logo

trugen jacn

تىترىدىم-ئابدۇرەھىم پاراچ

تىترىدىم
ئابدۇرەھىم پاراچ

تىترىدىم، سارغۇچ پىلەكتەك تىترىدىم،
قەددى تۈز يالغۇز تىرەكتەك تىترىدىم.

ئۆسمىدى قىلدەكمۇ بولسا بۇ كۆڭۈل،
چېلىنىپ دائىم غېجەكتەك تىترىدىم.

«سۆي» دېدى سۆيمەيدىغانلار دائىما،
ئاقىبەت توزۇپ پىپەكتەك تىترىدىم.

بولسا دەپ چۆللەرمۇ بوستان بىر قېتىم،
سۇسىراپ يالغۇز كۆچەتتەك تىترىدىم.

قالمىدى تاقەت دىگەندىن بىر تېمىم،
تولىغىنىپ، ئىڭراپ راۋاپتەك تىترىدىم.

تۈن دىگەن بۇنداق ئەمەستى بەك ئۇزۇن،
تىترىدىم، ۋەللا! تاناپتەك تىترىدىم.

كۆيسە-كۆيسە مەيلى دەيتىم بۇ يۈرەك،
كۆيمىدىم ئەمما كاۋاپتەك، تىترىدىم.

زارىقىپ لەۋدىن بۇقۇلداپ ئاقتى قان،
خالىقا، ئالدىڭدا داپتەك تىترىدىم.

بۇ يۈزۈم قانداق قارايدۇ ئەتىگە؟
ئويلىسام، رەسۋا جالاپتەك تىترىدىم.

Share
114 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.