ئەڭ يېڭى خەۋەر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
شۆھرەت ھوشۇر
باي كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرىدىن يېتەكچى مۇساتوختىنىيازنىڭ كېلىنلىرى گۈلمىرە توختى ۋە رەشىدەم روزىلار جورىلىرىنىڭ مەزكۇر ھۇجۇم پىلانىدىن خەۋىرى بار تۇرۇقلۇق ئەھۋالنى ساقچىغا مەلۇم قىلمىغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان. يەنە ئاشكارىلىنىشىچە، 17 نەپەر گۇماندار تىزىملىكىدىكى 9 ياشلىق قىزنىڭ دادىسى تۇرغۇن مەمەت قىزىنى بېقىۋالغان گۇماندار مەمەت ئەيسادىن ۋەقەدىن بىرنەچچە كۈن بۇرۇن 10 مىڭ سوم پۇل سورىغان. مەمەت ئەيسا، پۇلنى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە تۇرغۇن مەمەت ئۆز سەپلىرىگە قېتىلىشقا دەۋەت قىلغان. ئەمما تۇرغۇن مەمەتمۇ تۈزۈلۈۋاتقان مەزكۇر سەپ ھەققىدە ساقچىلارغا مەلۇمات بەرمىگەن. گۇماندار مۇسا توختىنىيازنىڭ سىڭلىسى چارۋا مەيداننىڭ ئاياللار مۇدىرى، كۈيئوغلى ئەمەت سىدىق چارۋا مەيدان مۇئاۋىن سېكرېتارى بولسىمۇ، ئۇلار قېرىنداشلىرىنىڭ كەيپىياتى ۋە ھەرىكەت پىلانلىرى ھەققىدە دائىرىلەرگە مەلۇمات بەرمىگەن؛ شۇڭا بۇ ئىككىسى نۆۋەتتە ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. چارۋا مەيدان مۇئاۋىن باشلىقىنىڭ رادىئومىزغا ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر 3 جەمەتنىڭ چارۋا مەيداندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىنلا 40 نەچچە كىشى تۇتقۇن قىلىنغان.
گۇماندار مەمەت ئەيسادىن پۇل سورىغان تۇتقۇن تۇرغۇن مەمەتنىڭ تاغقا دەۋەت قىلىنىشى، گۇماندارلارنىڭ ۋەقە ئېلىپ بېرىشتىن بۇرۇن بىر مەھەل مەلۇم دەرىجىدە ئاشكارا ھالدا ئۆز سەپلىرىگە ئادەم توپلىغانلىقى ئاشكارىلانماقتا. بۇ ئەھۋال، باي كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرىنىڭ 3 جەمەت 17 كىشى بىلەنلا چەكلەنمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى بىر پەرەزنىڭ توغرىلىقىنى ئىشارەتلىمەكتە
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/komurkan-hujum-10212015153004.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.