logo

trugen jacn

ئۈمىدلەر ۋە تەشۋىشلەر

 

تۇنيۇقۇق

 

ئۈمىدلەر ۋە تەشۋىشلەر

 

ئالدىنقى بىر ماقالەمدە “ خىتايدا مۇستەبىت ھاكىمىيەت تېخىمۇ كۈچەيسە سىياسىي ئىسلاھاتقا تەشنا خەلق ئۆزلىكىدىن قوزغۇلۇپ دىموكراتىك ھەرىكەت قوزغىشى ئاندىن غەلبە قىلىشى ياكى خىتاي ئەنئەنىسى بويىچە قانلىق باستۇرۇلۇپ كىتىشى مۇمكىن. بۇ ئىككىلا خىل نەتىجىدە ئۇيغۇرلارغا ئازراق يورۇقلۇق بار. مەن بۇنىڭ 15 يىل ئىچىدە روياپقا چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن“ دىگەن ئىدىم. ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن كۆكبۆرە ئەپەندى:“ 19- قۇرۇلتايدىن كىيىنكى مىللىي سىياسەت يۆلىنىشى“ دىگەن ماقالىسىدە تېخىمۇ ئۈمىدۋارلىق بىلەن:“ ئەگەر كۆپچىلىك تىرىشىپ ئىشلەپ مستەبىت كومپارتىيەنىڭ ئەپتى- بەشرىسىنى ئىچىپ تاشلىسا، بەش يىلدىن 10 يىلغىچە بولغان كەلگۈسىدە مۇستەبىت كومىنىستىك پارتىيە ھۆكۈمرانلىقى ئۆرۈلۈپ كىتىدىغانلىقىنى ئىيتىپتۇ. بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى خۇشال قىلىدىغان پەرەز- ئەلۋەتتە!

ئاللاھنىڭ بىزلەرگە پات يىقىندا نىجاتلىق بىرىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەنگەن ھالدا بۇ نىجاتلىقنىڭ ئەمەلگە ئىشىشى ئۈچۈن بىز كۆرۈپ يىتەلەيدىغان تىگىشلىك سەۋەب ۋە شارائىتلارنى تەھلىل قىلىپ كۆرەيلى!

جۇڭگو ئىچكى قۇرۇقلۇق ۋەزىيىتى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم مەزگىلدە، ئۇيغۇرلار مەيلى سىياسىي ھەرىكەت، پارتىزانلارچە ھۇجۇم ياكى چوڭ كۆلەملىك قوزغىلىش كۆتۈرسۇن ئەمەلىي نەتىجە قازىنالىشىمىز ناتايىن. ھازىرقى خىتاينىڭ قۇرال- ياراق، ھەربىي كۈچى، تېىخنىكا، ئىقتىساد، خەلقئارا تەسىر كۈچى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئالغاندا خىتاي بىلەن تىركىشىپ تۇرالىغۇدەك ئەمەلى كۈچ ئۇيغۇرلاردا يوق. ئۇيغۇرلار مۇستەقىل بولۇش ئۈچۈن قوزغىلىپ چىقالايدىغان پۇرسەت ئىككى خىل ئەھۋالدا يارىتىلىدۇ. بىرى چوڭ دۆلەتلەر خىتاي بىلەن ھەربىي ئۇرۇش قىلسا مۇمكىن بولىدۇ. بۇنىڭ ئىھتىماللىقى يىقىن كەلگۈسىدە تۆۋەن. يەنە بىرى: خىتايلار كومپارتىيەگە قارشى زور كۆلەملىك قوزغىلىپ، ئىچكى قالايمىقانچىلىق ۋە بۆلۈنۈش كۆرۈلۈپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا يىتىشەلمىگەندە ئاندىن مۇستەقىللىق قوزغىلىڭى قىلىشقا پۇرسەت بولىدۇ.

كومىنىستىك پارتىيە ھازىر خەلقنىڭ رايىدىن قالدى. پارتىيەنى تۇتۇپ تۇرىۋاتقىنى ئىقتىساد ۋە ئارمىيە بولۇپ، ئېغىر ئىقتىسادى بوھران ياكى زور كۆلەملىك خەلق قوزغىلىڭى كۆرۈلگەن ھامان كومىنىستىك پارتىيەنىڭ ئەجىلى كەلگەن بولىدۇ. كومىنىستىك پارتىيە بۇنى تونۇپ يەتكەن بولغاچ بارلىق مىدىيا ۋاستىلىرىنى،ئۈندىدار، ۋىيبو، مۇنازىرە مۇنبەرلىرىنى قاتتىق كونتىرول قىلىۋاتىدۇ. مەركىزى تىلۋىزىيە، شىنلاڭ، خەلق گىزىتى قاتارلىق ئاساسلىق خەۋەر ئورگانلىرى ئۆتكەن يىلى ئۆزىنىڭ ڧامىلىسى پارتىيە ئىكەنلىكىنى ئىلان قىلدى. بۇ يىلى خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسى ڧامىلىسىنىڭ خەلق ئەمەس، ئارمىيە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى . بۇ يىل 8-ئاينىڭ 1- كۈنى ئازاتلىق ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىق خاتىرە كۈنى ھەربىيلەر پاراتتىن ئۆتكەندە، پارتىيە بايرىقى ئەڭ ئالدىدا، ئاندىن دۆلەت بايرىقى ئاندىن ئارمىيە بايرىقى تىزىلدى. بۇ ئەسلىدە خىتاينىڭ ئاساسى قانۇنىغا خىلاپ بولۇپ، دۆلەت بايرىقى ئەڭ ئالدىدا بولۇش كىرەك ئىدى. شى جىنپىڭ بۇ ئارقىلىق ”دۆلەتنىڭ ڧامىلىسى پارتىيە، ئۇنى قوغدايدىغىنى ئارمىيە“ دىگەن بىر ئۇقۇمنى بىلدۈرمەكچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي مىللەتچىلىكىنى كۈچەپ تەرغىپ قىلىپ خىتاي مىللەتچىلىكى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ پارچىلىنىپ كىتىشىنى توسۇپ قالماقچى، كومپارتىيەنىڭ ئۆرۈلمەسلىكىنى جۇڭگونىڭ پارچىلانماسلىقى​نىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىپ كۆرسەتمەكچى.

كومىنىسىتىك پارتىيە خەلق قوزغىلاڭلىرىنىڭ كىچىك دائىرىدە كۆرۈلۈپ قوزغىلىپ چىقىشىدىن ئەنسىرەپ كەتمەيدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا كىڭىيىپ، تەسىر قوزغىۋىتىشىدىن تولىمۇ ئەنسىرەيدۇ. شۇڭا ھەرقايسى شەھەر، ئۆلكىلەردە نامايىش كۆتۈرۈلسىمۇ ئۇلار ئۇنى قەتئىي خەۋەر ۋاستىلىرىگە چىقارمايدۇ. ئەگەر بىرلا قوزغىلىپ غەلبە قىلسا ۋە باشقا شەھەر- ئۆلكىلەرگە كىڭىيىپ كەتسە كومىنىستىك پارتىيەنىڭ ئۇلى تەۋرەپ كىتىدىغانلىقى ئۇلارغا ئايان. شۇڭا ھازىرقى خىتايدا ساقلىنىۋاتقان يوشۇرۇن ئىچكى زىددىيەتلەر، جەمىيەت مەسىلىلىرى بىرلا پارتىلاپ چىققان ھامان، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ مۇستەقىل بولۇشىغا بىر پۇرسەت يارىتىلغان بولىدۇ.

ئىچكىرىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ، ئېغىر قالايمىقانچىلىق يۈز بەردىمۇ دەيلى. بۇ پەقەت بىزگە بىر پۇرسەت دىگەن گەپ. مۇستەقىللىق دەۋايىمىزنىڭ ئەمەلگە ئىشىشىغا تولۇق ئىمكانىيەت بارمۇ؟

ئىچكىرى ئۆلكىلەردە قالايمىقانچىلىق يۈز بىرىپ، تىبەت بىلەن تۈركىستان تەڭلا قوزغىلىپ چىققان تەقدىردىمۇ بەزى ۋاقىتلىق يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنى قۇرۇپ چىقالىشى، ئارمىيە تەشكىللەپ ۋەتەننى قوغدىيالىشى مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋال ئىككى جۇمھۇرىيەت دەۋرىدىمۇ كۆرۈلگەن. ئەمما بۇ پۇرسەت بىزگە كىلىشتىن ئاۋال ياخشى تەييارلىق كۆرمىگەن ۋە تەربىيەلەنمىگەن سەۋەبلىك كۈچلۈك بىر قوشۇننى شەكىللەندۈرەلىش​ى ناتايىن. خوجىنىياز ھاجىمنىڭ قوشۇنى جەڭدە باتۇر ۋە جەڭگىۋار بولسىمۇ، مۇنتىزىم تەربىيە كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن، مۇنتىزىم تەربىيە كۆرگەن ماجۇڭيىڭنىڭ قوشۇنى ئالدىدا تولا قىلتاققا دەسسەپ، تولا يىڭىلىپ قىچىپ يۈرۈپ جەنۇبقا قاچتى ھەتتا شىڭشىسەيگە ئەل بولدى.

بىزنىڭ ۋەتەننى ئازات قىلىش ئۈچۈن چىقىپ كىتىپ، ئاڧغانىستان ۋە ئىراق، سۈرىيە تۇپراقلىرىدا چىنىققان، تەربىيەلەنگەن نەچچە مىڭ شىر يۈرەك باتۇر يىگىتلىرىمىز بىر- بىرىنى دۈشمەن تۇتۇپ ئۆلتۈرۈشۈپ نابۇت بولدى. ۋەتەننى ئازات قىلىشتا ۋە قوغداشتا دەل ئاشۇنداق تەربىيەلەنگەن مەشقاۋۇللارغا ئىھتىياجىمىز بار ئىدى. كەلگۈسىدە شۇ مۇجاھىد باتۇرلاردىن ھايات قالغانلىرى ۋەتەننى ئازاد قىلىش ۋە قوغداش سىپىگە ئاتلاندى دىگەن تەقدىردىمۇ چوڭ جامائەت، كىچىك جامائەت، دائىش، نۇسرەت، سەلەپ، خەلەپ قاتارلىقلارنىڭ جىدىلىنى بىسىقتۇرۇپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر بايراق، بىر رەھبەر قول ئاستىغا يىغىپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا لايىق ھەيۋەتلىك قوشۇن بەرپا قىلىش تولىمۇ مۈشكۈل. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئارىسىدىكى ھەرخىل ئىنچىكە زىددىيەتلەرنى ھەل قىلالايدىغان، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ھۆرمىتىگە، ئىشەنچىسىگە ئىرىشكەن نوپۇزلۇق دىنىي ئالىملارغا ئىھتىياجىمىز بار.

ئەنە شۇنداق ئىتتىپاق ھەربىي قوشۇننى شەكىللەندۈرگەن تەقدىردە، بىزگە بىرىنجى دۈشمەن بولىدىغىنى ئىككى يۈز يىلدىن بۇيان تۈركىستاندا ئولتۇراقلىشىپ يەرلىكلىشىپ كەتكەن، يەرلەشتۈرۈلگەن 8 مىليون خىتاي بولىدۇ. تېخى قايسى كۈنى ئىلان قىلغان نوپۇس تەكشۈرۈشتە شىنجاڭلىق خىتايلارنىڭ نوپوسى 8 مىليون چىقتى. بۇنىڭ ئىككى مىليونى بىڭتۈەنلىك يىرىم ھەربىي يىرىم ئىشلەمچى خىتايلار. بۇ خىتايلار تۈركىستاندىكى ئاساسلىق ئىقتىسادى شەھەر- يىزىلارغا تارقالغان. ئۇلار نىڧىتلىك، تۆمۈر يول، ئايدىروم، ئىقتىساد ۋە چىگرا ئىغىزلىرىنى ئىگەللەپ ياتىدۇ. ئارمىيە، ساقچى، قۇرال- ياراقلارمۇ خىتايلارنىڭ قولىدا. بۇ 8 مىليون خىتاي ئىچكىرىگە قايتىپ كەتسە جان باقالمايدىغانلى​قىنى بىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ئەۋلادمۇ- ئەۋلاد تۈركىستاندا يەرلىشىپ ياشاپ كەلگەچ ئۆزىنى ھەقىقەتەن شۇ زىمىننىڭ ئىگىللىرى دەپ ئويلايدۇ. ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار ئىنىقلا قولىدا بار ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى زور دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلالىشى، ئىچكىرىنىڭ ۋەزىيىتى مۇقىملاشقان ھامان يەنە بىزنى مۇستەملىكە قىلىۋىلىشى مۇمكىن. ئۇلاربەك بولسا تەبىئىي بايلىقى مول، يىشىلچىلىق ۋە يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنى، خىتايلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان تەڭرىتاغنىڭ شىمالىنى قەتئىي قويۇپ بەرمەي، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىنى، ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان تارىم ۋادىسى، تەكلىماكان چۆلىنى تاشلاپ بىرىشى مۇمكىن.

بۇ ۋاقىتتا سىياسىي تەدبىرگە ناھايىتى قابىل ئۇيغۇر سىياسەتچىگە ئىھتىياجىمىز چۈشىدۇ. بەلكىم تۈركىستاندىكى خەنزۇلارنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈكىگە تەگمەيمىز، ئىچكرىگە قايتىپ كەتسەڭلار يول ئوچۇق، قايتىپ كەتسەڭلار سىلەرگە زور دەرىجىدە ياردەم بىرىمىز. ئەمما سىلەر جاھىللىق بىلەن تۇرىۋالساڭلار ئەلپازى يامان بەزى كىشىلەر سىلەرنىڭ ھاياتىڭلارغا خەۋىپ يەتكۈزۈپ قويۇشى مۇمكىن. بىز سىلەرنى كىچە- كۈندۈز قوغداپ بولالمايمىز دەپ كۆپ قىسىم خىتايلارنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرۇپ، تۈركىستاننى تاشلاپ ئىچكىرىگە قايتىپ كىتىشىنى قولغا كەلتۈردى دىسەك زور كاشىلىدىن بىرسى يوقالغان بولىدۇ، بىراق بۇنىڭلىق بىلەن مەسىلە پۈتۈن يوقىمايدۇ. خىتاي چىگرانى ئىتىۋىلىشى، ئۇلارنى يەنە ئامالسىز قارشىلىشىشقا مەجبۇرلىشىشى مۇمكىن. بۇ خىتاينىڭ خۇسۇسىيىتىگە بەك ماس كىلىدۇ.

ئەلۋەتتە، يەرلەشكەن خىتايلارغا قارشى ئۇيغۇرىستانغا چىگرىداش تۈركى مىللەتلەر- قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبەكىستان قاتارلىقلار دىن قىرىنداشلىق ۋە دىنداشلىق يۈزىسىدىن ئازغىنە بولسىمۇ ياردەم كىلىشى مۇمكىن. ئەمما ئۇلار ئۇيغۇرىستاننىڭ ئازاتلىقىغا كۆزى يەتمەي تۇرۇپ ھەرگىز ياردەم قولىنى سۇنالمايدۇ. چۈنكى ئۇلار بىزگە ياردەم قولىنى سۇنغان تەقدىردە سۇنى كۆرمەي تۇرۇپ ئۆتۈك سالسا، كۈچلۈك دۈشمەن خىتاينىڭ ئۆچ ئىلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئىككى يۈز يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرىستانغا كۆز تىكىپ كەلگەن روسىيە ئۇلارنى كۈشكۈرتسە ھەتتا ئۆزى بىزگە بىۋاستە ياردەم بەرسە ئاندىن خىتاي بىلەن تىركەشكۈدەك ئەمەلىي كۈچكە ئىگە بولىشىمىز مۇمكىن. ئەمما ئۇيغۇرىستاننى تارىختىن بۇيان نەچچە قىتىم سىتىۋەتكەن، سابىت داموللام، ئىلىخان تۆرە، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنى بىر قوللۇق يوقاتقان، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى كومونىزىم لاگىرىدا دىندىن ۋە تىل- مەدەنىيىتىدىن ئايرىپ تونۇغۇسىز ھالەتكە كەلتۈرىۋەتكەن كومونىزىمنىڭ بوۋىسى بولمىش روسىيەگە تايىنىش بۆرىدىن قۇتۇلۇپ، يولۋاسقا تۇتۇلغاندەك بىر ئىش بولىشى مۇمكىن. بىلسەڭلار 1949- يىلى سىتالىن لىيۇ شىياۋچىنى چاقىرىپ شەرقى تۈركىستاننى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بىرىش، شەرقى تۈركىستانغا كۆپلەپ خىتاي يۆتكەپ نوپۇس نىسبىتىنى 50%تىن ئاشۇرىۋىتىش مەسلىھەتىنى بەرگەن دەل شۇ سىتالىن.

يەنە بىر خىل ئەھۋالدا ئۇيغۇرىستان مۇستەقىللىقنى ساقلاپ قالالىشى مۇمكىن. يەنى ئامرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى خىتاينىڭ قالايمىقانچىلىق ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، خىتاينى پارچىلىۋىتىشنى قارار قىلغان ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا ھەر جەھەتتىن ياردەم بەرسە، قوشۇن تۇرغۇزسا، تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قالالىشى مۇمكىن. خىتاينىڭ تۈركىستاندىن ئىبارەت نىڧىت، تەبىئىي گاز، پاختا، ئالتۇن كانىنى ئىگىلىۋالسا، قان تومۇرى بولغان يىپەك يولىنى ئۈزىۋەتسە خىتاي ئامرىكىغا تەھدىد پەيدا قىلالمايدىغان بولىدۇ.

ئەمما بۇ ۋاقىتتا خىتاي چاۋشىيەندىن ئىبارەت كاپ- كاپ كۈچىنى قويۇپ بەرسىچۇ؟ يادرو تېخنىكىسى، ئالەم قاتنىشى تىخنىكىسىنى ئىرانغا سېتىپ بەرسىچۇ؟ ئامرىكا شۇ زىيانلار بەدىلىگە تۈركىستانغا ياردەم بىرەمدۇ؟ خىتاي روسىيە بىلەن بىرلىشىپ ئامرىكىغا قارشى ئۇرۇشسىچۇ؟ ياكى بىۋاستە ھالدا ئامرىكا بىلەن روسىيە تۈركىستاننى تالاشسىچۇ؟ ئۇ چاغدا شەرقى تۈركىستان ئىككىنجى ئاڧغانىستانغا ئايلىنىپ قالمامدۇ؟ ئۈچ چوڭ دۆلەتنىڭ كۈچ سىنىشىش مەيدانىدا ھەممىدىن بەك زىيانغا ئۇچرايدىغىنى يەرلىك خەلقلەر بولىدۇ. جاھانگىرلار يامىنى كەلسە ئۇرۇشتىن كىيىن توپىسىنى قىقىشتۇرۇپ كىتىپ قالىدۇ.

بارلىق سىرتقى شارائىتلارنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پايدىلىق ھالەتتە پەرەز قىلىپ باقايلى. ئۇيغۇرلار ئامرىكا ئوڭۇشلۇق ھالدا تۈركىستاندا قوشۇن تۇرغۇزۇپ، تۈركىستاننىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن ھەرخىل ياردەمدە بولدى. قوشنا تۈركىي مىللەتلەر، مۇسۇلمان مەملىكەتلىرى خەلقئارادا مۇستەقىللىقىمىز​نى قوللىدى. خىتايدا دىموكراتىك كۈچلەرنى يۆلەپ تۇرغۇزدى، ئۇلارغا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقتىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىپ بىسىم چۈشۈردى. ئاندىن خىتاينىڭ ئەسلى پىروگراممىسىدىك​ى “ مىللەتلەر ئۆزى قارار قىلىش ھوقۇقى“ ئارقىلىق، ئومومىي خەلىقنىڭ بىلەت تاشلىشى بىلەن تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى پۈتۈن ئاۋاز غا ئىرىشتى. خەلقئارا تۈركىستاننى ئىتراپ قىلدى، قانۇنى جەھەتتىن ئىتراپ قىلىندى. ئاندىن ب د ت تىنىچلىق قوغداش قىسىملىرى گازارما قۇردى، تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئىشقا ئاشتى دەيلى.

تۈركىستان ئازات بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ زىمىنى ھامان خىتاي بىلەن چىگرىداش بولىدۇ. كومىنىستىك پارتىيە يىقىلسىمۇ، خىتاي يەنىلا دۇنيا زاۋۇتى، مىللەتپەرۋەر خىتايلارنىڭ مەبلىغى، شەرقى جەنۇبى ئاسىيادىكى تەسىر كۈچى ئارقىلىق يەنىلا ئۆزىنى ئوڭشاپ كىتەلەيدۇ. ئوڭشالغان ھامان تۈركىستانغا يەنە قارا نىيىتىنى ئاشكارىلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار خىتايغا قارىتا چىگرا قوغداش، مۇستەقىللىكىنى قوغداش كۆرىشىگە تەييارلىنىپ ھەرۋاقىت سەگەك تۇرمىسا بولمايدۇ. زور مىقداردا ھەربى كۈچ ۋە ئىقتىسادى كۈچنى خىتايدىن مۇداپىيەلىنىشكە ئىشلەتمىسە بولمايدۇ. خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى،مائارىپقا كۆڭۈل بۆلۈش، سانائەتنى تەرەققى قىلدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر شۇنىڭغا ئەگىىشىپ ئاقساپ قالىدۇ. ب د ت تىنىچلىقنى ساقلاش قىسىملىرى ھەرۋاقىت سىزگە پوستا تۇرۇپ قوغداپ بىرەلمەيدۇ. سۇ كىتىدۇ، تاش قالىدۇ. قايتىدىن كۈچەيگەن خىتاينىڭ خىرىسىغا قارىتا يىڭىدىن قۇرۇلغان تۈركىستان يالغۇز ھالدا تاقابىل تۇرالمايدۇ. ئارمىيە ۋە ئىقتىساد جەھەتتىن مۇستەقىل بولۇش ئۈچۈن ئۇزاق بىر جەريان ۋە زامان كىتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا يەنىلا ئامرىكا ۋە تۈركىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەردىن زامانىۋى قۇرال سىتىۋىلىشى، ئەسكەرلىككە ئادەم تەربىيەلىشى، ھەربىي ماھارەت، ئۇشتۇمتۇت جەڭلەرگە ھازىرلىق كۆرۈشى كىرەك بولىدۇ. ئۇيغۇردا بار كەسپى تىخنىك خادىملار يىتىشمەيدۇ، خىتايغا ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدۇ. پەرەڭلەردىن تېخنىكا خادىملىرىنى تەكلىپ قىلىپ نىڧىت، تەبىئىي گاز، ئالتۇن كانلىرىنى ئىچىشقا توغرا كىلىدۇ. شۇڭا زامانىۋى قۇدرەتلىك ئىسلامىي دۆلەت بولسۇن، دىموكراتىك دۆلەت بولسۇن دۆلەت قۇرۇش نىيىتى بارلار دۆلەت كۈچىنى ھەقىقىي تۈردە ئاشۇرالايدىغان پەن- تېخنىكا كەسىپلىرىدە ئوقۇشۇڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنى ئازات قىلىپ، چىگراسىنى ئوبدان قوغدىيالىدى ياكى خىتاي ئاجىزلاپ تۈركىستانغا خىرىس پەيدا قىلالمىدى دەپ تۇرايلى. بۇ خىل ئەھۋالدا قانداق دۆلەت قۇرۇش يەنە بىزگە قويۇلغان ئەڭ چوڭ سۇئال بولىدۇ. كۆزىمىزگە كۆرۈنۈپ تۇرغان ئىسلامچىلار بىلەن دىموكراتچىلار ئارىسىدا، ئىسلامىي دۆلەت قۇرغۇچىلار بىلەن مىللى دۆلەت قۇرغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ كۆرۈلىدۇ. ئەگەر بۇ زىددىيەت ئېغىرلاشسا ئاق تاغلىق بىلەن قارا تاغلىق پاجىئەسى قايتا يۈز بىرىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ۋەتىنىنى سۆيىدۇ ۋە ۋەتىنى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى خالايدۇ. ئۇلار ئۆ ۋەتىنى مۇستەقىل بولغاندىن كىيىنمۇ قارشى ئىلىنماسلىقى ئۇلارغىمۇ ئەلەم بولىدۇ، دۈشمەنلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دىموكراتچىلار، مىللەتچىلەر، ھۆررىيەتچىلەر ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى مۇسۇلمان بولغان، ئىسلام ئۈچۈن جان تەسەددۇق قىلىشقا تەييار تۇرغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ رايى ۋە قاتتىق بىسىملاردىن كىيىنكى كۈچلۈك دىنىي تەلپۈنۈشلىرىگە يىتەرلىك ئەھمىيەت بەرمىگەندە ھامان نارازىلىق قوزغايدۇ.

ئسلام دۆلەتلىرى كۈچىيىپ، ئىسلامچىلار مەدەتكە ئىرىشىپ، پۈتۈن ئۇيغۇرلار ئىسلامىىي ھاكىمىيەتنى خالايدۇ ھەم شۇنداق دۆلەت قۇرۇلدى دەپ تۇرايلى. ئىسلامچىلار بىراقلا قۇرئان- ھەدىسنى ئاساس قىلغان، شەرىئەتنى قانۇن قىلغان ئىسلامىي خىلاپەت قۇرۇشنى خالايدۇ. بۇ خاھىش شەرقى تۈركىستاندا نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان ئولتۇراقلاشقان، قىزىل كومونىسىتلارنىڭ دەھرى ھاكىمىيىتىدە 70 يىل ياشاپ كەلگەن نەچچە مىليون قازاق، قىرغىز،ئۆزبىك، موڭغۇل، تۇڭگان، تاجىك قاتارلىقلارنىڭ قوللىشىغا ئىرىشىپ بىزنىڭ مىللى مۇستەقىللىقىمىز​گە ئاۋاز قوشامدۇ ياكى خىتاينى بەكرەك ياخشىكەن دەپ ئارقىمىزدىن پىچاق ئۇرامدۇ؟ خىتاينىڭ پارچىلاش سىياسىتىدە ئۇيغۇرلار توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان جايلارنى ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستى، بۆرتالا، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاستى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونۇم ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونۇم ئوبلاستى، بىرنىمە شىبە ئاپتونۇم ناھىيىسى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونۇم ناھىيەسى دىگەندەك قۇرۇق ئاپتونوملارغا بۆلىۋەتكەن خىتايغا بىرلىشەمدۇ ياكى ئۇلارنى بارلىق ئىمتىيازىدىن ئايرىۋەتكەن ئۇيغۇر بىلەنمۇ؟ خىتاينىڭ زۇلۇمىغا ئەمدىلەتىن ئۇچراشقا باشلىغان قازاقلار قازاقىستانغا ياردەم قىلامدۇ ياكى ئۇيغۇرىستانغىمۇ؟ قىرغىزلار قىرغىزىستانغا قوشۇلۇپ كىتىمىز دەمدۇ ياكى ئۇرۇش ئىچىدىكى ئۇيغۇرىستانغىمۇ؟ بۇمىللەتلەر سىزدەك ئىسلامنى خالاپ كىتىشى ناتايىن. ئۇلار پەقەت تۇرمۇشىنىڭ ياخشى ئۆتىشىنى خالايدۇ. خىتايدا ياخشى ئۆتكەن بولسا خىتاي ياخشى، ئۇيغۇردا ياخشى ئۆتسە ئۇيغۇر ياخشى. خىتايلار ئۇيغۇرلارغا بولىشىغا مىللى كەمسىتىش، زورلۇق- زۇمبۇلۇق سالغان بىلەن باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خورىكىنى ئۆستۈرۈپ ئازغىنە نوپۇسىغا يوغان ئاپتونۇم ناھىيە، ئوبلاستىلارنى قۇرۇپ بەرگەن. ئۇيغۇرلار تەلەپ قىلغان كىشىلىك ھوقۇق، دىنغا ئىشىنىش ئەركىنلىكى، مىللى مۇستەقىللىك قاتارلىقلارنى ھاراقكەش موڭغۇل، قازاقلار، ۋەتەنپەرۋەر تۇڭگانلارمۇ تەلەپ قىلالايدۇ. بەلكى بۇلارنى خىتاي ئاستىرىتتىن قوللايدۇ. ئۇ گەرچە ھەقىقىي مەنىدىن ئاپتونۇم بولمىسىمۇ ھەرھالدا بىراقلا ئىسلاملاشتۇرىمە​ن دسىڭىز قوبۇل قىلالماي خىتاي ئاكىسىنى سېغىنىپ سىزگە قارشى چىقىشى تۇرغانلا گەپ. ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان ئەنگىلىيە نۇرغۇن مۇستەملىكە دۆلەتلىرىنىڭ چىگرىسىنى ئەنە شۇنداق قالايمىقان سىزىپ تاشلاپ قويۇپ، ئۇلارنى ئايىغى چىقماس ئىچكى ئۇرۇشلارغا تىقىۋەتكىنىنى ئارتۇق سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق.

باشقا يەرلىك مىللەتلەر سىياسىتىنى ياخشى ھەل قىلالماي، ھەممىسىنى قۇرال كۈچى بىلەنلا بويسۇندرىمىز دىسڭىز تۈگىمەس ئىچكى ئۇرۇش ۋە قوشنا دۆلەتلەرنىڭ دۈشمەنلىكىگە ئۇچراپ، تىزلا كۈچىڭىز خورايدۇ. خەلقئارا بىسىمنىڭ تەسىرى ۋە چەكلىشى تۈرتكىسىدە قۇرغان ئىسلامىي خىلاپەتلىڭىزمۇ تۆت كۈنگە بارمايدۇ. تۈركىستاننىڭ غەربىدىن ئاتلانتىك ئوكياننىڭ شەرقىغىچە جايلاشقان ھازىرقى زەئىپ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ھىچبىرى سىزگە ياردەم بىرەلىشى ناتايىن! ئۇلاردىن ياردەم كەلسىمۇ دائىش بىلەن نۇسرەتكە ئوخشاش ئەقىدە- مەنھەج پەرقى سەۋەبىدىن ئىچكى ماجرالىرىنى كۆتۈرۈپ كىلىشى تۇرغانلا گەپ. بۇ پۈتۈن خەلقى مۇسۇلمان، ھەممىسى ئەھلى سۈننەت ئەقىدىسىدە بولغان ئۇيغۇر خەلىقىگە زورلاپ خاۋارىج، ئەشئەرى، ماتۇرىدى، مۇرجىئى، سەلەپى، مەدخەلى، مۇئتەزىلى ھەتتا شىئە ئەقىدىلىرىنى ئۆگىتىپ، ئاندىن پىرقە- مەزھەبلەرگە بۆلۈنۈپ، ئۆز- ئارا ئۇرۇشۇپ ئويناشقا ئوت پىلتىسى يىقىشى مۇمكىن. بۇنىڭ نامايەندىسىنى ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى ئاللاھ يولىدا ئۆلگىلى چىققانلارنىڭ ئەھۋالىدىن ۋە ئۇلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدىيەسىدىن كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز.

ئەگەر بۇ خىل ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىن كاپىر ئىزدەيدىغان، ئىتتىپاقداش مىللەتلەر ئىچىدىن دۈشمەن ئىزدەيدىغان ۋەزىيەت كونتىرول قىلىنماي، يەرلىك مىللەتلەر بىلەن ئىتتىپاقلىمىز يىرىكلىشىپ كەتسە ئۇلارمۇ قوزغىلىپ كىتىشى، بۆلۈنۈش كىلىپ چىقىشى تۇرغانلا گەپ. نەتىجىدە ئازسانلىق مىللەتلەر كۆپرەك ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئىسلامىي كەيپىيات نىسبەتەن تۆۋەن بولغان تەڭرىتاغنىڭ شىمالى ئايرىم، ئۇيغۇرلار نىسبەتەن كۆپ ئولتۇراقلاشقان، ئىسلامىي كەپيىيات يۇقىرى بولغان تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ئايرىم بولۇپ بۆلۈنۈپ كىتىشى مۇمكىن. يىقىنقى تارىختىمۇ جەنۇبتىكى قەشقەر، خوتەندە شەرقي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى. شىمالدىكى ئۈچ ۋىلايەتتە شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى، ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئاتالمىدى. بۇنى ئەلۋەتتە خەلقئارا ۋەزىيەتتىن باشقا خەلقنىڭ رايىمۇ زور دەرىجىدە بەلگىلىك رول ئوينايدۇ.

بەلكىم بىرلىكنى ساقلاش ئۈچۈن بۇرۇنقى پەدە بويىچە دۆلەت رەئىسى دىني ئالىم، ئاساسىي ھوقۇق سىياسىي رەھبەرلەردە بولا. ياكى دۆلەتنىڭ ئىسمىنى ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قويۇلۋالمىساقمۇ ھازىرقى تۈركىيەگە ئوخشاش ئىسلاملاشتۇرۇش، ئىسلاھ قىلىش يولىنى تۇتساق بولا. ھەممىنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە ئىتراپ قىلىشىغا ئىرىشكەن مۇھەددىس، 20- ئەسىردىكى يىتۈك ئالىم ئالبانى رەھىمەھۇللاھنىڭ گىپى بويىچە ئىيىتقاندا ئاۋال “ تەسڧىيە ۋە تەربىيە“ قەلىبنى پاكلاش ۋە ئىسلامىى تەربىيەنى كۈچەيتىش، ئىسلامى ھاكىمىيەتنى خەلقنىڭ قەلبىدە قۇرغاندىن كىيىن ئاندىن ئۇنى ئەمەلىيەتتە ئىسلاھات يولى بىلەن قۇرۇپ چىقىش بەكرەك سۈننەتكە مۇۋاپىق دەپ قارايمەن. ئىسلام جۇمھۇرىيىتى نامىنى قويىۋالغان سۈننى پاكىستان بىلەن شىئە ئىراننىڭ ھالىغا قاراپ باقايلى. ئىسلام نامىنى ئەمەس ئەرەبلىكىنى دۆلەت نامى قىلغان سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن مىسىر ئەرەب جۇمھۇرېيىتىگە قاراپ باقايلى. ھەرھالدا سەئۇدى ئەرەبىستان ئىسلام نامىنى سىتىۋاتقان ساتقىن پاكىستان بىلەن خائىن ئىرانغا قارىغاندا كۆپ ياخشى. شۇڭا ئىسىمنىڭ نېمە بولىشىغا قارىغاندا ماھىيەتنىڭ نېمە بولىشى، غايىگە قارىغاندا ئىمكانىيەتنىڭ قانداق بولىشى بەكرەك ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. پۇرسەت پىشىپ يىتىلگەندىمۇ تەييارلىقىمىزنى​ڭ يوقلۇقى ياكى ئىچكى ئىختىلاپ سەۋەبلىك مۇستەقىللىقنى كۆپۈككە ئايلاندۇرۇپ، ۋەتەننى مۇنقەرىر قىلساق يۈزىمىز ئىككى دۇنيا قارا بولىدۇ.

خۇلاسە كالام، ئىسلامچىلارغىمۇ، دىموكراتچىلارغى​مۇ، مىللەتچىلەرگىمۇ، مەۋجۇدىيەتچىلەر​گىمۇ، دىنسىز، خىرىستىئان، شىئە ئۇيغۇرغىمۇ بىر ۋەتەن كىرەك. ئەمما ۋەتىنىمىز تۈركىستانغا ھەرقانداق شەكىلدىكى ئاشقۇنلار- ئاشقۇن ئىسلامچى، ئاشقۇن مىللەتچى، ئاشقۇن ھۆررىيەتچى، ئاشقۇن ئاتىزىمچى، ئاشقۇن شىئە كىرەك ئەمەس! ۋەتەنگە ئابدۇقادىر داموللام، سابىت داموللام، ئىلىخان تۆرەم، مۇھەممەد سالىھ داموللام، ئابلىمىت داموللاملار كىرەك! ۋەتەنگە مۇھەممەد ئىمىن ھەزرىتىم،ئەخمەتجان قاسىمى، ئىسھاقبىك، رابىيە قادىر خانىم، ئىلھام توختىلار كىرەك! ۋەتەنگە تۆمۈر خەلىپە، غىنى باتۇر، ئوسمان باتۇر، ئەكبەر باتۇر، ھەسەن مەخسۇملار كىرەك! ۋەتەنگە مەمتىلى ئەپەندى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لۇتپۇللاھ مۇتەللىپ، ئايخان ئانا، مۇساباي، نۇرتاي ھاجىملار كىرەك! ئۇيغۇرغا دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى تايانچىسى بولغان نىڧىت، تەبىئىي گاز ۋە باشقا مەدەنلەرنى قازالايدىغان، ئېغىر- يىنىك سانائىتىمىزنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا خىتايغا بىقىنمايدىغان كەسپى تېخنىك خادىملار كىرەك. ئۇيغۇرىستاندا مەكتەپلەردە دىننى، پەننى دەرس بىرەلىگۈدەك ۋەتەن ئىچى- سىرتىدىكى ئۇستاز، دوكتۇر، پىروڧڧىسورلار قوشۇنى كىرەك! ئەنئەنىۋى تىجارەتكىلا ماھىر بولماستىن، خەلقئارا ئىقتىسادتىن ئۈنۈملۈك پايدا يارىتالايدىغان مۇتەخەسىسىلەر كىرەك! گەپنىڭ قىسقىسى باشقا كۆز قاراش، ئىدىيەدىكى كىشىلەرنى چەتكە قىقىپ، يىگانە سەلەپ ئەقىدىسىدە قۇرۇلغان بىر دۆلەت قۇرغان بىلەن قۇرۇق تاغار ئۆرە تۇرمايدۇ. شۇ دۆلەتنى قۇرۇش، قامداش ۋە قوغداش ئۈچۈن بىزگە ئۆملۈك كىرەك! ھەر مىللەت، ھەر ساھە، ھەرخىل ئىدىيەدىكى كىشىلەردىن مۇنەۋۋەر ئىختىساس ئىگىللىرى كىرەك!

ئىككى جۇمھۇرىيەت مۇستەقىللىق كۈنىنى خاتىرلەپ ئىيتىمەنكى: دىنىم ئىسلام، مىللىتىم ئۇيغۇر، ۋەتىنىم شەرقى تۈركىستان، دۈشمىنىم خىتاي تاجاۋۇچىلىرى!

2017-11-6مايىل

Share
1576 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.