ئەڭ يېڭى خەۋەر
بىر ئۇيغۇر يازغۇچىنىڭ 3 تىلدا نەشىر قىلىنغان يېڭى كىتابى
ئۇكراينا دۆلەت رەئىسى ۋېلادىمىر زەلەنسكىنىڭ ئاقسارايدا تىرامپ تەرىپىدىن ئازارلىنىشى ۋە رۇس ئىشخالىنىڭ تۈپ سەۋەبى نىمە؟
تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارلانىڭ پاجىيەسى ۋە چىقىش يولى ھەققىدە قىسقىچە ئانىلىز
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
جۈمە كۈنى، تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبەدە قوراللىق توقۇنۇش پارتلاپ، 17 ئادەم ئۆلگەن. بۇ ۋەقە بىلەن ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ۋاقىتلىق تاقالغان.
چەتئەل ئاخباراتى، دۈشەنبەدە ساقچى پونكىتى ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى، ھۇجۇمنى بۈگۈن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان تاجىكىستان مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئابدۇھالىم نەزەرزادەنىڭ ئادەملىرى ئېلىپ بارغانلىقى بىلدۈردى.
ھۇجۇمدا 8 ساقچى، قوراللىق گۇرۇھنىڭ 9 ھۇجۇمچىسى ئۆلگەن. ھۇجۇمنىڭ ئارقىسىدىكى سەۋەب مەلۇم ئەمەس.
بىراق تاجىكىستان دائىرىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، قوراللىق گۇرۇھتىكىلەر 1990- يىللاردا پارتلىغان ئىچكى ئۇرۇش جەريانىدا ئۆكتىچىلەر سېپىدە ئۇرۇش قىلغان كىشىلەركەن. ئامېرىكا ئەلچىخانىسى جۈمە كۈنى يەنە، ئەلچىخانا خادىملىرىنى سىرتقا چىقماسلىققا، بالىلىرىنى مەكتەپكە ئەۋەتمەسلىككە ئاگاھلاندۇرغان.
مەزكۇر ۋەقە تاجىكىستاندا ئىسلامى تىرىلىش پارتىيەسى چەكلىنىپ، ۋەزىيەت كەسكىنلىشىپ كەتكەن بىر مەزگىلدە يۈز بەرگەن. دائىرىلەر نەزەرزادە ۋە ھۇجۇمچىلارنى ئىسلامى تىرىلىش پارتىيەسىگە باغلىغان بولسىمۇ، بىراق مەزكۇر پارتىيە ئۇلار بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى رەت قىلغان. تاجىكىستان ئىسلامى تىرىلىش پارتىيەسى ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرلىرىدا پېچەتلەنگەن ئىدى
http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/tajikistan-weziyiti-09042015163400.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.
BENZER HABERLER