logo

trugen jacn

باشقا بىر نۇقتىدىن «قۇتادغۇ بىلىگ»-1

images

باشقا بىر نۇقتىدىن «قۇتادغۇ بىلىگ»(1)

 

مەھمەت كارا(تۈركىيە)


تۈركچىدىن يۈسۈپجان ياسىن  ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان
   بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان تۈركىيە ۋەقىرغىزىستاندا يۈسۈف خاس ھاجىبنىڭ تۇغۇمىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەشكە دائىرپائالىيەتلەر كۈن تەرتىپكە قويۇلماقتا، بولۇپمۇ ھازىرغىچە  مەلۇم بولغان ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، قىرغىزىستاندايۈسۈف خاس ھاجىب ۋە «قۇتادغۇ بىلىگ» ھەققىدە 3- ئاينىڭ 24- ۋە 25- كۈنلىرى پايتەخت بىشكەكتە «1- قېتىملىق خەلقئارا سوتسيال پەنلەر دوكتورانت ئوقۇغۇچىلار كونگىرىسى»ناملىق خەلقئارلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىش، قىرغىزىستان ــ تۈركىيە ماناس ئۇنىۋېرسىتېتى «قۇتادغۇ بىلىگ»كە دائىر ئىنگلىز، رۇس، تۈرك ۋە قىرغىز تىللىرىدا يېزىلغان ماقالىلاردىن تاللاپ بىر مەجمۇئە نەشر قىلىش، قىرغىزىستان ــ تۈركىيە ماناس ئۇنىۋېرسىېتى ئىلمىي ژۇرنىلىنىڭ بىر سانىنى يۈسۈف خاس ھاجىب ۋە «قۇتادغۇبىلىگ»كە بېغىشلاش قارار قىلىنغان. بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى يۈسۈف خاس ھاجىبنىڭ نامىغا بېغىشلاپ «قىرغىزىستان جۇسۇپ خاس ھاجىپ مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتى» ناملىق بىر ئۇنىۋېرسىتېتنى قۇرغانىدى. بۇنىڭدىن باشقا، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى 1000 سوملۇق قەغەز پۇلىنىڭ بىر يۈزىگە يۈسۈف خاس ھاجىبنىڭ قىرغىز سىياقىدا سىزىلغان پورترېتىنى چۈشۈرگەن. مەلۇم بولغىنىدەك، خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدە يۈسۈف خاس ھاجىبنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى بالاساغۇن  ھازىرقى قىرغىزىستان تەۋەسىدىكى ئىسسىق كۆلنىڭ يېنىدىكى توقماق خارابىلىقىغا توغرا كېلىدۇ دەپ قارىلىۋاتقاچقا، كېيىنكى دەۋرلەردە مۇشۇ ئورۇنغا يەرلەشكەن قىرغىزلار 1991-يىلىدىن كېيىن تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە ۋەئىلمىي ئەسەرلىرىدە، ئوقۇشلۇقلاردا، دەرس كىتابلىرىدا يۈسۈف خاس ھاجىب ، مەھمۇد كاشغەرىي قاتارلىق بەزى ئۇيغۇر ئالىملىرىنى قىرغىز دەپ تونۇتۇش، ئۇلارنىڭ قىرغىزسىياقىدا ئىشلەنگەن پورترېتى ۋە ھەيكەللىرىنى يارىتىش ئارقىلىق قىرغىزلارنىڭ مەنىۋىي دۇنياسىنى نۇرلاندۇرماقچى بولغان.  قىرغىزلارنىڭ بۇ ئىككى ئالىمنى «قىرغىز» دەپ تەرىپلەيدىغان قارىشى خەلقئاراھېچقانداق ھىمايىگە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، شۇنىڭدەك يەنە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ قاراشنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقى ئايان بولسىمۇ، ئەمما قىرغىزىستاننىڭ يۈسۈف خاس ھاجىب ۋە«قۇتادغۇ بىلىگ» ھەققىدە ھەر خىل ئىلمىي پائالىيەتلەرنى كۈچەيتىشى كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ، چۈنكى بۇپائالىيەتلەر بىر تەرەپتىن «قۇتادغۇ بىلىگ» تەتقىقاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىغا پايدىلىق بولسا ، يەنە بىرتەرەپتىن  يۈسۈف خاس ھاجىبنىڭ ئەسلىتەۋەلىك مەسىلىسىنىڭ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇشىغا ۋە قىرغىزلارنىڭ يۈسۈف خاس ھاجىب ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنىڭ تۈزۈتىلىشىگە  تۈرتكە بولىدۇ.
قىرغىزلار ھامان بىر كۈنى يۈسۈفخاس ھاجىب ۋە مەھمۇدكاشغەرىي «ئۇيغۇر ئالىمى» دەپ جارلايدىغان ۋاقىت كېلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزىنىڭ «قۇتادغۇ بىلىگ» تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنى خەلقئاراغا يۈزلەندۈرۈپ، شىنجاڭنى «قۇتادغۇ بىلىگ»تەتقىقاتىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەركەزىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. ئەلۋەتتە يۈسۈف خاس ھاجىبنىڭ تۇغۇمىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارمۇ يۈسۈف خاس ھاجىب ۋە «قۇتادغۇ بىلىگ» ھەققىدە ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشى، تۈرلۈك تېمىلار بويىچە ئىلمىي تەتقىقاتلارنى قانات يايدۇرۇپ، يۈسۈفخاس ھاجىب ۋە «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ ھەقىقىي ھەقدارىغا خاس مىللىي سۈپەت بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىشى كېرەك. «يۈسۈف خاس ھاجىب ئۇيغۇر ئالىمى» دەپ قويۇش بىلەنلاش ئىش پۈتمەيدۇ. جەمئىيەتتە ئۇنىڭ ئۇيغۇرئىكەنلىكى ۋە ئەسىرىنىڭمۇ ئۇيغۇر شىۋىسىدە يېزىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان بىلىملەركەڭ ئومۇملاشقان بولۇشى، ھەر قانداق بىر زىيالىي، ھەر قانداق بىر ئوقۇغۇچى، ھەر قانداق  بىر خىزمەتچى بۇنى ھەر قانداق بىر سورۇندائېنىق دەپ بېرەلەيدىغان ئىلمىي سەۋىيەگە يەتكەن بولۇشى لازىم. بۇ يەردە مەسىلەيەنىلا تەتقىقاتچىلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنسىمۇ، تەتقىقاتچىلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان نەتىجىلىرىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق بىلىمنى ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ قارايدىغان ھەرقانداق بىر كىشى سۆيگۈ بىلەن ئۆگىنىشى كېرەك. ئۆزىنىڭ تارىخى، جۇغراپىيەسى، دىنىي ئېتىقادى ۋە ئەخلاق – مىزانلىرى ھەققىدەيېتەرلىك بىلىمى بولمىغان زىيالىي ياكى ئالىم پەن ئۈچۈن ئۇلۇغ خىزمەتلەرنى قىلىپ بېرەلىسىمۇ، لېكىن مىللىتى ئۈچۈن ئەرزىگۈدەك ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرالمايدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھازىرقى ھالىتىدىن قارىغاندا، ھەر قانداق زىيالىي ھەم پەنگە، ھەم مىللىي ھاياتقا يېقىنشلىشىشى كېرەك،خۇددى ئابدۇشۇكۇرمۇھەممەئىمىنگە، ئابدۇررېھىم ئۆتكۈر قاتارلىقلارغا ئوخشاش.
تۈۋەندە بىز يۈسۈف خاس ھاجىب تۇغۇمىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيە ئالىمى مەھمەت كارانىڭ «يەنە بىر نۇقتىدىن ‹قۇتادغۇ بىلىگ› ››ناملىق كىتابىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ۋە قىسىملارغا بۆلۈپ كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە سۇنماقچىمىز. بۇكىتابتا ئىسلامىيەتنىڭ «قۇتادغۇ بىلىگ »تىكى تەسىرى مەسىلىسى قولغا ئېلىنغان بولۇپ،بۇ نۇقتىلا ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ ساھەدىكى تەتقىقاتىنى مۇھىم ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.  بۇنىڭدىن باشقا، بىز يەنەخەلقئارادا «قۇتادغۇبىلىگ» ھەققىدە يېزىلغان باشقا نوپۇزلۇق ماقالىلارنىمۇ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپداۋاملىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇنىمىز.  
ــ ئۇيغۇرچىلاشۇرغۇچىدىن

مۇندەرىجە
سۆز بېشى
كىرىش سۆز
مەنىسىنى ئايەتلەردىن ئالغان بېيىتلەر
مەنىسىنى ھەدىسلەردىن ئالغان بېيىتلەر
مەنىسىنى ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن ئالغان بېيىتلەر
قىسقارتىلمىلار
بىبلىئوگرافىيە
سۆز بېشى
   «قۇتادغۇ بىلىگ» شەرقتە ۋە غەرپتە كۆپ تەتقىق قىلىنغان بىر كىتابتۇر. بۇنىڭ بەزى سەۋەبلىرى بار. يەنى قاراخانىيلار تۈركچىسى بىلەن يېزىلغان ئۈچ ئەسەردىن بىرى بولغانلىقتىن، دەۋرنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى تەتقىق قىلىنغاندا بۇ ئەسەرگە پات ــ پات مۇراجىئەت قىلىندى.يېڭى مۇسۇلمان بولغان تۈرك جەمئىيىتىنىڭ شۇ زاماندىكى كۈلتۈرى، بۇ جەمئىيەتتىكى سىنىپلار، سىنىپلار ئارامۇناسىۋەتلەر، قانۇن ۋە ئەخلاق پىرىنسىپلىرى بۇ ئەسەردىن ئۆگىنىلدى. ئەمما،ئەسەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ئىنساننى مەركەز قىلغانلىقى ۋە ئاپتورنىڭ ئىنسان بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئېنىقلىمىلارنى بەرگەنلىكى بولسا كېرەك.
   تەتقىقاتىمىز «كىرىش سۆز» بىلەن باشلانىدۇ. بۇ بۆلۈمدە «قۇتادغۇبىلىگ» ۋە ئۇنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە بۇندىن بۇرۇن سۆزلەنگەنلەر ھەققىدە توختالدۇق. تەتقىقاتىمىزنىڭ مەركىزىنى «ئەسەرنى يازغۇچىنىڭ ئايەت ۋە ھەدىسىلەردىن پايدىلانغان ياكى پايدىلانمىغانلىقى» تېمىسى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ تېمىدا ئالغا سۈرۈلگەن پىكىرلەرنىڭ خاتا ياكى توغراتەرەپلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەھلىللەر يۈرگۈزۈلدى.
  «كىرىش سۆز»دىن كېيىن ، ھىمايە قىلغان قارىشىمىزنى ساغلام دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلاش ئۈچۈن بېيىتلەرنىڭ ئايەت ۋە ھەدىسلەر بىلەن بولغان باغلىنىشى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاۋۋال مەنىسىنى ئايەتلەردىن ئالغان بېيىتلەر، ئۇنىڭدىن كېيىن مەنىسىنى ھەدىسلەردىن ئالغان بېيىتلەر، ئەڭ ئاخىرىدا مەنىسىنى ھەر ئىككىسىدىن ئالغان بېيىتلەر تەتقىق قىلىندى. مانا بۇ نۇقتىلار ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا تېمىلارئالفابەتىك ئۇسۇل بىلەن  رەتكە قويۇلدى،بېيىت نومۇرلىرى كىچىكتىن چوڭغا قاراپ تىزىلدى.  ئاۋۋال بېيىتلەرنىڭ قاراخانىيلار تۈركچىسىدىكى ئورىگىنال شەكىللىرىگە، ئارقىدىن بۇنىڭ بۈگۈنكى تۈركچە تەرجىمىسىگە، ئۇنىڭدىن كېيىن ئايەتكە، ھەدىسكە ياكى ھەر ئىككىسىگە ئورۇن بېرىلدى.
   بىبلىئوگرافىيە ۋە قىسقارتىلمىلار بۆلۈمى بىلەن ئاخىرلاشقان بۇ ئەسەر«قۇتادغۇ بىلىگ» ھەققىدە   بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەزى خاتا ھۆكۈملەر تۈزىتىلسە مەقسىتىگە يەتكەن بولىدۇ.ئەسەرنى ئوقۇپ بەزى كەمچىلىكلەرنىڭ تولۇقلىنىشغا ھەسسە قوشقان ھۆرمەتلىك ئۇستازلىرىمغا، دوستلىرىمغا، كىتاب ۋە كۈلتۈر شەيدالىرىغا رەھمەت ئېيتىمەن.
                                              1998- يىلى 5- ئاينىڭ 3- كۈنى
كىرىش سۆز
   «قۇتادغۇ بىلىگ» تۈركلەر ئىسلام دىنىغا كىرگەن يىللاردا يېزىلغان. يۈسۈف خاس ھاجىب تۈرك تىلى ۋە مەدەنىيىتى جەھەتتە بۈيۈك ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ ئەسىرىنى ھىجرىيە 462- يىلى(مىلادىيە 1069- 1070- يىللار) تاماملىغان. ئۇنىڭ ئۈچ يازما نۇسخىسى بار. بۇلار ۋېنا نۇسخىسى،پەرغانە نۇسخىسى ۋە قاھىرە نۇسخىسىدىن ئىبارەت. ۋېنا نۇسخىسى ئۇيغۇرچە، قالغان ئىككى نۇسخىسى ئەرەب يېزىقى بىلەن كۆچۈرۈلگەن. تۈرك تىل قۇرۇمى ئۈچ نۇسخىنىڭ فاكسىمىلىنىمۇ نەشىر قىلدى.
   بۇ ئەسەر ھەققىدە بۈگۈنگە قەدەر ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارنىڭ بەزىسى ئومۇمىي  ساھەگە قارىتىلسا،بەزىسىدە ئەسەرنىڭ مەلۇم تەرىپى قولغا ئېلىندى. تۈركىيە ۋە چەتئەل تەتقىقاتچىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارنى ئۈچ چوڭ تۈرگە ئايرىش مۇمكىن. بۇلار ئەسەرنىڭ ئوقۇلغۇسى ۋە تەرجىمىسى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار، ئەسەرنىڭ تىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلار ، ئەسەرنىڭ مەزمۇنى ۋە مەنبەسىنى قولغا ئالغان تەتقىقاتلاردىن ئىبارەت. بىزنىڭ بۇ ئەسىرىمىز ئۈچىنچى تۈرگە مەنسۇپ بولغانلىقتىن،بۇ يەردە باشقا ئىككى ساھە ھەققىدە توختالمايمىز.
   «قۇتادغۇ بىلىگ» ھەققىدە مۇھىم تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان رەشىد رەھمەتى ئاراتنىڭ ئەسەر ۋە ئۇنىڭ مەزمۇنى ھەققىدىكى قاراشلىرى مۇنداق : «يۈسۈف بۇ ئەسىرى ئارقىلىق ئىنسان ھاياتىنىڭ مەنىسىنى تەھلىل قىلىپ، ئۇنىڭ جەمئىيەت ۋە شۇ ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى ۋەزىپىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر پەلسەپىنى، يەنى بىر ھاياتلىق پەلسەپىسى سىستېمىسىنى قۇرغان» ،  « ‹قۇتادغۇ بىلىگ›  نە ۋەقەلەرنى بايان قىلىدىغان بىرتارىخىي ئەسەر، نە رايون ۋە شەھەرلەرنى تەسۋىرلەيدىغان بىر جۇغراپىيىۋىي ئەسەر، نە دىنى يئالىملارنىڭ ئىجتىھادلىرى جۇغلانغان بىر دىۋان، نە ھۆكۈمالارنىڭ پىكرىگە سۆيۈنگەن بىرپەلسەپە، نەشەيخلەرنىڭ ھىكمەتلىك سۆزلىرىگەتايانغان بىر نەسىھەت كىتابى بولسۇن، شائىر ئەسىرىدە دەۋىرنىڭ ئۇسلۇب ۋە شەكلىگە ماسلىشىپ ئۆز پىكىرلىرىنى كۆچەيتىش ئۈچۈن ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ پىكىر مەھسۇلاتلىرىغا مۇراجىئەت قىلغان».
    ئەسەردىكى ئىجتىمائىي ۋە دىنىي موتىفلەرنى تەتقىق قىلغان ئوسمان جىلاجى ئەسەرنىڭ مەزمۇنىغامۇناسىۋەتلىك مۇنداق بىر قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان :  « ‹قۇتادغۇ بىلىگ› تە ئاللاغا ئىبادەت قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئەمىرلىرىگە ئىتائەت قىلىش  تەۋسىيە قىلىنىدۇ. يۈسۈف خاس ھاجىبنىڭ قارىشىچە ئەڭ بۈيۈك پەزىلەت توغرىلىقتۇر. بايلىق، بۈيۈكلۈك، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە سائادەتكە ئېرىشىش پەقەت توغرىلىق ۋە ئادالەت بىلەن مۇمكىن بولىدۇ. ‹قۇتادغۇ بىلىگ› بىرمۇنچە ئىجتىمائىي ۋەدىنىي تېمىلارنى ناھايىتى ئۇچۇق ۋە دىققەتنى تارتىدىغان بىر ئۇسلۇب بىلەن بايان قىلىدۇ».
   «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ ھوقۇق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەتقىققىلغان سادرى مەقسۇدى ئارسال ئۆزىنىڭ قارشىنى مۇنداق ئىپادىلەيدۇ : « ‹قۇتادغۇ بىلىگ› مەدەنىي تۈرك مۇھىتىدىكى ئەسىرلەردىن بېرى توپلانغان ئەخلاق، سىياسەت ۋەھوقۇققا دائىر پىكىرلەرنىڭ بىر خولاسىسى، 11- ئەسىر تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ بىر ئابىدىسىدۇر»، «دىققەت قىلىدىغان بىر نۇقتا باركى، ئىران شائىرى (فىردەۋسى) شېئىر ئارقىلىق ئىراننىڭ ئەپسانىۋىي تارىخىنى تەسۋىرلىسە، تۈرك مۇتەپپەككۇرى شېئىر ئارقىلىق دۆلەت ئىدارەقىلىشتىن، ھوقۇقتىن ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاقتىن سۆز ئاچىدۇ. بۇ ناھايىتى چۈشىنىشلىككى، ئىرانلىقلار يوقالغان سىياسىي ئىستىقلالىنى قايتا تىكلەش ئۈچۈن ئۆتمشۈشتىن مەدەت تىلىگەن. تۈركلەر كېلىچەكتە قۇرىدىغان نۇرغۇن دۆلەتلەرنى ئىدارەقىلىش ئۈچۈن ئاساس تىكلىگەن».
   ئا.جافەرئوغلى ئەسەرنىڭ دىئالوگ شەكلىدە ئۇرۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، ئاپتورنىڭ ئۆز پىكرىنى كۈچەيتىش ۋە نەسىھەتلىرىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن تۈرك بۈيۈكلىرىنىڭ سۆزلىرىگە ئۇرۇن بەرگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دەيدۇ : «ئەسەر مۇنازىرە ۋە سۆھبەت شەكلىدە يېزىلغان. ھەر خىل مەسىلىلەر ۋە ئىجتىمائىي مۇلاھىزىلەرھەققىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەرنى كۈچەيتىش ۋە نەسىھەتلىرىنى مۇستەھكەمللەش ئۈچۈن مۇئەللىپ كۆپىنچە بۈيۈكلەرنىڭ ھىكمەتلىك سۆزلىرىگە كۆپرەك ئورۇن بەرگەن. بۇ بۈيۈك كىشىلەر شۇ دەۋردىكى قاراخانىيلار دۆلىتى ئىدارە قىلىۋاتقان تۈرك جەمئىيىتىنىڭ نوپۇزلۇق ئادەملىرىدۇر» .  
   ف. ك. تىمۇرتاشنىڭ قارىشىچە، « ‹قۇتادغۇ بىلىگ› قەدىمكى تۈركلەرنىڭ ئەخلاق ۋە دۆلەت چۈشەنچىسى بىلەن ئىسلام ئېتىقادى بىرلەشتۈرۈلگەن نەسىھەتنامە ۋەسىياسەتنامە ماھىيىتىدىكى دىداكتىك بىر ئەسەردۇر».
رەشىد رەھمەتى ئارات «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ مەزمۇنى ۋە ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسەتكەن مەدەنىيەتلەر ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارماقچى بولغان ۋە بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن : « ‹قۇتادغۇ بىلىگ› يېزىلغان دەۋرنىڭ ۋە شارائىتنىڭ ئىجتىمائىي خاراكتېرى، مەيلى ئايرىم شەخسلەرنىڭ بولسۇن، ياكى سىنىپ ۋە گۇرۇھلارنىڭ بىلىم ۋە پىكىر سەۋىيەلىرى بولسۇن، بۇ ساھەدە تۈركلەرنىڭ ئۆزلىرى تەرىپىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان خۇسۇسىيەتلەر ۋە قوشنا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت دائىرلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئەسەردىكى تەسىرى ھەققىدە كېيىنچە ئەسەرنى تەھلىل قىلغاندا ئايرىم توختىلىمىز» . لېكىن، ئاراتنىڭ ئۆمرى بۇنىڭغا يار بەرمىگەن. ئارات شائىرنىڭ ئۆز پىكرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ پىكىر مەھسۇللىرىدىن پايدىلانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
   بەزى تەتقىقاتچىلارئەسەردىكى جۇڭگو تەسىرىدىن سۆز ئاچقان. بۇلارنىڭ بىرى ج. تۇري ئىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، «قۇتادغۇ بىلىگ» خەنزۇچە بىر ئەسەرنىڭ تۈركلەرنىڭ تۇيغۇ ۋە چۈشەنچىسىگەئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان بىرتەرجىمىسىدىن ئىبارەت ئىدى.
   ئى. كافەسئوغلۇ قەدىمكى تۈرك ئېتىقادى بىلەن جۇڭگونىڭ دىنىي چۈشەنچىلىرى ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەتنىڭ  بولغانلىقىغادىققىتىنى ئاغدۇرغان ۋە كوڭزى تەلىماتىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان پىكىرلەر بىلەن «قۇتادغۇ بىلىگ»تىكى چۈشەنچىلەر ئوتتۇرىسىدا ھەقىقىي بىر مۇناسىۋەتنىڭ بارلىقىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېگەن :«كوڭزى ئېقىمىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان بۇ پىكىرياكى تەلىماتلار بىلەن ‹قۇتادغۇ بىلىگ›تىكى چۈشەنچىلەر ئوتتۇرىسىدا ھەقىقىي بىر مۇناسىۋەت بار. قانۇن پىكرىدىكى ئېنىقلىق، تەڭرىنىڭ ئەڭ بۈيۈك قۇدرەت ئىگىسى سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلىنىشى، ھۆكۈمدار بىلەن تەڭرى مۇناسىۋىتى ۋە تەڭرىنىڭ ھۆكۈمدارغا ئۆرنەك بولۇشى تۈرك تۆرە، قۇت چۈشەنچىسى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە. مانا بۇ قەدىمكى تۈرك ئېتىقادى بىلەن جۇڭگونىڭ دىنىي چۈشەنچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت».
   يەنە شۇ تەتقىقاتچىنىڭ قارىشىچە، «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ ئاپتورى قەدىمكى تۈرك چۈشەنچىلىرىنى ئۇيغۇرچە تېكىستلەرنىڭ ئۆرنەكلىرىدە كۆرۈلگىنىدەك، كوڭزىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بايان قىلىپ بېرەلەيدىغىنىدەك، ئۆزى مەنسۇپ بولغان تۈرك جەمئىيىتىنى ۋە قاراخانىيلار دۆلىتىنى كۆزىتىش يولى بىلەنمۇ كۆرسىتىپ بېرەلەيتتى».
   ئابدۇلقادىر ئىنان جۇڭگو تەسىرى ھەققىدە «ئومۇمەن، جوڭگو تەسىرى مەسىلىسى ھەقىقىي خەنزۇشۇناسلار تەرىپىدىن تەتقىققىلىنمىغىچە بىر خىل تەسەۋۋۇردىن ھالقىيالمايدىغان ئېنىقسىز بىر قاراشتۇر»دەيدۇ.
   م. فۇئاد كۆپرۈلۈنىڭ قارىشىچە، جوڭگو تەسىرى مەسىلىسى چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بېرىلماي تۇرۇپلا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نامۇۋاپىق بىر قارشتۇر.  
ج.  بروككېلمان جوڭگۇ ئەدەبىياتى تەسىرىنىڭ ئىسپاتلىغىلى بولىدىغان بىر قاراش ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈىدۇ.  
ئا. جافەرئوغلۇمۇ «قۇتادغۇ بىلىگ»تە جوڭگۇ تەسىرىنىڭ يوقلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
    ھىندى ــ ئىران تەسىرى مەسىلىسىنى قولغا ئالغان خالىل ئىنالجىق «ئومۇمەن شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى،يۈسۈفنىڭ ئەسىرىدىكى قاراشلار ھاكىمىيەت سەنئىتى ھەققىدە11- ئەسىردىكى ئىران ئىسلام دۇنياسىدا يېيىلىپ چوڭقۇر يىلتىز تارتقان چۈشەنچىلەرگە تايانغان.بۇمۇ قەدىمكى ھىندى ــ ئىران مەنبەلىرىگە باغلىنىدۇ».
   ئا. جافەرئوغلۇ «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ مەزمۇن ۋە تىل جەھەتتىن ئەرەب ۋە ئىران تەسىرى ئاستىدا قالغانلىقىنى ئىپادە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ : «دەسلەپكى ئىسلامىي دەۋرگە ئائىت تۈركچە بىر ئەسەر بولغان ‹قۇتادغۇ بىلىگ› ھەم مەزمۇن ھەم تىل جەھەتتەئەرەب ۋە ئىران تەسىرى ئاستىدا قالغان. شىۋە جەھەتتە ئۆزىدىن بۇرۇنقى ياكى ئاشۇ دەۋردىكى مۇسۇلمان بولمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تېكىستلىرىگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ساپ تۈركچە  بولغان بۇ ئەسەر ئارقىلىق تۇنجى قېتىم ئەرەبچە ۋە ئىرانچە بىرمۇنچەتىل  تەركىپلىرى  تۈرك تىلىغا كىردى ۋە زامانىمىزغا قەدەر بىرمۇنچە تۈرك شىۋىلىرىدە ئۆزىنى ساقلاپ كەلدى. كۆپىنچىسى دىنغاۋە بەزىلىرى دۆلەت تەشكىلاتىغا ئائىت بولغان بۇ سۆزلۈكلەرنىڭ سانى 120گە يېتىدۇ. ئانچە كۆپ ساندا بولمىغان بۇ سۆزلۈكلەرنىڭ پەقەت يۈزدە توقسان پىرەسەنتى ئەرەبچىگە، قالغانلىرى بولسا ئىرانچىغا ئائىت ئىدى»(21).
    م. فۇئاد كۆپرۈلۈ «ئىران ئىسلام مەدەنىيىتى تەسىرى ئاستىدا قەشقەردىكى تۈرك سارىيىدا قانداق بىر يېڭى ئىدېئولوگىيىنىڭ ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىش جەھەتتە بۇ ئەسەر مەدەنىيەت تارىخى نۇقتىسىدىن ناھايىتى دىققەتنى تارتىدۇ»(22) دېيىش ئارقىلىق ئىران ئىسلام مەدەنىيىتى تەسىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قاراشلىرىنى بايان قىلغان.
    ج. بروككېلمان «ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك شېئىرىيىتىنىڭ بۇ تۇنجى كلاسسىك ئەسىرى تامامەن پارس ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىدە يېزىلغان»(23) دەيدۇ.
م. فۇئاد كۆپرۈلۈ ئەسەردەئەكىس ئەتكەن پىكىرلەر ئىچىدە ئەڭ ئېنىق تەسىرنىڭ ئىبن سىنا تەسىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ : «ئەسلىدە بولسا يۈسۈف خاس ھاجىبنىڭ ئەسىرىدە ئوتتۇرىغاچىققان پىكىرلەر ئىچىدە ئەڭ ئېنىق تەسىر ئىبن سىنانىڭ تەسىرى ئىدى»(24).
يۇسۈف خاس ھاجىبنىڭ ھېكىملىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك قاراشلارنى  ئىبن سىنادىن ئالغانلىقى ھەققىدىكى ئو.ئالبېرتوسنىڭ قارىشىغا ج . بروككېلمانمۇ قۇشۇلىدۇ(25).
    تەتقىقاتچىلارنىڭ بەزىلىرى «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ تۈرك كۈلتۈرىدىن پايدىلىنىپ يېزىلغان ئورىگىنال بىر ئەسەر ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلىدۇ. بۇلارنىڭ بىرى ھىساپلانغان ئا. جافەرئوغلۇ مۇنداق دەيدۇ :«ھازىرغا قەدەر بۇ ھەقتە بېرىلگەن خېلى كۆپ ئىزاھاتلاردىنمۇ مەلۇم بولغىنىدەك، شۇ دەۋر تۈرك مەدەنىيەت ھاياتى ۋە ئەنئەنىلىرىنىڭ ھەقىقىي بىرغەزىنىسى بولغان ‹قۇتادغۇ بىلىگ› بەزىلەرنىڭ تەسەۋۋۇر قىلغىنىدەك، ھەر قانداق بىر خەنزۇچە ئەسەرنىڭ تۈركلەرنىڭ ئەھۋالى ۋە خۇسۇسىيىتىگە،تۈركلەرنىڭ تۇيغۇ ۋە چۈشەنچىسىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان بىر تەرجىمىسى ئەمەس. ئەكسىچە مەزمۇن جەھەتتەبولمىسىمۇ، باشقا خۇسۇسلاردا تامامەن ئورىگىنال بىر ئەسەردۇر. خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىنغان بولسا ئىدى، شۆبھىسىزكى، مۇئەللىپ ئۇنى ھەم ئېنىق تىلغا ئالاتتى ھەم تۈركچىدىن پارچەھالىتىدە  ھىكمەتلىك سۆزلەرنى ئىشلەتمەيتتى»(26).
   ج. بروككېلمان بۇھەقتىكى قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن ئىدى : «ئاپتورنىڭ ئىجتىمائىي نەزەرىيىسى بىلەن پۇرسىتى كەلگەندە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ھېكىملىك ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرى تۇنجى بولۇپ ئو. ئالبېرتس تەرىپىدىن ئىسپاتلانغىنىدەك ئىبن سىنادىن ئېلىنغان ئىدى. شۇنداقتىمۇ بۇ نەزەرىيىنى ئۆز مىللىتىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىغا تەتبىقلاش شەكلى خېلىلا خۇسۇسىي ئىدى»(27).  
    ئا. بومباجى «بىلىشىمىزچە، خرونولوگىيەئېتىبارى بىلەن ‹قۇتادغۇ بىلىگ›كە ئۆرنەك قىلىنىۋاتقان  ئەرەب ۋە پارس ئەسەرلىرىدە سىياسىي تەركىپلەر بىلەن ئەخلاقى ۋە پەلسەپىۋىي تەركىپلەرنىڭ بىر ــ بىرىگە ئارىلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرمەيمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئالېگورىك ۋە مۇنازىرە شەكلىنىمۇ ئۇچراتمايمىز. دېمەك، بۇ ئەسەرنىڭ ئەسلىدە ئۆز قۇرۇلمىسى ئېتىبارى بىلەن تامامەن ئورىگىنال بىر ئەسەرئىكەنلىكىنى ھۆكۈم قىلالايمىز»(28) دەيدۇ.  
    ئابدۇلقادىرئىنان ئەسەردە قەدىمكى تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ ئىزلىرىنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بۈيۈك بىر تارىخنىڭ ئىگىسىگەئايلانغان تۈرك دۇنياسىدا ئۇنىڭ تارىخىي دەۋرلەردە مۇناسىۋەتتە بولغان ھىندىستان،جوڭگو، ئىران ۋە ئىسلام مەدەنىيەتلىرىنىڭ ھەر بىرىدىن بەلگىلىك ئىزلارنىڭ بولۇشى ناھايىتى تەبىئىي بىر ئەھۋال ئىدى. لېكىن ‹قۇتادغۇ بىلىگ›نى ئوقۇغان چاغدا كۆزگە بەكرەك چېلىقىدىغان نۇقتا بۇ ئەسەردە قەدىمكى بۈيۈك تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ ئىزلىرىنىڭ بولغانلىقىدۇر»(29). ئاشۇ ئالىمنىڭ  قارىشىچە، «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ تۈرك مەنبەلىرىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئالامەتلەر مۇئەللىپنىڭ نەسىھەتلىرىدىن قالسىلا كۆپ قوللىنىلغان ئۆرنەك سۆزلەر(ماقال ــ تەمسىل، شېئىرىي پارچىلار، بېيىتلەر قاتارلىق) نىڭ تۈركچە مەنبەلەردىن ئېلىنغانلىقىدۇر»(30).
    سادرى مەقسۇدى ئارسال بۇ تېما بىلەن مۇناسىۋەتلىك قاراشلىرىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ : «ئەدەبىي، پىكرىي ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسى ئومۇمەن تۈركلەرنىڭ ھاياتىدىن ئېلىنغان. مۇئەللىپ قوللانغان  ھىكمەتلىك سۆزلەر تۈرك  ماقال ــ تەمسىللىرى ئىدى، پىكرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن شېئىرلار تۈرك شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرى ئىدى»(31).
    م. فۇئاد كۆپرۈلۈ بولسا ئەسەردە مەلۇم بولغان ئىدىيەنىڭ ئەسلا قەدىمكى تۈرك ئىدېئولوگىيەسى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ : «بەزى پىكىر ۋە چۈشەنچىلەردە ‹قۇتادغۇ بىلىگ›نىڭ ئاپتورىنىڭ مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئەسىرىدە ئۇچرايدىغان خەلق ھىكمەتلىرىنى پىششىق بىلىدىغانلىقى ۋە ئۇلاردىن پايدىلانغانلىقى ئېنىق سېزىلىدۇ. قەدىمكى كۆچمەنلىك چۈشەنچىلىرىدىن قالغان بەزى مۇھىم ئەنئەنىلەر ئەسەرنىڭ بەزى يەرلىرىدە ئۇچرايدۇ. لېكىن ‹ئورخۇن ئابىدىلىرى›بىلەن  سېلىشتۇرما قېلىنسا ‹قۇتادغۇ بىلىگ›تە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان ئىدېئولوگىيەنىڭ ئەسلاقەدىمكى تۈرك ئىدېئولوگىيەسى ئەمەسلىكى ئېنىق كۆرۈلىدۇ»(32).
    ئى. كافەسئوغلۇ ھ. ۋامبېرىينىڭ ئەسەردە كۆرۈلگەن تۈرك ۋە ئىسلام تەسىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قاراشلىرىنى تۆۋەندىكىدەك كۆرسىتىدۇ: «1870- يىلى ھ. ۋامبېرىي ‹تۇنجى قېتىم بىزگە تۈركلەرنىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئەھۋاللىرىغا نەزەر تاشلاش ئىمكانىيىتىنى بەرگەن ئەسەر› دەپ تونۇشتۇرغان ‹قۇتادغۇ بىلىگ› ئۈچۈن ‹ئەسەردە ھۆكۈمران بولغان روھ ئاساسلىقى ئىسلام چۈشەنچىلىرى ياكى ئومۇمەن شەرقتەتارقالغان چۈشەنچىلەر بىلەن بىرلىكتە ھەقىقىي ۋە ساپ تۈرك چۈشەنچىسى ئورۇن ئالغان بىر ئەخلاق تەلىماتىدۇر. بىر چاغلاردا ئەسەرنىڭ خەنزۇچە ياكى پارسچە بىر كىتابتىن تەرجىمە قىلىنغانلىقى ياكى ئۆزلەشتۈرۈلگەنلىكىنىئويلىغانتىم. لېكىن ئەستائىدىل تەتقىق قىلغان ۋاقتىمدا ئۇنىڭ تۈرك ئەسىرى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم»(33).
    كافەس ئوغلۇ بوباجىنىڭ «قۇتادغۇ بىلىگ» بىلەن مۇناسىۋەتلىك قاراشلىرىنى كۆرسىتىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئىسلام تەسىرىنىڭ بارلىقىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئىپادە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ : «لېكىن، بومباجى ئەسەرنىڭ ئومۇمىي شەكىل ئېتىبارى بىلەن ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ مۇكەممەل بىر مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئىسلامىي زۇھد ئىدېئولوگىيەسىنىڭ بۇنىڭدا كەڭ ئورۇنتۇتقانلىقىنى ۋەئىلمىي تەركىپلەرگە كۆپىنچە ئىسلامىيتامغا بېسىلغانلىقىنى، سىياسىي چۈشەنچىنىڭ بولسا ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەلۇم ئاساسلىرىغا تايانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان»(34).
   كافەسئوغلۇنىڭ ئۆزى ئەسەردە ئىسلام تەسىرىنىڭ ئاز ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەرەبچىدىن كىرگەن ماتېماتىكىلىق ئاتالغۇلار بىلەن بىرلىكتە ئەرەب ۋە پارسچەسۆزلۈكلەرنىڭ سانىنىڭ 100-120 ئەتراپىدا بولىشى ئۇنىڭ ئىسلام تەسىرىنىڭ ئاجىزلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە كۇپايەقىلىدۇ. ئون ئۈچ مىڭدىن كۆپرەك مىسرادىن تەشكىل تاپقان بىر ئەسەردەبۇنچىلىك ساندىكى يات تىل سۆزلۈكلىرى ھەر ھالدا بىزنى بۈيۈك بىر مەدەنىيەت نوپۇزىنى ئويلىنىشقا  يېتەكلىگىدەك دەرىجىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بولمىسا كېرەك»(35).  
    ۋ. ۋ. بارتولد ئىسلام ۋە پارس تەسىرىدىن سۆز ئېچىپ مۇنداق دەيدۇ : «تۈركىستاندىكى تۈرك خەلقلىرى ئارىسىدا ئىسلام دىنى 10- ئەسىردىن ئېتىبارەن تارقىلىشقا باشلىدى. 11- ئەسىردە قەشقەر خانى ئۈچۈن تۈرك تىلىدىكى تۇنجى مۇسۇلمان ئەسىرى ‹قۇتادغۇ بىلىگ› يېزىلدى. بۇ كىتابتا پادىشاھ ۋە مەمۇرلارنىڭ ۋەزىپىلىرى ھەققىدەئەخلاقىي ھىكايىلار چۈشەندۈرۈلگەن… تۈركلەردە ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن يېزىق بولسىمۇ، لېكىن ئىسلامنىڭ ۋە پارس ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرى شۇ قەدەر كۈچلۈك بولغان ئىدىكى، ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغان تۈركلەر ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى تارىخىنى تامامەن ئۇنۇتتى»(36).
يۇقىرىدا ئەسەر ۋە شائىرغا تەسىر كۆرسەتكەن كۈلتۈرلەر ھەققىدە ھەر قايسى ئالىملارنىڭ قاراشلىرىنى كۆرسەتتۇق.  ئىسلام تەسىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك پىكىرلەردىن بىر مۇنچىسىنىڭ كۈچلۈك دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلانمىغانلىقىنى كۆردۇق. بىز مۇھىم ئىككى مەنبە ھىساپلانغان «قۇرئان»نىڭ ئايەتلىرىدىن ۋە ھەدىسدىن ئىلھاملىنىپ يېزىلغان بېيىتلەر ھەققىدە توختالغاندا بۇ تەسىرنى تېخىمۇئېنىق بىر شەكىلدە تەتقىق قىلدۇق.
    ئالدى بىلەن يۈسۈف خاس ھاجىبنىڭ قانداق بىر مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز كېرەك. رەشىد رەھمەتى ئاراتمۇنداق دەيدۇ : «يۈسۈف تەقۋادار بىر مۇسۇلمان. ئۇ ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ۋە ئۇنىڭ بىرلىكىگە ئەقىلگەمۇراجىئەت قىلماي چىن قەلبىدىن ئىشىنىدۇ. ئاللاھ ئىنساننى تاللاپ ياراتقان ۋەئۇنىڭغا ئەڭ بۈيۈك پەزىلەتلەرنى بەرگەن… ئىبادەت لازىمدۇر، لېكىن بۇ يالغۇز  بىر غايىلا ئەمەس. ئىنساننىڭ ياخشىلىقى ئۇنىڭ جەمئىيەتكەپايدىلىق بولغان ياكى بولمىغانلىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ»(37).
   ئا. دىلئاچار «قۇتادغۇ بىلىگ» نى يازغان شائىرنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ بارلىق تۈركلەرئارىسىدا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا تارقىلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ»(38) دەيدۇ.
  ئاشۇ مۇئەللىپ «ھەر بىر دىندىكىگە ئوخشاش،بۇ يەردىمۇ بىرمۇنچە نەسىھەتلەرنى ئۇچرىتىمىز. كۆپىنچە دىنلاردانەسىھەتلەر بۇيرۇق شەكلىدە بېرىلگەن بولۇپ، بۇيرۇقنىڭ كۆپ قىسمى چەكلەش خاراكتېرىگە ئىگەئىدى. بالاساغۇنلۇق يۈسۈفنىڭ ئەسىرىدە چەكلەش باربولسىمۇ،نەسىھەتلەرنىڭ نۇرغۇنى كىشىلەرنى پايدىلىق ئىشلارغا قىزىقتۇرۇش، پائالىيەتچانلىققا باشلاش مەقسىتى بىلەن بېرىلگەن» (39) دەيدۇ. ئا.دىلئاچارنىڭ دېگەنلىرى توغرا. ئەسەردە رىغبەتلەندۈرۈش ۋەئۈمۈتلەندۈرۈش ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغان.
    يەنە ئا. دىلئاچارنىڭ مۇھىم بىر بايقىشى بار. ئۇ بولسىمۇ ئەسەر بىلەن «قۇرئان» ئايەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتۇر. ئۇ ئى.كافەسئوغلۇغا ئوخشاش ئەسەر يېزىلغاندا ئايەتلەردىن پايدىلىنىلمىغان، دېگەن قاراشتائەمەس. كافەسئوغلۇ مۇنداق دەيدۇ : «نۇرغۇن يەردە ئەرەبچە ۋە پارسچە ئاتالغۇلارنىڭ تۈركچە تەڭدىشى قوللىنىلغان، بولۇپمۇئېنىقلىما بەرگەندە ‹قۇرئان› ۋە ھەدىسلەرگە ئەمەس، تۈرك ماقال ــ تەمسىللىرى بىلەن ئۆتۈكەن بېگى، ئىلبېگى، ئىلا بىتىكچىسى، ئۈچ ئوردۇ خانى، تۈرك بۇيرۇق  قاتارلىق قەدىمكى تۈرك ئۇلۇغلىرىنىڭ پىكىر ۋەنەسىھەتلىرىگە مۇراجىئەت قىلىنغان»(40).
بىلىشىمىزچە، ئا. دىلئاچار ئايەتلەر بىلەن «قۇتادغۇ بىلىگ» ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت باغلىغان تۇنجى كىشىدۇر. ئۇ مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ : « ‹قۇتادغۇ بىلىگ› ھەيۋەتلىك بىر شەھەرگە ئوخشايدۇ. چاقناپ تۇرغان كوچىلىرىنى ئۇنىڭ مۇقەددەس بېيىتلىرىدىن كۆرۈۋالالايمىز. بۇلارنىڭ بەزىسى تەڭرى بۇيرۇقى، بەزىسى ئاگاھلاندۇرۇش، بەزىسى نەسىھەت، بەزىسى تەسكىن، بەزىسى چەكلىمەدۇر»(41). يۈسۈف خاس ھاجىب بىر تەرەپكە زاھىد ئودغۇرمىشنى، يەنە بىر تەرەپكە كۇن تۇغدى بىلەن ئۆگدۈلمىشنى قويۇپ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كۆز قارشىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەندىن كېيىن ھۆكۈم چىقىرىشقا كەلگەندە ئىنسانچىلارنىڭ تەرىپىنى تۇتقان.‹خەلقنى ئويلا، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلا› دېگەن چۈشەنچەۋە نەسىھەت ئۇنىڭ سۆزى ئىدى. ‹تەڭرى ساڭا ياخشىلىق قىلغاندەك، سەنمۇ باشقىلارغا شۇنداق ياخشىلىق قىل›(«ۋەھسىن كەما ئەھسەنە للاھۇ ئىلەيكە»، سۈرە قەسەس،77- ئايەت) دېگەن بۇيرۇق تەڭرىنىڭ ۋە‹قۇرئان›نىڭ بۇيرۇقى ئىدى»(42).
خالىل ئەرسويلۇمۇ ئايەتلەربىلەن بېيىتلەر ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنلىقنى بايقاپ بىر ماقالە يازغان. بۇ ھەقتىكى تۇنجى كەڭ تەتقىقات ئەرسويلۇنىڭ ماقالىسى ھىساپلىنىدۇ(43).
  ئابدۇلقادىر ئىنان ئى. كافەسئوغلۇ بىلەن ئوخشاش قاراشتا. ئۇ يۈسۈف خاس ھاجىب ئۆزىنىڭ ئەسىرىنى يازغاندا ھەدىسدىن پايدىلانمىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ(44). مەنىسىنى ھەدىسلەردىن ئالغان بېيىتلەرنى تەتقىق قىلغاندا ئىناننىڭ قارىشى ھەققىدە كەڭ توختىلىمىز.
  يۈسۈف خاس ھاجىبنىڭ ئايەتلەردىن ۋە بېيىتلەردىن پايدىلانمىغانلىقىنى تىلغا ئالىدىغانلار ئەسەردىكى «بىر ئايەتتە دېيىلىدۇكى»، «بىر ھەدىستە شۇنداق دېيىلىدۇكى» دېگەن ئىپادىلەرگە دىققەت قىلمىغاچقا مۇشۇنداق خاتا ھۆكۈمنى چىقارغان. ھالبۇكى ئاشۇ ئالىملارنىڭ تۈرك ئۇلۇغلىرىنىڭ سۆزلىرى ھەققىدە ئېيتقانلىرى توغرا. شائىربۇ سۆزلەردىن پات ــ پات پايدىلانغان. «ئۆتۈكەن بېگى نېمە دەيدۇ ئاڭلا»(1962-بېيىت)، «ئۈچ ئوردا بېگى نىمە دەيدۇ ئاڭلا»(1594-بېيىت) دېگەن بېيىتلەردە كۆرۈلگىنىدەك، ئۇلار ئېنىق سۆزلەنگەن سۆزلەرنى تەكىتلىگەن. لېكىن رەشىد رەھمەتى ئاراتنىڭمۇ ئىپادە قىلغىنىدەك، بىرئەدەبىي ئەسەر ھىساپلانغان «قۇتادغۇ بىلىگ»تە ھەر نەرسىنىڭ تەپسىلى تونۇتىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى(45).
    شائىر ئەسەردە ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى ئېنىق بىلدۈرۈپ ئۆتۈشنىڭ ئورنىغا،ئۇلارنى ئەسەرنىڭ ئىچىگە يېيىش بىلەن كۇپايىلەنگەن. ئۇنىمۇشۇنداق قىلىشقا مەجبۇرلىغان بىر سەۋەپبارمۇ ــ يوق، بۇنى بىلمەيمىز. پەقەت بىر يەردە «ئاڭلا ئاللاھتىن ئىنسانلارغا خەۋەر ئېلىپ كەلگەن پەيغەمبەر نېمە دەيدۇ»(46) دەيدىغان ھەدىسلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئېنىق بىرئىپادە بار.
     بولۇپمۇ نەسىھەتلەر يېزىلغان قىسىمدا ۋە بۇيرۇق ئوتتۇرىغا قويۇلغان بېيىتلەردە ئايەت ۋەھەدىسلەردىن پايدىلىنىلغان. بەزى بېيىتلەردە ئايەت ۋە ھەدىسنىڭ مەنىسىنىڭ تامامى،بەزىلىرىدە بىر قىسمى بىرىلگەن.

مەنبەلەر
①«قۇتادغۇ بىلىگ»، فاكسىمىل Ⅰ، ۋىنا نۇسخىسى، ئىستانبۇل،1942- يىلى؛ «قۇتادغۇ بىلىگ»، فاكسىمىلⅡ، پەرغانە نۇسخىسى، ئىستانبۇل، 1943-يىلى؛ «قۇتادغۇ بىلىگ»، فاكسىمىل Ⅲ ، قاھىرە نۇسخىسى، ئىستانبۇل، 1943- يىلى.
② دوتسېنت، دوكتۇر ئاھمەتبىجان ئەرجىلاسۇن: « ‹قۇتادغۇ بىلىگ› گىرامماتىكىسى ــ پىئىل» ، ئەنقەرە، 1984-يىلى، كىرىش سۆز، 1- 10 -بەتلەر.
③رەشىد رەھمەتى ئارات تەرىپىدىن تەييارلانغان «قۇتادغۇ بىلىگ»،Ⅰ مەتىن،ئىككىنچى نەشرى، تۈرك تىل قۇرۇمى، ئەنقەرە، 1979- يىلى، كىرىش سۆز، 25- بەت.
④ ئارات يۇقىرىقى ئەسەر، 26-، 27- بەتلەر.
⑤ لېكتور، دوكتۇر ئوسمانجىلاجى:  « ‹قۇتادغۇ بىلىگ›تىكى ئىجتىمائىي ۋە دىنىي موتىفلەر»، «مىللىي كۈلتۈر» ژۇرنىلى، 58- سان، 1987-يىلى، 12-بەت.
⑥ ئوردىناريۈس، پىروفېسسور، سادرى مەقسۇدى ئارسال : «قۇتادغۇ بىلىگ»( ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ھوقۇق فاكۇلتېتى مەجمۇئەسىنىڭ 1947-يىلى 2- سانىدىكى ئايرىم بېسىلغان)، ئىستانبۇل، 1947- يىلى، 663- بەت.
⑦ ئارسال، يۇقىرىقى ئەسەر، 664- بەت.
⑧  ئا.جافەرئوغلۇ : «تۈرك تىلى تارىخى») Ⅰ-Ⅱ، 3- نەشرى، ئىستانبۇل، 1984- يىلى، 56- بەت.
⑨ پىروفېسسور، دوكتۇر فارۇق . ك. تۆمۈرتاش : «تارىختىكى تۈركئەدەبىياتى»، ۋىلايەت نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 1982- يىلى، 155-بەت.
⑩ ئارات، يۇقىرىقى ئەسەر، 21-بەت.
⑪خالىل ئىنالجىق : « ‹قۇتادغۇ بىلىگ›تىكى تۈرك ۋەئىران سىياسەت نەزەرىيەسى ۋە ئەنئەنىلىرى»، «رەشىت رەھمەتى ئارات ئۈچۈن»، تۈرك كۈلتۈرىنى تەتقىق قىلىش ئىنستىتوتى، ئەنقەرە، 1966- يىلى، 259- بەت.
⑫ ئارات، يۇقىرىقى ئەسەر، 27-بەت.
⑬ ج. تۇري : «14- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر تۈرك تىلى يادىكارلىقلىرى»، <«مىللىي تەتقىقات مەجمۇئەسى»، Ⅱ  ،ئىستانبۇل، ھىجرىيە 1331- يىلى، 4- سان، 91- بەت.
⑭ پىروفېسسور، دوكتۇر ئى. كافەسئوغلۇ : « ‹قۇتادغۇ بىلىگ› ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيەت تارىخىمىزدىكى ئورنى»، كۈلتۈر مىنىستىرلىقى نەشرىياتى، ئىستانبۇل،1980- يىلى، 46 – بەت.
⑮ كافەسئوغلۇ، يۇقىرىقىئەسەر، 48- بەت.
⑯ ئابدۇلقادىر ئىنان : « ‹قۇتادغۇ بىلىگ›نىڭ فاكسىمىلىغا كىرىش»، «قۇتادغۇ بىلىگ»، فاكسىمىل،Ⅰ، تۈرك تىل قۇرۇمى، ئىستانبۇل، 1942- يىلى، 30- بەت.
⑰ ئوردىناريۈس، پىروفېسسور، دوكتۇر م. فۇئاد كۆپرۈلۈ: «تۈرك ئەدەبىياتى تارىخى»، 3- نەشرى، ئىستانبۇل، 1981- يىلى، 168- بەت.
⑱ «قۇتادغۇ بىلىگ»، فاكسىمىل،Ⅰ، تۈرك تىل قۇرۇمى، ئىستانبۇل، 1942- يىلى، 135- بەت.
⑲ جافەرئوغلۇ، يۇقىرىقىئەسەر، 55- ،56 – بەتلەر.
⑳ ئىنالجىق، يۇقىرىقى ئەسەر،261- بەت.
(21) جافەرئوغلۇ، يۇقىرىقى ئەسەر، 59-، 60 – بەت.
(22)  كۆپرۈلۈ، يۇقىرىقى ئەسەر،168- بەت.
(23) «قۇتادغۇ بىلىگ»، فاكسىمىل،Ⅰ، تۈرك تىل قۇرۇمى، ئىستانبۇل، 1942-يىلى، 135-بەت.
(24) كۆپرۈلۈ، يۇقىرقى ئەسەر، 168-بەت.
(25) «قۇتادغۇ بىلىگ»، فاكسىمىل،Ⅰ، تۈرك تىل قۇرۇمى، ئىستانبۇل، 1942- يىلى، 30-بەت.
(26) جافەرئوغلۇ،يۇقىرىقى ئەسەر،2- توم، 55- ،56- بەتلەر.
(27) «قۇتادغۇ بىلىگ»، فاكسىمىل،Ⅰ، تۈرك تىل قۇرۇمى، ئىستانبۇل، 1942-يىلى، 135-بەت.
(28) ئا. بومباجى : « ‹قۇتادغۇ بىلىگ› ھەققىدە بەزى مۇلاھىزىلەر»،«فۇئاد كۆپرۈلۈ ئارماغانى»، ئىستانبۇل، 1953- يىلى، 67- بەت.
(29) ئىنان،يۇقىرىقى ئەسەر، 30- بەت.
(30) ئىنان،يۇقىرىقى ئەسەر، 31- بەت.
(31)  ئارسال، يۇقىرىقى ئەسەر، 666 – بەت.
(32) كۆپرۈلۈ، يۇقىرىقى ئەسەر، 168- بەت.
(33) كافەسئوغلۇ،يۇقىرىقى ئەسەر، 5- ، 6 – بەت.
(34) كافەسئوغلۇ، يۇقىرىقى ئەسەر، 16- بەت.
(35) كافەسئوغلۇ،يۇقىرىقى ئەسەر، 9-بەت.
(36) پىروفېسسور، دوكتۇر، ۋ. بارتولد، پروفېسسور، دوكتۇر م. فۇئاد كۆپرۈلۈ: «ئىسلام مەدەنىيىتى تارىخى»، 6- نەشرى،تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى نەشرىياتى، ئەنقەرە، 1984-يىلى،  65 – بەت.
(37) ئارات، يۇقىرىقى ئەسەر، 24 – بەت.
(38) ئا.دىلئاچار: « ‹قۇتادغۇ بىلىگ › تەتقىقاتلىرى»، 2-نەشرى،  تۈرك تىل قۇرۇمىنەشرىياتى، ئەنقەرە، 1988- يىلى، 152-بەت.
(39) دىلئاچار،يۇقىرىقى ئەسەر، 156 – بەت.
(40) كافەسئوغلۇ،يۇقىرىقى ئەسەر، 16- بەت.
(41) دىلئاچار،يۇقىرىقى ئەسەر، 156-بەت.
(42) دىلئاچار،يۇقىرىقى ئەسەر،  197-، 198- بەتلەر.
(43) دوكتۇر خالىل ئەرسويلۇ :« ‹قۇتادغۇ بىلىگ›تىكى‹قۇرئان كەرىم› ئايەتلىرىدىن ئىلھاملار»، «تۈرك تىلى تەتقىقاتلىرى»، 15- سانى،1981- يىلى،17-،41- بەتلەر.
(44) ئابدۇلقادىرئىنان: «يۈسۈف خاس ھاجىب ۋەئۇنىڭ ئەسىرى ‹قۇتادغۇ بىلىگ› ھەققىدە ئىزاھلار«، «تۈرك كۈلتۈرى»، 98-سان، 1970- يىلى، 112-بەت.
(45) ئارات،يۇقىرىقى ئەسەر، 26- بەت.
(46) رەشىد رەھمەتىئارات : «يۈسۈف خاس ھاجىب ــ ‹قۇتادغۇ بىلىگ› »، تەرجىمىسى، 3- نەشرى، 1985- يىلى، 404- بەت.
1988- يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى  كۈلتۈر مىنىستىرلىقى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان شۇ ناملىق كىتاپتىن  ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى

http://bbs.bagdax.cn/thread-45764-1-1.html

Share
2114 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.