ئەڭ يېڭى خەۋەر
شەرقىي تۈركىستان: سۈكۈت ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق
بىر ئۇيغۇر يازغۇچىنىڭ 3 تىلدا نەشىر قىلىنغان يېڭى كىتابى
ئۇكراينا دۆلەت رەئىسى ۋېلادىمىر زەلەنسكىنىڭ ئاقسارايدا تىرامپ تەرىپىدىن ئازارلىنىشى ۋە رۇس ئىشخالىنىڭ تۈپ سەۋەبى نىمە؟
تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارلانىڭ پاجىيەسى ۋە چىقىش يولى ھەققىدە قىسقىچە ئانىلىز
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
يېقىندا، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودرومىدا ئىستانبۇلغا ماڭغان ئايروپىلانغا چىقىپ بولغان 2 ئۇيغۇر يولۇچى ئايرودروم ئامانلىق دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئايروپىلاندىن چۈشۈرۈۋېلىنغان. رادىيومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، ۋەقە 14-نويابىر يۈز بەرگەن.
ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ تۈركىيەنىڭ ئانتاليە شەھىرىدە چاقىرىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن تۈركىيەگە يېتىپ بارغان ئىدى. خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ئۇ ئىككى يولۇچىنى ئايروپىلان ئىستانبۇلغا قاراپ ئۇچۇشتىن سەل بۇرۇن ج خ دائىرىلىرى ئېلىپ قالغان. لېكىن خەۋەردە، ئۇ ئىككى يولۇچىنىڭ ئىسمى، ئىستانبۇلغا سەپەر قىلىش مەقسىتى ۋە ئايروپىلاندىن چۈشۈرۈۋېلىش سەۋەبى قاتارلىق تەپسىلاتلار تىلغا ئېلىنمىغان، دائىرىلەرمۇ بۇنىڭغا ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمىگەن.
ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يۇقىرىقى ۋەقە سەۋەبلىك ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ۋاقتى نەچچە سائەت كېچىككەن.
رادىئومىز خىتاي بۆلۈمى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودرومىغا تېلېفون قىلغان بولسىمۇ، بىراق تېلېفوننى ئالىدىغان ئادەم چىقمىغان.
http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ikki-uyghur-11162015155711.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.
BENZER HABERLER