logo

trugen jacn

بىز ۋە ئۇلار- سالاھېدىن سەيدەخمەت

بىز ۋە ئۇلار- سالاھېدىن سەيدەخمەت
كۆپۈنچە ھاللاردا ئىنساننىڭ پىسخېكىسىنى بۇزىدىغان ۋە روھىيىتىنى خورىتىدىغىنى ئۇنىڭ ئىدىيىسىدە شەكىللەنگەن قېلىپلانغان چۈشەنچىلىرىدۇر. بىزنى ئۈمىدسىزلىككە ۋە چۈشكۈنلۈككە ئىتتىرىۋاتقان ھەرقانداق ئىشنىڭ كەينىدە ياتقىنى كۆپۈنچە ھاللاردا ئۇ ئىشنىڭ مەنبە، جەريان ۋە نەتىجىسىنىڭ بىزنىڭ ئىدىيەرىمىزدىكى قېلىپ بىلەن ئۇيۇشمىغانلىقى سەۋەپلىكتۇر.
يېقىننىڭ ياقى «ۋەتەن»گە بېرىپ يىللارنىڭ ياقى يىغىلىپ قالغان ھەر تۈرلۈك «ھەسرەت»لىرىنىڭ دەردىگە داۋا تېپىپ چىقىۋاتقانلار كۆپىيىپ قالدى. شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ 70 يىلنىڭ ياقى ئاران بىر نەپەس ئىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېگە بولغان، تۇنجۇقتۇرۇلغان مۇستەقىللىق كۆرىشىنىڭ ئەمدىلەدىن بىخلىنىۋاتقان بىر پەيتىدە، ئۇشبۇ شەخسىيەتچى ماڭقۇرۇتلارنىڭ بىخۇتلارچە خيانىتى سەۋەپلىك خەلىقارادا يامان تەسىرگە ئۇچىرىشى، ئەڭ مۇھىمى بۇ كۆرەشنىڭ غول ئۇمۇرتقىسى بولغان مۇھاجىراتتىكى ئۇيغۇر خەلقىنى ئۆز مىللىتىگە نىسبەتەن چوڭقۇر ئۈمىدسىزلىك ۋە كېلەچەككە نىسبەتەن قاراڭغۇلۇق ۋە ئىشەنچسىزلىككە باشلاپ قويىشى كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. ئىجدىمائى تاراتقۇ ۋاستىلىرىدا «ۋەتەن»گە بارغان چولپانلارنىڭ ۋېدىيو-رەسىملىرى ئاستىغا يېزىلغان ئىنكاسلار، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇ تۈردىكى خيانەتكار شەخسىيەتچى ماڭقۇرۇتلارغا بولغان غەزىپى، نەپرىتى، ھەسرىتى ۋە ئاچچىقىنى «ئۇلار»دىن ئەمەس بەلكى بىر-بىرىدىن، جۈملىدىن ئۇمۇمى مىللەتنىڭ لاتا غىلاپلىقىدىن، ئەزەلدىن تارتىپ ئېشىكى ئۆلسە قوڭى غېجەك تارتىدىغان تۇتامسىز خارەكتېرىدىن كۆرىۋاتقانلىقى، شۇ ۋەجىدىن ئۈمىدسىزلىك ۋە ئۆز ئارا ئىشەنچسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قالغانلىقى ھەممىگە ئاشكارا بىر ھەقىقەت بولۇپ قالدى. ھەر خىل سىياسى پائالىيەت، نامايىش، يىغىلىش، سۆھبەت قاتارلىق ئىجدىمائى پائالىيەتلەرگە قېتىلىش قىزغىنلىقىمۇ مۇشۇ كۈنلەردە 2017- يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدە تۇرماقتا.
ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن ئاچچىق يۇتۇش، ئاھ ئۇرۇش، خىيانىتىنى قوبۇل قىلالماسلىق ۋە ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز تىل-دەشنامنىڭ ئانا سەۋەبى بىزنىڭ ئۇلارنى ۋىجدانى بۇرچىمىز، مىللى ۋە دىننى ئەھكاملىرىمىز ئالدىدا بىز بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا قويۇپ مەنتېقە يۈرگۈزگەنلىكىمىزدىندۇر. تېخىمۇ ئىنىقىراق ئېيتساق پۈتۈن بۇ خىيانەتكار ماڭقۇرۇتلارنى ئۆزىمىزگە ئوخشاش ۋەتەن-مىللەت دەيدىغان شەرقى تۈركىستانلىقنىڭ بىر ئەزاسى دەپ ئويلىۋالغانلىقىمىزدىندۇر. ئەمەلىيەتتە بۇ بىئولوگىيىلىك ئۇيغۇرلار ھەرگىزمۇ ئىدىيە، مەنتېقە ۋە مەپكۇرە جەھەتتە بىز بىلەن بىر مىللەت ئەمەس. ئۇلار گەپ قىلسا بىزنىڭ چۈشىنىشىمىز، ئۇلارنىڭ بىز بىلەن ئورتاق كۈلتۈرنى ياشىشى ۋە چىراي شەكلىنىڭ ئوخشاشلىقى، بىر جۇغراپىيەدە ياشىغان بولغانلىقىمىز پەقەتلا تاشقى ئامىللارنىڭ ۋە بىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىك سەۋەپلىك ئوخشاشماقتا. ئىنساننى ئىنسانغا قېرىنداش قىلىدىغىنى دىنىمىزدا ئېمان بولسا، ھايات مۇساپىمىزدە يولداش ۋە سەبداش قىلىدىغىنى ئىدىيە ۋە مەپكۇرىدۇ.
بىز ۋە ئۇلار ئەزەلدىن بىرلىكتە ياشاپ كەلگەن تۈپتىن پەرىقلىق ئادەملەر!
مەسىلەن بىزنى كىچىك چاغلىرىمىزدا جۈمەگە بارغۇزماسلىق ئۈچۈن چۈشلۈك دەم ئىلىشتا ئۆيگە قايتۇرماي مەكتەپكە سولاپ قويغاندا ئۇلار بېخارامان ئۆيلىرىگە قايتالايتتى.
بىزگە رامىزانلاردا زورلاپ سۇ ئىچكۈزۈلگىنىدە ئۇلار ئۆيلىرىدىن ئىلىپ كەلگەن تاماقلىرىنى بىراۋ زورلىمىسىمۇ بېخارامان يەيتتى.

بىزنىڭ ئانىلىرىمىز ياغلىق ئارتقانلىقى سەۋەبىدىن سىرتلارغا چىقالمايۋاتقان چاغلاردا ئۇلارنىڭ ئانىلىرى

ئۆيلىرىمىزگىچە كىرىپ تەكشۈرۈش ئىلىپ باراتتى.
بىزنىڭ دادىلىرىمىز ئۆز شەھىرىدىن چىقىش ئۈچۈن مىڭ تۆشۈكتىن ئۆتۈشى كېرەك بولسىمۇ ئۇلارنىڭ دادىلىرىنىڭ يوللىرى داغدام ئوچۇق ئىدى.
بىزگە پاسپورت ئىشلىتىشمۇ بىر چۈش ئىكەن ئۇلار چەت ئەللەرگە ئوقۇشقا چىقالايتتى.
بىز ئۆيلىرىمىزدە ھەسەن مەخسۇمنىڭ مەخپى پىلاستىنكىلىرىنى يوشۇرۇن كۆرىۋاتقىنىمىزدا ئۇلار خىتاينىڭ تەرجىمە فېلىملىرىغا بەنىد ئىدى.
بىز پالانچى قارىنىڭ قازنىقىدا قۇرئان يادلاۋاتقىنىمىزدا ئۇلار پۇستانچى خىتاي باشلىقلىرىغا ھاراق قۇيۇپ ئاۋارە ئىدى.
بىز خىتاينىڭ پۈتۈن مەھسۇلاتلىرىنى «ئەقىلنى بۇلغايدۇ» دەپ ئەخلەت ئورنىدا كۆرگىنىمىزدە ئۇلار خىتاينىڭ رېستۇرانتلىرىدا «خوگو» يەيتتى.
بىز ئۈچۈن خىتايچە سۆزلەش نۇمۇس بولسا ئۇلار ئۈچۈن شەرەپ ئىدى.
بىز خىتايلارنىڭ يىنىدا ئۇلارنى كۆزگىمۇ ئىلماي تىك تۇرغىنىمىزدا ئۇلار كۈچۈكلىنىپ كېتەتتى.
بىز ئېدارە ئورگانلاردا ئىشلىگىنىمىزدە خىتايلار ئۆيلىرىمىزگە كېلىپ بۇلغىمىسۇن دەپ قېچىپ يۈرگىنىمىزدە ئۇلار ھېيت-ئايەملەردە خىتايلارغا قوي سوياتتى.
بىز نان يىسەك ئۇلار ئاي توقاچ يەيتتى،
بىز لەغمەن يىسەك ئۇلار «مىشەن» ئىچەتتى.
بىز دوپپا كەيسەك ئۇلار خەي كىيەتتى،
بىز خىتاي دېسەك ئۇلار خەنزۇ دەيتتى،
بىز ھارام دېسەك ئۇلار پەيزى دەيتتى.
ھەتتا تۈركىيەگە كېلىپ ئامالسىزلىقتىن ساياھەت يېتەكچىسى بولۇپ ئىشلىگىنىمىزدە ئۆزىمىزنى ئۇيغۇر دېسەك ئۇلار ئۆزىنى «شىنجاڭ»لىقمۇ دىيەلمەي، ئانام تۈرۈك دادام قازاق دەيتتى.
چەت ئەللەردە تۇرۇپ قارا خىتاينىڭ مەينەت ئەخلەتلىرىنى «ۋەتەننىڭ» دەپ قويۇپ ئەتىۋارلاپ يەيتتى.
تاماق ئەتسە «لاۋچۇ»،«شىڭچۇ»،«ۋېيجىڭ»،«جىجىڭ» ئىشلىتەتتى.
بىز نەرگە بارساق شۇ يەرنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىشقا تىرىشساق ئۇلار بارغان يېرىدە خىتايلارنى ئىزدەپ تاپاتتى.
بىزنىڭ تېلىفۇنلىرىمىزنىڭ سېستېمىسى تۇرۇشلۇق ئورنىمىزنىڭ تىلى بولسا ئۇلارنىڭ دائىما خىتايچە ئىدى.
بىز ۋاتساپلاردا ئۇيغۇرچە خەت يېزىشساق ئۇلار خىتايچە يېزىشاتتى.
بىز ئۇيغۇرچە سۆزلەشسەك ئۇلار خىتايچە ئارلاشتۇرۇپ سۆزلەيتتى،
بىز تۇرۇشلۇق دۆلىتىمىزدىكى ئۇيغۇرلار كۆپ يەرلەردىن ئۆي ئىزدىسەك ئۇلار ئۇيغۇرلار يوق يەرلەردىن ئىزدەيتتى،
بىز يىراقتىن بىر غېرىپ ئۇيغۇرنى كۆرگىنىمىزدە ئۇنى باغرىمىزغا باسقۇمىز كەلسە ئۇلار خىجىللىق ھېس قىلىپ كۆرمەسكە سالاتتى.
بىز بىرەر دۆلەتنىڭ پاسپورتىنى ئىلىش ئۈچۈن تىرىشساق ئۇلار خىتاينىڭ پاسپورتىنى باغرىغا چىڭ باساتتى،
مانا ئەمدى بىز ئۇرۇق-تۇققانلىرىمىز بىلەن سالاملىشىشقىمۇ قادىر بولالمايۋاتساق ئۇلار بېخارامان ۋەتەنگە چۈشۈپ چىقىۋاتىدۇ!

ئۇلار ئەزەلدىنلا جىسمى ئۇيغۇر روھى خىتايلار ئىدى، پەقەت ھۆكۈمىتىنىڭ رادىكال قارارىنىڭ قۇربانى بولۇپ بىر مەزگىل يالغۇز قالماسلىق ئۈچۈن ئارىمىزغا سۇقۇنۇپ كىرىپ بىزدەك بولىۋالدى خالاس. ئەمدى ئۇلارنىڭ ھۆكۈمىتى ئۇلار ئۈچۈن سىياسىتىنى يۇمشاتقىنىدا ھەرگىزمۇ قىرىلىپ كەتكەن خەلقىنى، باسقۇنچىلىققا ئۇچىرىغان قىز-ئاياللارنى، خىتايلاشتۇرۇلغان سەبىلەرنى، قۇل ئورنىدا ئىشلىتىلگەن ياشلارنى، تۈرمىگە تاشلانغان مۇسۇلمانلارنى، يېلتىزىدىن قۇرۇتۇلۇشقا ئۇرۇنغان ۋەتەنپەرۋەرلەرنى ئويلاپ قويمايدۇ! ئۇلار بىزدەك ۋىجدان

ئازابى چەكمەيدۇ، قەلبى ئاللاھتىن قورقمايدۇ، جامائەتنىڭ بېسىمىدىن ھېيىقمايدۇ، يالغۇز قېلىشتىن ئەنسىرىمەيدۇ، مۇناپىق ئاتىلىشتىن ساقلانمايدۇ! چۈنكى ئۇلار بىزدىن ئەمەس، ئۇلار باشقا ئادەملەر. خىتاينىڭ ئىنچىكە پىلانلىشى ئاستىدا ئۇستىلىق بىلەن يېتىلدۈرۈلگەن خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئېگە «شىنجاڭلىقلار».
كونىلاردا بىر گەپ بار «دۈشمەن ئاتسا ياندىن ئۆتەر، دوست ئاتسا جاندىن»،- دەپ، قارىسام بۇ پىلانلىق يېتىشتۈرۈلگەن ماڭقۇرۇتلار مىللىتىمىزنىڭ قەتلىئامى بەدىلىگە كەلگەن ۋەتەنداشلىقلىرى بىلەن ۋەتەنگە بارسا بىزنىڭكىلەرنىڭ جېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ باشقا 1.4 مىليارد خىتاي پۇقراسىدىن ھېچقانداق پەرىقى يوق، پەقەتلا بىر مەزگىل بىز بىلەن ئوخشاش تەقدىرنى ياشاپ قالدى خالاس. باشقا خىتايلار ۋەتىنىگە قانداق بېرىپ كەلسە ئۇلارمۇ شۇنداق بېرىپ كېلىدۇ، ھەتتا پىلانلىق ماڭقۇرۇتلار بولغاچقا بارغاندا ئىمتىياز بىلەن، كەلگەندە ۋەزىپە بىلەن كېلىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ خىيانىتى جاندىن ئۆتۈپ بىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەسلىكى كېرەك. بەلكى ياندىن ئۆتۈپ بىزنى تېخىمۇ دېققەتلىك ۋە سەزگۈر قىلىشى كېرەك.
18.07.2024
سالاھېدىن سەيدەخمەت
Share
755 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.