logo

trugen jacn

بىشكەكتە 5-ئىيۇل قانلىق ۋاقەسى خاتىرىلەندى

5-ئىيۇل كۈنى بىشكەك شەھىرىدە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 2009-يىلى 5-ئىيۇلدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۈز بەرگەن قانلىق قىرغىنچىلىق ۋەقەسىنىڭ 8 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى بولۇپ ئۆتتى.

يىغىنغا بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ناھىيە ۋە يېزىلاردىن قارا بالتا ۋە توخماق شەھەرلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى قاتناشتى. يىغىنغا «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجىيېف رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ دەسلەپ جامائەتكە سالام يوللاپ، پۈتۈن ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە بۈگۈنكى ماتەم كۈن خاتىرىلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئاقساقاللار كېڭىشىدىن مىرزاكىم ئابدۇلوفنى ۋەتەن ئازادلىقى ۋە مۇستەقىللىقى يولىدا قۇربان بولغان شېھىتلارغا ئاتاپ خەتمە قۇرئان ئوقۇشقا تەكلىپ قىلدى.

«ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دىلشات خاسانوف دوكلات بەردى. ئۆز دوكلاتىدا ئۇ، خىتاي دائىرىلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھەق ‏-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە ستۇدېنت ۋە ياشلارنىڭ تىنچلىق نامايىشىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوراللىق ئەسكەر-قىسىملارنى ئىشقا سېلىپ قىرغىن قىلغانلىقىنى، نەتىجىدە بىر نەچچە يۈز كىشىنىڭ قۇربان بولغانلىقىنى، نەچچە مىڭلىغان ياشلارنىڭ تۈرمىلەرگە سولانغانلىقىنى، 5-ئىيۇل ۋەقەسىگە قاتناشقان نەچچە يۈزلىگەن ياشلارنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا، مۇددەتسىز تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ھەمدە خىتاينىڭ، خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش تەشكىلاتلىرىنىڭ، بۇ خىل قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى توختىتىش توغرىسىدىكى قارارلىرىغا بويسۇنماي، تا بۈگۈنكى كۈنگىچە داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تەنقىدلەپ ئۆتتى.

قوشۇمچە دوكلات بىلەن ئىنسان ھوقۇقلىرىنى قوغداش تەشكىلاتنىڭ رەئىسى تۇرسۇن ئىسلام نىيازى سۆزگە چىقىپ، بىر ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇر ساقچىنىڭ ئەۋەتكەن مەلۇماتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

يىغىن قاتناشقۇچىسى، «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ئاياللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى رەشىدەم ئەمەتخانوۋا ئۆز ھېسسىياتلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

يىغىننىڭ ئاخىرىدا، ئارتىق ھاجىيېف 5-ئىيۇل پاجىئەسىنىڭ 8 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشقان بارلىق ۋەتەنداشلارغا «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى نامىدىن ئۆز مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

شۇنداقلا بۇ يىل بىرىنچى قېتىم، 5-ئىيۇل قانلىق ۋەقەسى قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبى ۋىلايىتىدە «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ جالالئاباد شەھىرىدىكى شۆبىسى تەرىپىدىن ۋە ئەلىشېر ناسىراخۇنوفنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، قىرغىزىستان خەلق ئاسسامبلېيەسىنىڭ ئىدارىسىدە خاتىرىلەندى. خاتىرىلەش پائالىيىتىگە جالالئاباد شەھىرى ۋە ئەتراپلىرىدىكى يېزىلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر جامائىتى ۋە باشقا مىللەتلەر ۋەكىللىرى قاتناشتى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/5-iyul-bishkek-07052017173952.html

Share
1245 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.