logo

trugen jacn

تاياقلاش كېرەكمۇ يېتەكلەشمۇ

 

Abduveli Ayup

 

ئابدۇۋەلى ئايۇپ



سالام ئوقۇتقۇچى ئىنىم،                              
«ئوقۇتقۇچىنىڭ تايىقى ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇھەببىتى»دېگەن يازمىڭىزنى ئوقۇپ چىقتىم. ئالدى بىلەن سىزنىڭ مائارىپتىكى مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، مەسئۇلىيەتچان، ئىجتىھاتلىق روھىڭىزغا ئاپىرىن ئوقۇدۇم. سىز دىكى ئىجتىمائىي سادالارغا جاۋاپ بېرەلەيدىغان ئۆتكۈرلۈك، جاسارەت ۋە قابىلىيەت مېنى ھەقىقەتەن قايىل قىلدى. يازمىڭىزنىڭ ماۋۇزسىغا قارىغاندا ”جەمئىيەتنىڭ مۇھەببتىتى“ ھەققىدە توختىلامدىكىن دېسەم ئۇنداق قىلماپسىز. ماۋزۇغا قارىسائوقۇتقۇچىنىڭ تايىقى بىلەن جەمئىيەتنىڭ مۇھەببىتى ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت باردەك تۇيغۇ بېرىدىكەن، ئەمما ئۇ مەزمۇن  يورۇتۇلماپتۇ. يازمىنىڭ ماۋزۇسى بىر مۇھاكىمە ماقالىسىنىڭكىگە ئوخشايدۇ، ئەمما مۇھاكىمە ماقالىنىڭ شەكلى يازمىڭىزدا ئىپادىلەنمىگەن. بەلكىم، كەسپىڭىز ئەدەبىيات ئەمەس بولسا، ئەدەبىيات دەرسىدە مەشىقلەندۈرۈلمىگەن بولسىڭىز كېرەك. بۇنىڭغا سىزلا جاۋاپكار ئەمەس، سىزنى ئەدەبىيات دەرسى ئارقىلىق ياخشى تەربىيەلىيەلمىگەن ئوقۇتقۇچى،تەربىيەلىيەلەيدىغانلارنى تاللىيالمىغان مائارىپ تۈزۈمى ياكى تاللانغانلارغا رىغبەتلىك، ئەركىن، ھوزۇرلۇق شارائىت يارىتىپ بېرەلمىگەن مەكتەپلەر زامىندۇر بەلكىم.
   مەن ئوقۇتقۇچىنىڭ تايىقىسىز تىرىشىپ ئوقۇغان ئوقۇغۇچى بولغاچقا سىزنىڭ شەخسى كەچۈرمىشىنى ئاساس قىلىپ ئوتتۇرىغا قويغان «تاياقسىز لاياقەتلىك ئوقۇغۇچى تەربىيەلىگىلى بولمايدۇ» دېگەن ئىددىيىڭىزگە قوشۇلمايمەن. «ئۇستازى زالىم بولساشاگىرتى ئالىم بولىدۇ“ دېگەن ماقالنىمۇ زالىم ئۇستازلار توقۇپ چىققان قاپىيىلىك قۇرۇق گەپمىكىن دېگۈم كېلىدۇ. ئەگەر بۇ يەردىكى ”زالىم“ دېگەن سۆز ”تەلەپچان“ دېگەنلىك ئېدى، دەپ تەسەللىيلىك مەنىدە چۈشەنسەك، سەل قوبۇل قىغىلى بولىدىغاندەك. ئەمما مەيلى قانداق ياساندۇرايلى زالىملىقنىڭ ماھىيىتىنى يوشۇرۇپ بولالمايمىز. بۇنداق ئىبارە خەنسۇچىدىمۇ بار، قارىغاندازالىملىقنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى ئالىملىق مىۋىسىگە ئېغىز تەگكۈزىدىغانلىقىغا ئىككىلا مىللەتتىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئىشەنسە كېرەك. قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئىي نەزەرزالىملىققا يانتاياق بولۇۋاتقانلارنىڭ زۇلۇمنى ئاقلاشتىكى مۇنداق ”ئىتىپاقلىق“تىن ئەپسۇسلىنىمەن.
    مەن ئۇستازنىڭلا ئەمەس، ھەر قانداق ئىنسان ۋە ئورگاننىڭ زالىملىقىنى ھەرقانداق ۋاستىلەر بىلەن ئاقلاشلارغا قارشى. بالام ئالىم بولمىسا مەيلىكى زۇلۇمنى قورال قىلغان ئۇستازنىڭ ئالدىدا خورلانمىسۇن. تاياقچى ئوقۇتقۇچىنىڭ دەستىدىن تاياق قېپى،داۋىخور، خورلۇق خۇمار بولۇپ قالمىسۇن. چۈنكى زۇلۇم بالامنىڭ ۋە مېنىڭلا ئەمەس،ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى. شۇڭا رەببىمىز ئىنسانىيەتنى زۇلۇمدىن ئازات قىلىدىغان خىتابنامە قۇرئاننى نازىل قىلىپ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. زالىم ئوقۇتقۇچىنىڭ قولىدا تەربىيەلەنگەنلەر بەلكىم قورقۇپ ئۆگىنىشكەمەجبۇر بولىدىغاندۇ، بەلكىم ئىمتىھانلاردىن ئۆتۈپ ۋاقىتلىق نەتىجىگە ئېرىشكەندۇ،ئەمما ھىدايەتكە ئېرىشەلمەيدۇ. ھىدايەتكە، توغرا يولغا ئېرىشەلمىگەن كىشىلەرنەپسى-مەنپەئەتلىرىنىڭ  كەينىدىن يۈرۈپ ھامان روھىي قۇلۇققا، خاراپلىققا دۇچاربولىدۇ. زالىمنىڭ مەقسىدى ئىنساننى مەزلۇم، ئاجىز، ئامالسىزلىقتا قالدۇرۇپ دېگىنىگە كۆندۈرۈش، قىلغىنىنى قىلدۇرۇش، مەقسىدىنى سۆيدۈرۈشتۇر. زۇلۇمنىڭ نەتىجىسىدە ئىنسانلار قەلبىدىن قوزغالغاننى ئەمەس، مەجبۇرلانغاننى كامالەتلىك تاماملاشتا بەسلىشىدىغان ھالغا كېلىدۇ. توغرا، زۇلۇممۇ نەتىجىگە سەۋەب بولىدۇ، ئەممائىنسانلاردىكى ئاللاھ ئاتا قىلغان يوشۇرۇن ئىقتىدارلارنى جارى قىلدۇرىدىغان ئىزچىل تىرىشىچانلىققا، قايتماس ئىنتىلىشچانلىققا سەۋەپ بولالمايدۇ. زۇلۇم زالىمنىمۇ،مەزلۇمنىمۇ ئارامىدا قويمايدۇ، قىيناققا مەھكۇم قىلىدۇ. ئىلىم زۇلۇمنىڭ دۈشمىنى،ئوقۇتقۇچى ئىلىم ۋە ئىلمىيلىكنى سىڭدۈرۈشتە ئالىم بولۇشى كېرەككى ئوقۇغۇچىنىڭ روھىنى قۇل قىلىدىغان، جىسمىغا زۇلۇم سالىدىغان زالىم بولماسلىقى كېرەك. مەنمۇشۇنداق ئويلايمەن، سىزچە توغرىمىدۇ؟ بەلكىم دېگەنلىرىم ئۆزۈمگە توغرىدۇر.
    پىسخولوگىيەگەئائىت كىتابلاردىن ئوقۇشۇمچە بالىلار خاتالىقى سەۋەبلىك تاياقلانغاندا ”گۇناھىمنىڭ بەدىلىنى ئۆتەپ بولدۇمغۇ“ دېگەن تۇيغۇدا بولىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردا قىلمىشىنىڭ ئاقىۋىتىگە جاۋابكارلىق، ئۆتكۈزگەن خاتالىقىغا توغرا تونۇش، پۇشمان ۋە قايتا قىلماسلىققا بولغان ئىرادە شەكىللەنمەيدىكەن. بىزنىڭ جازالاش ئوبىكتىمىز بالائەمەس ئۇنىڭ خاتالىقى بولۇشى كېرەك، بالىنىڭ زىممىسىگە ئالىدىغىنى جىسمانىي ئازاپ،روھىي زەربە ئەمەس، خاتالىق سەۋەبتىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەت بولۇشى كېرەك. بالىنىڭ تەربىيەدىن تەسىرلىنىپ خاتالىقىنى تونۇپ پۇشمان قىلىپ يىغلاپ كەتكىنى تەربىيىچىنىڭ غەلبىسى،ئاغرىق زەربىسىدىن چىدىماي تۆكۈلۈپ كەتكىنى تاياقنىڭ غەلبىسى. مۇشۇنداق تاياق زەربىسىدە يېتىلگەنلەر ئىلمىي تەربىيەنىڭ قۇدرىتىگە ۋە ئىلىمنىڭ  قۇدرىتىگە ئەمەس؛ تاياقنىڭ، زۇلۇمنىڭ كارامىتىگە قايىل چوڭ بولىشى مۇمكىن. بۇنداقلارنى ۋاقتى كەلسە زالىم ئۇستازلاردىن ياكى زالىملىقنىڭ ھىمايىچىلىرىدىن بولمايدۇ دېگىنى بولمايدۇ.
    يازمىڭىزدائاتا ئانىلارنىڭمۇ بالىلىرىنى ئۇرىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تاياقلاشلىرىنى ئاقلاشقا تىرىشىپسىز. مەن ئاتا-ئانىنىڭ تەن جازاسى بېرىشىنى قوللىمىساممۇ لېكىن بۇنىڭ ئاقىۋېتىنى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۇرۇشىدەك ئېغىر دەپ قارىمايمەن. چۈنكى بالا دېگەن بالا، ئاتا ئانىنىڭ تاياقلىرىنى ئانچە بەك ئېغىرئېلىپ كەتمەيدۇ. بۇ تاياقنىڭ مۇھەببەت سەۋەبلىك تەگكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. ئەمما يات بىر كىشىنىڭ تايىقى بىلەن ئاتا ئانىنىڭ تايىقىنىڭ بالىنىڭ قەلبىدىكى زەخمىسىنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.
      سىزئاتا ئانىلارنىڭ بىر ئىككى بالىنى باقالمايدىغانلىقىنى، ئوقۇتقۇچىنىڭ نەچچە ئون ئوقۇغۇچىنى باشقۇرۇشتا قىينىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇرماي بولمايدىغانلىقىنى تىلغائاپسىز. بىز بىر قانچە نوقتىلاردا پىكىرلىشىپ باقايلى. بىرىنجىدىن، ئاتا-ئانا دەرس ئۆتمەيدۇ، بەزىلىرى ئۆتىمەن دەپمۇ ئۆتەلمەيدۇ. ئۇنداق لاياقەت، تەجرىبە ۋەتەربىيەگە ئىگە كىشى سىز. ئۇلار قىلالمىغاننى سىز قىلايسىز، شۇڭا سىز ئوقۇتقۇچى. ئوقۇتقۇچى سىنىپتا بالىلارنى باشقۇرغۇچى ئەمەس، دەرس ئارقىلىق جەلىپ قىلغۇچى. دەرسخانىدابالىلارنىڭ ھەممىسى جىمجىت ئولتۇرىشى شەرت ئەمەس، سىزنىڭ دىققىتىڭىز دەرسنىڭ مەزمۇنىغا ئەمەس باشقۇرۇشقا، قىمىرلاشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا، پىچىلارشلارنى ئاڭلىۋېلىشقا جەلىپ بولغان بولسا بالىلارنى باشقۇرالمىغىنىڭىز ھەقكەن. ئۆزىڭىزكىرىشىپ ئۆتەلمىگەن دەرسنى ئوقۇغۇچى بېرىلىپ ئاڭلىيالايتتىمۇ؟ دەرسنى بارلىقزېھنىڭىزنى يىغىپ ئۆتمەي، ئوقۇغۇچىنىڭ دىققىتىنىڭ ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ يىگىرمەمىنۇت يىغىلىدىغانلىقىنى، ئاندىن تەبئىي چېچىلىشقا باشلايدىغانلىقىنى بىلمەي، تەرتىپتىكلەيمەن دەپ ئۆزىڭىزگىمۇ سەبىلەرگىمۇ زۇلۇم قىلىپ ئىتائەتچان بىلىمسىزلەرنىتەربىيىلىمەكچىمىدىڭىز؟ بالىلار دەرستە ئوينىسا ئوينىتىپ ئۆتۈڭ، قىمىرلىساھەرىكەتكە سېلىپ ئۆتۈڭ، غىڭشىسا ناخشىغا سېلىپ ئۆتۈڭ. لېكىن، ئۆزىڭىزگە ۋەئالدىڭىزدىكى قارا كۆزلەرگە زۇلۇم سالماڭ، زالىم بولماڭ. دېمەك، ئالى مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەن، پىسخولوگىيە ۋە پىداگوگىكىدىن لاياقەتنامە ئالغانغا لايىق ئوقۇتۇش مىتودى، تەربىيەلەش ئۇسۇلى ۋە يېتەكلەش ماھارىتىڭىز بولسۇن. تاياقلاش ھەممە ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىدۇ، ئەمما يېتەكلەش سىزدەك مەلۇماتلىق كىشىگىلاخاستۇر.
   پەرىزىمچە مائارىپتاقوش تىللىقلاشتۇرۇش، ياتاقلاشتۇرۇش، مەركەزلەشتۈرۈش شۇنداقلا جەمئىيەتتىكى ياشلارنى مەكتەپلەشتۈرۈش ئىسلاھاتى ئوقۇتقۇچىلاردا نۇرغۇن غۇتۇلداشلار، غەلەتلەر،غەيرىلىكلەر ۋە غاپىللىقلار بىلەن نەتىجىلىنىۋاتىدۇ. ئەمما بوۋىلىرىمىز چىدىغانغاچىدايلى، ئانىلىرىمىزنىڭ قەيسەرلىكىگە ئەگىشەيلى. ئىلىمنىڭ ئوتى، ئىلىم بېرىشنىڭ   كۈلپىتى ۋە ئېلىمنىڭ زاكىتىنى ئايرىشنىڭ قىيىنلىقى بىزنى چىدىماسلاردىن،سەپرالاردىن، جانباقارلاردىن قىلىپ قويمىسۇن.
    جەمئىيەتتەتارتقان خورلۇقنى سىنىپتا چىقارمايلى، سېكىرتاردىن ئىشىتكەن دەشنامنى سەبىلەرگەيۈكلىمەيلى. قارىسام ھازىر ھەممە يەردە سۈرئەت، ھەممە يەردە نەتىجە، ھەممە يۇرتتابۇز-چاق قوغلىشىدىغان بولۇپ كېتىپتۇ. جىدىيچىلىكتە كادىر پۇتاقچى، ساقچى چاتاقچى،دېھقان چوماقچى، دوختۇر پىچاقچى بولۇپ كەتكەندەك قىلىدۇ. شۇ چاپچاپچىلىق سىزگەيۇقۇپ تاياقچى بولۇپ قالغان بولسىڭىز ئۇنىمۇ چۈشىنىمەن. ئەتراپىڭىزدا كەسكىنلىك،زەربىدارلىق، بۇيرۇقۋازلىق قۇيۇنى كۆتۈرۈلگەن شۇ ۋەزىيەتتە سىزنىڭ مەكتەپتىمۇبالىلارنى بىر تاياق بىلەن ئىنتىزامچان، بىر تەستەك بىلەن تىرىشچان، بىر پەشۋا بىلەن ئىھتىياتچان قىلىش بورىنى چىقماي قالمىدى. ئەمما شۇنى ئۇنۇتماڭكى، ئۇكام بۇقۇيۇنلارمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ، بورانلارمۇ ئۇچۇپ كېتىدۇ. بوراندا بۇرالماي، قۇيۇنداقوچۇلمايدىغان ئەقىدىمىز بىلەن بالىلارغا ئىلىم ۋە ئىلمىيلىكنى سىڭدۈرسەك شۇ سەبىيبالىلار، سەمىمىي ئانىلار ۋە ساددا بوۋا مومىلارنىڭ ئىھتىرامى، دۇئاسى ۋەتەشەككۈرىدىن كۆكلەيمىز

http://bbs.bagdax.cn/thread-34802-1-1.html

Share
1753 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.