومىتېتى (شاھ) نىڭ غەربىگە توغرا كېلىدىغان خايدا ئەسلى خاندو (خاندو باشلانغان جاي) دېگەن مەھەللە بار، توپراق قاتلىمى قېلىن، يەر تۈزۈلۈشى ئالاھىدە بولغان بۇ جايدىكى ئۇيغۇرلار جۇڭغارلارغا يىلدا بىر قېتىم بۇغداي، پاختا، قۇرۇق ئۈزۈم، ماتا تاپشۇرۇپ تۇرغان.لېكىن ئۇلار توختامغا ئەمەل قىلماي ئاتلىق توپلىشىپ كېلىپ بۇلاڭچىلىق قىلىپ خەلققە زۇلۇم سالغان.بۇنداق بۇلاڭچىلىق كۆپ تەكرارلانغاچقا يۇرت كاتتىلىرى مەسلىھەتلىشىپ ئۇلار يەنە كەلسە تەلتۆكۈس يۇقىتىشقا بىرلىككە كېلىدۇ. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي 25 ئاتلىق يېتىپ كېلىدۇ. ئالدىن بىرلىككە كەلگەن پىلان بويىچە ئەسلى خاندونىڭ ئىمامى باشلىق جامائەت ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئېلىپ نەچچە ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇپ بېدە – بوغۇز تۆكىدۇ. ئىمام ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ باشلىقىغا « سىلەر خاتىرجەم تاماق يەپ، دەم ئېلىپ تۇرۇڭلار، ھازىر بىزنىڭ ناماز ئوقۇيدىغان ۋاقتىمىز بولۇپ قالدى، نامازدىن كېيىن سىلەرنى دېگىنىڭلار بويىچە ياخشى يولغا سالىمىز» دەيدۇ. مەزىن مەسچىتنىڭ ئۆگزىسىگە چىقىپ ئىككى قۇلىقىنى تۇتۇپ «بۇلاڭچى دۈشمەنلەر كەلدى، تاياق – توقماق، پىچاق – نەيزە، ئورغاق – پالتا قولغا چىققان نەرسىلىرىڭلارنى ئېلىپ، ئەر – ئايال، چوڭ – كىچىك، ياش – قېرى دېمەستىن ئەسلى خاندوغا دەرھال كېلىڭلار. بولمىسا بۈگۈن ھەممىمىز ئۆلۈپ تۈگەيمىز» دەپ تەكرار توۋلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەسلى خاندودىكى جۈمە مەشچىتنىڭ ئالدى ئادەم بىلەن تولىدۇ. بۇلاڭچىلار تاماق يېيىشكە باشلىغان چاغدا ئادەملەر ئۆيلەرگە تۇيدۇرماي باستۇرۇپ كىرىپ بىرىنىمۇ تىرىك قويماي ئۆلتۈرۈپ، بۇلاڭچىلاردىن ئىنتىقام ئالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن جۇڭغارلارنىڭ بۇلاڭچىلىقى تۇختايدۇ.1700 – يىلنىڭ كىرىشى بىلەن جۇڭغارلارنىڭ زۇلۇمى ناھايىتى ئېغىرلاشتى.
بۇ چاغلاردا تۇرپاننى باشقۇرىۋاتقان ئاق سۇلتان، شاھ زەپەر قاتارلىقلار جۇڭغارلارغا تۇيدۇرماي يۇرت كاتتىلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بېيجىڭگە ئالتە قېتىم نۇرغۇن سوۋغا – سالام بىلەن ئەلچى ئەۋەتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كاڭشىنىڭ 59 – يىلى (1720 – يىل) 7 – ئاينىڭ 10 – كۈنى توپىلاڭنى تىنچىتىش قوماندانى فۇ نىڭئەن قوشۇن باشلاپ قۇمۇلدىن يولغا چىقىدۇ. پىچانغا يېتىپ كەلگەندە پىچاندىكى ئۇيغۇر باشلىق 300 ئادەم بىلەن تەسلىم بولۇپ لۈكچۈنگە يول باشلاپ كېلىدۇ.
لۈكچۈندە ئىمىن خوجا ئالدىغا چىقىپ قىزغىن قارشى ئالىدۇ ھەم 36 يۇرت كاتتىلىرىنى باشلاپ تۇرپانغا كېلىپ ئالدى بىلەن چىڭ سۇلالىسىگە بوي سۇنۇپ تەۋەلىك بىلدۇرىدۇ. تۇرپاننىڭ باشلىقلىرىمۇ شۇنداق قىلىدۇ. كېيىن بۇ قوشۇن يۇڭجېڭنىڭ 3 – يىلى (1725 – يىل) قايتىپ كېتىدۇ. بۇ ھەقتە خەلق ئارىسىدا مۇنداق قوشاق ساقلىنىپ قالغانىكەن:
قاڭقى دۆڭگە تىكىلدى چېرىكلەرنىڭ ئوپىسى،
قات قات قىلىپ سېلىندى زىلچا-گىلەم كۆرپىسى.
تۆت يىلغىچە چىقمىدى تۇرپاندا ھېچ شەپىسى،
ئاخىرى ياندى ئارقىغا قېتىقلىقكەن مەپىسى.
چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى تۇرپاندىن قايتىپ كەتكەندىن كېيىن جۇڭغارلار تۇرپانغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئىمىن خوجىغا تەھدىت سېلىپ بېسىم ئىشلىتىدۇ.ئىمىن خوجا باش ئەگمەي جۇڭغارلار بىلەن ئۇرۇشۇپ جۇڭغارلارنى تۇرپان تەۋەسىدىن قوغلاپ چىقىرىشقا تەييارلىنىپ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىدىن ھەربىي ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.لېكىن چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ھازىرچە ياردەم بېرەلمەيدىغانلىقىنى، تۇرپان خەلقىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كۆچۈرۈپ كېلىپ خاتىرجەم تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولۇشنى ئۇقتۇرىدۇ. بۇ چاغدا توختى مامۇت دېگەن ئادەم باشچىلىقىدا 650 كىشى كۆچۈپ بېرىپ ۋېيلوباۋ دېگەن جايغا ئورۇنلىشىدۇ. 1731 – يىلى جۇڭغارلار قوشۇن باشلاپ كېلىپ لۈكچۈننى 40 كۈن قامال قىلىپ ئىمىن خوجىنى تەسلىم بولۇشقا قىستايدۇ.لېكىن ئۇ تەسلىم بولۇشنى قەتئىي رەت قىلىپ ئادەملىرىگە ئىلھام بېرىپ جۇڭغار قوشۇنلىرى بىلەن جان تىكىپ سوقۇشىدۇ.ئاخىرى قۇمۇلدا تۇرىۋاتقان چىڭ سۇلالىسى ئەسكەرلىرى ياردەمگە كېلىپ قامالنى بىكار قىلىدۇ. دەل مۇشۇ چاغدا چىڭ ھۆكۈمىتى «كۆچمىگەن ئۇيغۇر پۇقرالىرىغا مەلۇم بولسۇنكى ناۋادا دۈشمەننى يېڭىشكە ئاجىزلىق قىلساڭلار ئۇرۇشماي كۆچۈپ كەلگىنىڭلار تۈزۈك، مەزكۇر يارلىق تارقىتىلغاندىن كېيىنمۇ بىقارار بولۇپ ئۆز جايىڭلاردا تۇرىۋەرسەڭلار دۈشمەننىڭ پاراكەندىچىلىكىگە يەنە ئۇچرىغان چاغدا ئۆزەڭلارنىڭ ئىشىنى ئۆزەڭلار بىر تەرەپ قىلىڭلار، قوشۇنىمىز سىلەرنى پاناھىغا ئېلىشقا يەنە بارمايدۇ» دەپ ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ. بۇ ئۇقتۇرۇشتىن كېيىن تۇرپان، پىچان تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئىمىن خوجا باشچىلىقىدا 10 مىڭغا يېقىن ئادەم 1732 – يىلى تۇركۈمگە بۆلۈنۈپ ئىچكىرىگە كۆچۈپ بېرىپ گۇاجۇ دېگەن جايغا ئورۇنلىشىپ ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى بىلەن تېرىقچىلىق قىلىپ تۇرمۇش كۆچۈرىدۇ. 1745 – يىلى غۇلجىدىكى جۇڭغارلارنىڭ باشلىقى غالدان ئۆلۈپ ئۆز ئىچىدە ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى يۈز بېرىدۇ. 1752 – يىلى داۋاچ بىلەن ئامۇرسانا بىرلىشىپ قوشۇن باشلاپ كېلىپ لاما دارجىنى ئۆلتۈرۈپ داۋاچىنى خانلىققا ئولتۇرغۇزىدۇ. 1754 – يىلى ئىمىن خوجا داۋاچى بىلەن سوقۇشۇپ يېڭىلىپ قېلىپ چىڭ سۇلالىسىدىن ياردەم تەلەپ قىلىدۇ. ?IO3w{fmH
چىڭ سۇلالىسىنىڭ قوشۇنلىرى غۇلجىغا ماڭغاندا ئىمىن خوجىمۇ گۇاجۇدىن 300 ئادىمى بىلەن يول باشلاپ غۇلجىغا كېلىدۇ. قايتىشىدا تۇرپاندا قېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ.ئۇ گۇاجۇغا قايتقاندىن كېيىن گەنسۇ باش ۋالىيسى خۇاڭ تىڭگۈيگە تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنى ئۆز ئورۇنلىرىغا قايتۇرۇپ كېتىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى بايان قىلىپ : «بۇلتۇر مەن خان ئالىيلىرىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن لەشكەرلەرگە يول باشلاپ ئىلىغا باردىم.قايتىش سەپىرىمدە تۇرپانغا كېلىپ ئۇ يەردە موڭغۇللارنىڭ يوقلۇقىنى، پەقەت 400 ئۆيلۈك ئۇيغۇر پۇقراسىنىڭ بارلىقىنى كۆردۈم. مەن ئىلىغا بارغاندا ئىلگىرى ئەسىر قىلىپ تۇتۇپ كەتكەن 100 ئۆيلۈك ئۇيغۇرنى كۆرۈپ تۇرپانغا قايتۇرۇپ كەلدىم. ھازىر تۇرپاندا 500 ئۆيلۈك ئۇيغۇر بار، بۇرۇن بۇ جايدا دائىم دېگۈدەك ئۇرۇش ۋە يىغىلىق بولۇپ تۇرغاچقا ئادەملىرى ھەر تەرەپكە چېچىلىپ كەتكەن.
ھازىر تۇرپان، لۈكچۈن قاتارلىق 16 ئورۇندا ئېچىشقا تېگىشلىك يەر كۆپ، ھازىر گۇاجۇدا تۇرىۋاتقان ئۇيغۇرلار 2337 ئائىلە، 8818 ئادەم، ئۇلار تۇرپانغا كۆچۈپ بارسا پۈتۈنلەي ئورۇنلاشتۇرۇپ كەتكىلى بولىدۇ» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن تۇرپان، پىچان ئۇيغۇرلىرى 1765 – يىل 3 – ئايدىن باشلاپ ئىمىن خوجىنىڭ يېتەكچىلىكىدە تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلىشكە باشلايدۇ.
پايدىلانغان ماتېرىياللار ۋە ئىزاھات:
مىرزا ھەيدەر كوراگانى: «تارىخى رەشىدى» ئۇيغۇرچە قول يازما نۇسخىسى.
موللا مۇسا سايرامى: «تارىخى ھەمىدى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1986- يىل 12 – ئاي نەشرى.
موللا مىر سالىھ كاشغەرى: «چىڭگىزنامە» ھاجى نۇر ھاجى نەشرگە تەييارلىغان، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى نەشر قىلغان.
جاڭ يۈشىننىڭ «شىنجاڭ داشۆسى ئىلمىي ژۇرنىلى» ئىجتىمائىي پەن قىسمى (ئۇيغۇرچە) 1984- يىل 3- سانىغا بېسىلغان «تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ گۇاجۇغا كۆچۈش جەريانى» دېگەن ماقالىسى. قوشاقنى پىچان ناھىيە تۇيۇق يېزىسىغا قاراشلىق سۇ بېشى كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق تارىخچى 75 ياشلىق ئەيساموللا 1957 – يىل 6 – ئاينىڭ 23 – كۈنى ئۆيىدە ئېيتىپ بەرگەن.
مەنبە : شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى2003- يىل 4 – سانىدىن ئېلىندى
http://bbs.bagdax.cn/thread-24078-1-1.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.