ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئەركىن
تايلاند دائىرىلىرى 17-ئاۋغۇست باڭكوك پارتلاش ۋەقەسىنىڭ پىلانلىغۇچىسى «ئىشان» لەقەملىك ئابدۇراخمان ئابدۇساتتارنىڭ ۋەقەدىن كېيىن خىتايغا كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
تايلاند دائىرىلىرىنىڭ جۈمە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، ئابدۇراخمان ئابدۇساتتار پارتلاشتىن بىر كۈن بۇرۇن خىتاي پاسپورتى بىلەن بېنگالغا كەتكەن. لېكىن بېنگال باش ساقچى نازارەتچىسى شەھىدۇل ھەق رېيتېرس ئاگېنتلىقىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، ئابدۇراخمان ئابدۇساتتارنىڭ 16-ئاۋغۇست بېنگالغا كىرگەنلىكى، ئۇنىڭ بېنگالدا 14 كۈن تۇرۇپ، «30-ئاۋغۇست بېيجىڭغا قاراپ ئۇچقانلىقىنى ئېنىقلىدۇق» دېگەن.
تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئابدۇراخمان ئابدۇساتتار 17-ئاۋغۇست پارتلاش ۋەقەسىنىڭ پىلانلىغۇچىسى بولۇپ، ئۇ مىرئەلى يۈسۈپكە بومبىنى باڭكوك ئەتراپىدىكى بىنا ئۆيدىن ئېلىپ، پارتلاش ئورنىغا ئېلىپ بېرىشقا بۇيرۇغان كىشىكەن.
ئابدۇراخمان ئابدۇساتتارنىڭ پارتلاش ۋەقەسىدىن كېيىن بېيجىڭغا كېتىشى ئابدۇراخمان كىم؟ باڭكوك پارتلاش ۋەقەسىنىڭ ئارقىسىدا كىم بار؟ دېگەن مەسىلە شۈبھىچىلەردىكى گۇماننى تېخىمۇ كۈچەيتتى.
لېكىن تايلاند ساقچى باشلىقى سىميوت پۇمپاڭموڭ جۈمە كۈنى مۇخبىرلارغا بۇ ۋەقەنىڭ ئارقىسىدا ئابدۇراخمان ئابدۇساتتاردىنمۇ چوڭ ئارقا تىرەك بارلىقىدىن بېشارەت بېرىپ، «ئىشان بېلىقنىڭ ئەڭ چوڭى، دەپ خۇلاسە چىقارماڭ» دېگەن
http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/taylandta-partlash-09112015161558.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.