ئەڭ يېڭى خەۋەر
بىر ئۇيغۇر يازغۇچىنىڭ 3 تىلدا نەشىر قىلىنغان يېڭى كىتابى
ئۇكراينا دۆلەت رەئىسى ۋېلادىمىر زەلەنسكىنىڭ ئاقسارايدا تىرامپ تەرىپىدىن ئازارلىنىشى ۋە رۇس ئىشخالىنىڭ تۈپ سەۋەبى نىمە؟
تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارلانىڭ پاجىيەسى ۋە چىقىش يولى ھەققىدە قىسقىچە ئانىلىز
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئۇيغۇرلار سۈرىيەدە نېمە قىلىۋاتىدۇ؟
(ئەسلى ماقالىنىڭ 100% تولۇق تەرجىمىسى )
ئۆمەر فارۇق (مۇخبىر ، ئىستانبۇل)
2025-يىل 4-ئاپرىل
يېقىندىكى بىر جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن ۋاقتىدا ، سۈرىيە پايتەختىدىكى ئەمەۋىيلەر مەسچىتىدە، ئۇيغۇر جەڭچىلەر باشقا ھەربىي فورملىق جەڭچىلەرگە ئوخشاش مىڭلىغان جامائەت بىلەن بىللە جۈمە نامىزىغا قاتناشتى. دىكتاتۇر ئەسەد ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كىين ئۇيغۇرلار دەمەشىق ئەتراپىدا بارغانسېرى كۆپ كۆرىنىدىغان بولۇپ قالدى. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ دۆلەتتىكى كەلگۈسى ئېنىق ئەمەس بولۇپ ، دۇنياۋى كۈچلەرگە چىگرا سىرتىدىكىلەرگە (باشقا دۆلەتلەرگە دېمەكچى) تەھدىد شەكىللەندۈردىغان چەتئەللىك جەڭچىلەرنى كونترول قىلىپ تۇرالايدىغانلىقىغا كاپالەت بېرەلەيدىغانلىقىنى كۆرستىشكە تىرشىۋاتقان يېڭى ھۆكۈمەت ئۈچۈن بىر توسالغۇ شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن.
يېقىنقى ئون يىل مابەينىدە ، مىڭلىغان ئۇيغۇر خىتايدىن تۈركىيە ئارقىلىق سۈرىيەگە كەلدى. سۈرىيەدىكى ئۇيغۇر لىدىرى، 5000 ئۇيغۇر جەڭچى بىلەن قوشولۇپ جەمئىي 15 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ بارلىقىنى سۆزلىمەكتە. . ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى قوراللىق گۇرۇپپىلار كونتروللىقى ئاستىدىكى ئىدلىب ياكى جىسر ئەل-شۇغۇر شەھىرىگە يېقىن جايلاردا ياشايدۇ. سۈرىيەلىكلەر «تۈركىستانلىقلار» دەپ ئاتايدىغان بۇ ئۇيغۇرلار بۇ يەردە مەكتەپلەر ،شۇنداقلا يېقىلغۇ پونكىتى ۋە ئاشخانىلارنى ئاچقان. ئۇلار ناۋايخانىلاردا بەزى سۈرىيەلىك قوشىنىللىرىغىمۇ تېتيىدىغان ئەنئەنىۋى يۇملاق قېلىن نانلارنى ياقىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنىڭ پاسپورتى يوق، لېكىن قوزغىلاڭچىلار كونترول قىلىدىغان رايونلاردىكىلەرگە ئوخشاش كىملىك كارتىسى بار. يۈزلەرچە ئۇيغۇر ياش ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ سۈرىيەلىكلەرگە ئوخشاش ھەقسىز ئوقۇشتىن بەھرىمان بولالايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدلىب ئۇنىۋېرسىتېتىغا تىزملىتىغلىق.
سۈرىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى جەڭچىلەرنىڭ (ئۇيغۇرلارنىڭ دېمەكچى) ئەسەد ھاكىمىيىتىنى يىقىتىشتىكى رولىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئۇلارنى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي ھەربىي سىستمىسىغا كىرگۈزدى. ئۇيغۇر لىدىرلىرىنىڭ دىيىشىچە جەڭدە (ئەسەد ھاكىمىيىتىنى يىقىتىش جېڭى دېمەكچى) 1100 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ھاياتىدىن ئايرىلغان.
يانۋاردىكى دەمەشىققە يىغىلىپ يېڭى سۈرىيە رەھبىرى ئەھمەد شەرىئنىڭ ئەسەد ھاكىمىيىتى يىمىرىلگەندىن كېيىنكى تۇنجى غەلىبە نۇتۇقىنى تىڭشاۋاتقان يۈزلەرچە ھەربىي قوماندانلارنىڭ ئىچىدە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدىن كەلگەن ئابدۇلئەزىز داۋۇد خۇدابەردىمۇ بار ئىدى. ئابدۇلئەزىز 2012-يىلى سۈرىيەگە كەلگەن ۋە ھازىر سۈرىيەدىكى كۆپ سانلىق ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى شام شۆبىسىنىڭ لىدىرىدۇر. ئابدۇلئەزىز قوزغىلاڭچىلارنىڭ 133-دىۋىزىيەسىنىڭ گېنىېرالى سۈپىتىدە، ئەسەد ھاكىمىيىتىنى يىقىتىشتا مۇھىم رول ئوينىدى ۋە سۈرىيە ئارمىيەسىدە رەسمىي ھالدا گېنېراللىق دەرىجىسىگە ئېرىشتى. يەنە تېخى ئىككى ئۇيغۇر پودپولكوۋنىك بولۇپ تەيىنلەندى. يېڭى سۈرىيەدە بۇ خىل ئۇنۋانلار بېرىلىگەن چەتئەللىك جەڭچىلەردىن يەنە 5-6 سى بار.
تۈركىستان ئىسلام پارتىيسنىڭ سۈرىيەدىكى مەۋجۇتلۇقى، بۇ دۆلەتنىڭ خەلقئارالىق ئىمبارگولارنىڭ بىكار قىلىنغاندەك كۆرىنىشى سەۋەبىدىن، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن مۇھىم بولۇشى مۇمكىن. ئەسەدكە قارشى كۆرەشكە يىتەكچىلىك قىلغان ۋە كېيىن يېڭى ھۆكۈمەتكە تەۋە بولغانلىقىنى جاكارلىغان ھەيئەت تەھرىر ئەلشام (HTS) بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلات دەپ بېكىتىلگەن ئىدى. خىتاي تۈركىستان ئىسلام پارتىيسى قاتارلىق قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىما قىلىپ،ئۇنىڭ (خىتاينىڭ) HTS نىڭ تېرورلۇق تىزىملىكتىن چىقىرىلىشىنى قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بېيجىڭنىڭ تۈركىستان ئىسلام پارتىيسگە بولغان كۆزقارىشى، خىتاينىڭ دۆلەت ئۆزى باش بولۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ۋە خاس كۈلتۈرىنى يوق قىلىش ئۈچۈن قانداق مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئەندىشىلەر بىلەن زىددىيەت پەيدا قىلماقتا. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان سىياسەتلىرى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقنى قوزغىدى . بۇ، دىئاسپورادىكى بەزى ئۇيغۇرلارنى بېيجىڭدىن ھەتتا ئۇرۇش قىلىپ بولسىمۇ مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىشقا ئىتتىردى. خەلقئارالىق ئۇيغۇر دىئاسپوراسى ئۈچۈن تۈركىستان ئىسلام پارتىيسى بۇ دەۋانىڭ تۇنجى مۇۋاپىقىيەت قازانغان ھەربىي كۈچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
كانادالىق ئۇيغۇر ئاكادېمىك ۋە شەرقىي تۈركىستان كانادا فېدېراتسىيەسىنىڭ سابىق رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش خانىم «بىز ئۇلاردىن پەخىرلىنىمىز» دەيدۇ. ئۇ، سۈرىيە تۈرمىلىرىدىن مەھبۇسلارنىڭ ئازاد قىلىنغان كۆرۈنۈشلىرىنىڭ ئۇنىڭغا شۇنداقلا ، يۈزمىڭلارچە دەپ تەخمىنىن قىلىنغان خىتايدىكى تۈرمە ۋە ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» دىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بىر كۈنى ئازاد بولىدىغانلىقىغا ئۈمىد ئاتاا قىلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. رۇقىيە خانىم، بەزىلەرنىڭ ئەسەد تۈرمىلىرىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى كۆرگەندە، خىتاي تۈرمىلىرى ئېچىلغاندەك ھېس قىلىپ كۆز يېشى قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.
سۈرىيەگە كەلگەن نۇرغۇن ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش، ئابدۇلئەزىز خىتاي سىرتىغا چىقىش ئۈچۈ يىللارچە يول ئىزدىدى. 48 ياشلىق ئابدۇلئەزىز 1990-يىللارنىڭ ئاخىرى ۋە 2000-يىللاردا خىتاي تۈرمىسىگە كىرىپ-چىققان. 2010-يىلى بىر ساختا پاسپورت ئالدى ۋە ئۇ مالايسىياغا باردى. ئۇ يەردىن ئىران ۋە ئافغانىستانغا باردى ۋە بۇ يەردە ، ئامېرىكا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرى ۋە پاكىستاننىڭ ۋەزىرىستان رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرى ئارىسىدا مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشۋاتقان يېڭى قۇرۇلغان ئۇيغۇر قوراللىق گۇرۇپلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتتى.
تالىبانلار 1990- يىللاردا ئافغانىستانغا كۆچۈپ بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرشىغا رۇخسەت بەردى. 1998-يىلى، ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر رەھبىرى ھەسەن مەخسۇم ھەربىي مەشىق لاگېرلىرى قۇرۇغان ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى (ETIM) باشلاتقان. 2001-يىلدىن كېيىن، خىتاينىڭ لوبىيچىلىقى غەلبە قىلىپ ئامېرىكا بۇ گۇرۇپپىنى تېررورلۇق تەشكىلات دەپ بېكىتكەن. بۇ گۇرۇپپىنىڭ رەھبەرلىرى پاكىستاننىڭ ۋەزىرىستان رايونىغا قېچىپ، ئەلقائىدىگە يېقىنلاشقان. ھەسەن مەخسۇم 2003-يىلى پاكىستاننىڭ ئەلقائىدىگە قارشى ئېلىپ بارغان ھەربىي ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ ئىزباسارى ئابدۇلھەق ئەلتۈركىستانى 2005- يىلى ئەلقائىدىنىڭ رەھبەرلىك كونسىسسىيەسىگە داخىل قىلىنغان. نەچچە يىللاپ ئامېرىكانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپلانلىرىنىڭ ھوجۇملىرىدىن ئامان – ئىسەن قالغان. لېكىن گۇرۇپنىڭ سانى ئۇ قەدەر ئازلاپ كەتتىكى، 2020-يىلى ئامېرىكا « شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىغا دائىر ئىشەنچلىك دەلىل يوق» دەپ قاراپ، بۇ گۇرۇپپىنى تېررورلۇق تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتتى. خىتاي بولسا، TIP نى ETIM نىڭ باشقا ئىسىمدىكى داۋامى ئىكەنلىكىنى، ئەلقائىدە بىلەن باغلىنىشى داۋاملاشتۇرۋاتقانلىقىنى ، خىتايدىكى ھۆكۈمەتپەرەس ئىماملارنىڭ سۈيقەستكە ئۇچىرىشىدىن، پىچاق ھوجۇملىرىغىچە بىر تالاي ۋەقەلەرنى بۇ گۇرۇپنى قىلدى دەپ چىڭ تۇرماقتا. خىتاي يەنە 2016-يىلى قىرغىزىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا بولغان پارتلىتىش ھۇجۇمىنىمۇ بۇ گۇرۇپ قىلدى دەپ قارايدۇ .
جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتدىن ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىدىغان پروفېسسورى شاۋن روبېرتس، بۇ ھۇجۇملارنىڭ ھىچبىرىنىڭ TIP ياكى ETIM گە ئېنىق بىر شەكىلدە باغلىغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. سۈرىيەدىكى TIP نىڭ باياناتجىسى بۇ گۇرۇپپىنىڭ يۇقارقىدەك ھۇجۇملارغا مەسئۇل ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. باياناتچى يەنە خەلقئارا تېررورلۇق ھەركىتى باشلتىشتىن ئىبارەت بىر مەخىسىدىنىڭ يوقلىقىنى ، چۈنكى بۇلارنىڭ مەزكۇر گۇرۇپنىڭ خەلقئارالىق سىياسىي قوللاشنى قولغا كەلتۈرۈشىكە بولغان ئۇزاق مەزگىللىك ۋىزىىيونغا زىيانلىق ئىكەنلىكىنى،شۇنداقلا ئەلقائىدە بىلەن باغلىنىشى يوقلىقىنى تەكىتلىدى.
ئابدۇلئەزىز 2012-يىلى سۈرىيەگە كەلگەندە، ئۇيغۇر كۆچمەنلەر بۇ يەرگە قاراپ ئېقىۋاتاتتى. بەزى تەخمنىلەرگە قارىغاندا ، مىڭلىغان ياش يىگىتلەرنىڭ كۆپىنچىسى تۈركىيە ئارقىلىق قوراللىق كۈچلەرنىڭ كونتروللىقىدىكى سۈرىيەگە كەلدى. بۇ كۆچمەنلەر بىلەن كەڭ دائىرلىك كۆرۈشۈش ئېلىپ بارغان شاۋن روبېرتىس ،بۇنىڭ قىسمەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سۈكۈتتىكى رۇخسىتى بىلەن تەشۋىق قىلىنغان ھەركەتنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. تۈركىيە بۇلارنى قىلۋاتقان ۋاقىتىدا ناھايىتى ئىھتىيات بىلەن ئىش تۇتىۋاتاتتى؛ يەنى مىلىيۇنلىغان سۈرىيەلىككە قاراۋاتاتتى، لېكىن ئەردوغان مىللەتچىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇيغۇر داۋاسىنى قوللاشنى داۋام قىلىۋاتاتتى.
روبېرتىس سۈرىيەگە بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۈپىنچسىنىڭ خىتايدىن چىقىپ تۈركىيەگە كەلگەن كشىلەر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. قارىغاندا تۈركىيەدىكى بەزى كىشىلەر، ئىھتىمال بەزىلىرى تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتى بىلەن، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرىيەگە بېرىشى ، ئۇ يەردە بۇ گۇرۇپقا قېتىلىشى كېرەكلىكى، ھەربىي قىسمىدا مەشىق قىلدىغانلىقى، بىر كۈن قايتىپ ئانا ۋەتىنى ئۈچۈن ئۇرۇش قىلالايدىغانلىقى شۇنداقلا ئائىلسنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىندىغانلىقى ھەققىدە ۋەز نەسىھەت قىلغان.
سۈرىيەدىكى تۈركىستان ئىسلام پارتيىسى ، ئەزالىرى ئۈچۈن يەر ئىزدەپ بۇ دۆلەتكە چىكىنگەنلىكىنى، ۋە كۆپىنچىسىنىڭ ئەسەدكە قارشى جەڭگە قاتنىشىش سەۋەبىنىڭ ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلاغا ئىشلەتكەن تاكتىكىلىرىنى ئىسىگە سالغانلىقى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تۈركىستان ئىسلام پارتيىسى باياناتچىسى « ئۇيغۇرلار ئەسەدنىڭ زالىم ھاكىمىيتى بىلەن خىتاي كوممۇنىست پارتىيسنىڭ زۇلۇملىرى ئوتتۇرىسىدا ئوخشاشلىقلار بارلىقىنى ھىس قىلغانلىقى،ۋە بۇ سەۋەبتىن سۈرىيەلىكلەر بىلەن بىرلىكتە جەڭ قىلغانلىقىنى» بايان قىلدى.
كېيىنكى يىللاردا، تۈركىستان ئىسلام پارتيىسى جەڭچىلىرى جىسر ئەل-شۇغۇر، ھەلەب، ئىدلىب ۋە لازىكىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكەتلەرگە قاتناشتى. ئابدۇلئەزىز ئەسەدنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا ئايالى ۋە ئىككى ئوغلىدىن ئايرىلدى. ئۇ2024-يىلى ئىدلىبتىكى ھەربىي ئاكادېمىيەنى تاماملىدى ۋە 2024-يىلنىڭ ئاخىرىدىكى قوزغىلاڭچىلارنىڭ دەمەشىقنى ئىشغال قىلىشىغا تۈرتكە بولغان چاقماق تىزلىكىدىكى ھەربىي ھەرىكەتتە جەڭچىلەرگە رەھبەرلىك قىلدى.
روبېرتىس تۈركىستان ئىسلام پارتيىسىنىڭ دۇنياۋى جىھادچى گۇرۇپپىلار بىلەن باغلىنىشلىق بارلىقى ئىھتىماللىقى غەربتىكى بەزى ئۇيغۇر دىئاسپورا لىدىرلىرىنىڭ ئۇلارنى قوللىشىنى ئىپادە قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى سۆزلەيدۇ. روبېرتسنىڭ دىيشىچە، غەربتىكى بەزى ئۇيغۇر دىئاسپورا گۇرۇپلىرى TIP نىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن سۆز قىلىشتىنمۇ ئۆزىنى تارتماقتا ۋە يەنە بەزىلىرى تۈركىستان ئىسلام پارتيىسىنىڭ خىتاينىڭ ئۇلارنى (ئۇيغۇر تەشكىلات ۋە گۇرۇپلىرىنى دېمەكچى) دۇنيا مىقياسىدا ئىتىبارسىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەتكەن سۈيقەسىت ھەركىتى دەپ قارايدۇ. باشقلىرى بولسا، ئۇلارنىڭ زالىم ئەسەدنى يوق قىلغانلىقىدىن پەخىرلىنىشىمىز كېرەك،ۋە بۇ بىزنىڭ بىر دۆلىتىمىز بولغان بولسا ھەربىي قىسىمىمىز بولغان بولاتتى، دەپ ئويلايدۇ.
بۇ گۇرۇپپىلاردىن بىرى بولسا، تۈركىيەدە قۇرۇلغان 20 يىللىق تارىخقا ئىگە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدۇر. كۆپ سانلىق ئەزالىرى مۇھاپىزىكار بولغان بۇ تەشكىلات پاكىستاندا ئوقۇغان ۋە كىين تۈركىيەدە ئولتۇراقلاشقان قەشقەرلىك ئۇيغۇر ھىدايەت ئوغۇزخان تەرىپىدىن باشقۇرىلىدۇ. ئوغۇزخان سوسىيال مىدىيادىكى بىر باياناتىدا « سۈرىيەلىكلەرنىڭ دىكتاتور ۋە قاتىل ھاكىمىيەتنى يىقىتىپ ھۆكۈمەتنى قولغا ئېلىشى، بىز ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن تەرىپلىگۈسىز چوڭ ئۈمىد نۇرى بولدى» دېدى.
تۈركىستان ئىسلام پارتيىسىنىڭ كېلەچىكى
پارتينىڭ سۈرىيەدىكى كېلەچىكى، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى كۈچلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىشىقا مەجبۇر قېلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. رەسمىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئابدۇلئەزىز خۇدابەردى ۋە تۈركىستان ئىسلام پارتيىسدىكى مىڭلىغان ئۇيغۇر جەڭچى ھازىر سۈرىيە ھەربىي قىسمىنىڭ بىر پارچىسى. لېكىن، ھازىرغىچە سۈرىيە پۇقرالىقى يوق. ئەھمەد شەرئي بولسا چەتئەللىك جەڭچىلەرنىڭ ھاكىمىيەتكە قارشى زەپەرنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى ۋە ئۇلارغا پۇقرالىق بېرىشنىڭ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان (ئىجابى جەھەتتىن ) بىر مەسىلە دەپ قارايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا تاشقى دۇنياغا ھۆكۈمەتنىڭ دۇنياۋى جىھاد خىرسىنىڭ يوق ئىكەنلىكىگە دائىر ئىشەنچ بېرشكە تىرشىۋاتىدۇ.
ھەيئەت تەھىرر شامنىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كىين ئافغانىستان تالىبانلىرىغا قارىغا كۆپ جەھەتتىن ئىلگىرلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. شۇنداق بولسىمۇ خوراسان كۈندىلىك گىزىتىنىڭ مۇھەرىرى ئىفتىھار فىردوس، بۇ توقۇنۇشتىن سۈرىيە ئۈچۈن مۇھىم تەجرىبە ساۋاقلارنىڭ چىقىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. فىردوس، ھەيئەت تەھىرر شامنىڭ
سۈرىيەنى ئىگىلىشى، بۇ ئەسىردىكى بىر جىھادى گۇرۇپپىنىڭ بىر دۆلەتنى تولۇق كونترول قىلغانلىقىنىڭ ئىككىنچى مىسالى ئىكەنلىكىنى سۆزلىدى. فىردوس يەنە تۈركىستان ئىسلام پارتيىسى ئەزالىرىنىڭ سۈرىيەگە ئورگانىك بىر شەكىلدە سىڭىشكەن ياكى سىڭىشمىگەنلىكىگە ياكى پەقەتلا مەۋجۇتلىقى ھەققدىكى خەلقئارالىق ئەندىشىلەرنى پەسكويغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن قەغەز يۈزىدىلا شۇنداق كۆرىنگەنلىكىگە بىر نەرسە دىيەلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئافغانىستاندا تالىبانلار دۇنياۋى جىھادچى ئىستەكلىرىنى بىر تەرەپكە قويۇپ قويۇش ئۈچۈن چەتئەللىك جەڭچىلەرگە پۇل تۆلىگەن بولسا ، سۈرىيەدە HTS تۈركىستان ئىسلام پارتيسىنى ئەسكىرى قۇماندانلىق زەنجىرىگە قوشۇپ يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ باشقۇرلدىغان بىر ئۇسۇل قوللاندى.
خىتايغا نىسبەتەن ، قوشنا دۆلەت ئافغانىستاندىكى قوراللىق ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى سۈرىيىدىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ تەھدىدتۇر. بۇ خىتاينىڭ تالىبانلارغا تەسىر كۆرسىتىشكە قىززىقىۋاتقانلىقنىڭ قىسمەن سەۋەبلىرىدىن بىردۇر. خىتاي جىھادچىلارنىڭ ئافغان دۆلىتى زىمىندىن خىتايغا ھۇجۇم قوزغىمايدىغانلىقى كاپالىتىگە ئېرىشمەكچى ۋە بۇ جەھەتتە مەلۇم دەرىجىدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندى. يەنى ئۆتكەن 20 يىلدا ، خىتاينىڭ ئۆزىگە ياكى خىتاينىڭ چەتئەلدىكى مەنپەئەتىگە قارىتىلغان پەقەت ئاز ساندىكى ھۇجۇملارلا تۈركىستان ئىسلام پارتيىسىگە باغلاندى، يەنە كىلىپ بۇ ھوجۇملار ئاجىز بىر شەكىلدە ئىدى. ئوخشاش مۇۋەپپەقىيەتنىڭ سۈرىيەدە بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.
ماقالىنىڭ ئەسلى مەنبەسى
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.