ئەڭ يېڭى خەۋەر
بىر ئۇيغۇر يازغۇچىنىڭ 3 تىلدا نەشىر قىلىنغان يېڭى كىتابى
ئۇكراينا دۆلەت رەئىسى ۋېلادىمىر زەلەنسكىنىڭ ئاقسارايدا تىرامپ تەرىپىدىن ئازارلىنىشى ۋە رۇس ئىشخالىنىڭ تۈپ سەۋەبى نىمە؟
تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارلانىڭ پاجىيەسى ۋە چىقىش يولى ھەققىدە قىسقىچە ئانىلىز
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
تىترىدىم
ئابدۇرەھىم پاراچ
تىترىدىم، سارغۇچ پىلەكتەك تىترىدىم،
قەددى تۈز يالغۇز تىرەكتەك تىترىدىم.
ئۆسمىدى قىلدەكمۇ بولسا بۇ كۆڭۈل،
چېلىنىپ دائىم غېجەكتەك تىترىدىم.
«سۆي» دېدى سۆيمەيدىغانلار دائىما،
ئاقىبەت توزۇپ پىپەكتەك تىترىدىم.
بولسا دەپ چۆللەرمۇ بوستان بىر قېتىم،
سۇسىراپ يالغۇز كۆچەتتەك تىترىدىم.
قالمىدى تاقەت دىگەندىن بىر تېمىم،
تولىغىنىپ، ئىڭراپ راۋاپتەك تىترىدىم.
تۈن دىگەن بۇنداق ئەمەستى بەك ئۇزۇن،
تىترىدىم، ۋەللا! تاناپتەك تىترىدىم.
كۆيسە-كۆيسە مەيلى دەيتىم بۇ يۈرەك،
كۆيمىدىم ئەمما كاۋاپتەك، تىترىدىم.
زارىقىپ لەۋدىن بۇقۇلداپ ئاقتى قان،
خالىقا، ئالدىڭدا داپتەك تىترىدىم.
بۇ يۈزۈم قانداق قارايدۇ ئەتىگە؟
ئويلىسام، رەسۋا جالاپتەك تىترىدىم.
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.
BENZER HABERLER