logo

trugen jacn

ئۇيغۇر قۇرئان كۇرۇسلىرى جان بېقىشنىڭ باشقا يولىنى تاپسۇن

ئۇيغۇر قۇرئان كۇرۇسلىرى جان بېقىشنىڭ باشقا يولىنى تاپسۇن

2024. يىلى 6. ئاينىڭ 21. كۈنى ئىستانبۇلنىڭ ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان زەيتىنبۇرنۇ بۆلگىسىدە ھەسەن نۇر ئىسىملىك 61 ياشلىق بىر ئۇيغۇرنىڭ، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى تۈرك مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ئىدى. قاتىللىق جىنايىتىنى پىلانلىغۇچى 18 ياشلىق ئىمران، ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئايالىنىڭ ئىنىسى ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان.
قاتىللىق جىنايىتىگە چېتىشلىق 6 نەپەر ئۇيغۇر ياش بالا تۇتۇلۇپ تۇرمىغا سۇلاندى. ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭى 25 ياش، كىچىگى 17 ياش. گۈلى ئېچىلمىغان بۇ غۇنچىلارنىڭ ياشلىق باھارى تۇرمىلاردا تۇزۇپ تۈگەيدۇ. تۈركىيەدە تۇرمىغا كىرىپ، چىققان بىر كىشىنىڭ ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۆمۈر بويى دۆلەت شىتاتىدىكى خىزمەتلەرگە كىرىش سالايىتى چەكلىنىدۇ.

6.ئاينىڭ 26. كۈنىدىن باشلاپ قاتىل ئىمراننىڭ ئىقرارى تۈرك مەدياسىدا كەڭ كۈلەمدە تارقالماقتا. ئىمران ئىقرارىدا ”مېنى مەجبۇرى قۇرئان كۇرسىغا بەرگەن. مېنى قۇران كۇرسىدا ئوقۇيدۇ،دەپ ۋەتەندە ئانامنى خىتايلار تۇرمىغا سۇلىۋەتتى. ئانام ئازاپ تارتىۋاتىدۇ. ئىنتىقامىمنى ئالدىم“ دىگەن.
بۇ يەردە ئىمراننىڭ جىنايەت ئىشلىشىدە،ئۇنى ئوقۇتقان ئۇيغۇر قۇرئان كۇرىسىنىڭ جىددى جاۋاپكارلىقى بار؟ قانداق جاۋاپكارلىق؟ ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ئاچقان قۇرئان كۇرسلىرىنىڭ ”سىياسەتكە ئارىلاشمايمىز، پەقەتلا ئاللانىڭ دىنىنى ئۈگىتىمىز“ دەيدىغان شۇئارلىرى بار. ئەگەر قۇرئان كۇرۇسى، ئىمرانغا، مىللىتىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن ھەممە پاجىيەلەرنىڭ باش جىنايەتچىسى خىتاي بولغانلىقىنى ئۆگەتكەن بولسا ئىدى. نەپرەتنى، ئۇنى باققان ئاچىسىنىڭ ئېرىگە ئەمەس، خىتايغا قاراتقان بولاتتى بەلكى ئۆزىنى ئىچىگە ئالغان 6 نەپەر قۇرئان كۇرۇسى ئوقۇغۇچىسى ئۇيغۇرنىڭ تۇرمىلاردا چىرىپ كىتىشىگە سەۋەپچى بولمىغان بۇلاتتى.
ئۆسمۈرلۈك ۋە ياشلىق يىللىرىنى قۇرئان كۇرسىدا ئۆتكۈزۈپ، ھىچقانداق كەسىپ ئۈگىنەلمەي، پول تاپاممىغانلىقى ئۈچۈن، پۇل تاپقانلارنىڭ پۇلىنى بۇلاش ئىشىغا ئارىلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار بار. بۇ يەردە ئۇلارنىڭ ئۈستىدە توختىلىشقا كېرەك يوق.

بىر قانچە يىل ئالدىدا ماخمۇتجان داموللام، ئۆزىنىڭ قۇران كۇرسىدىكى 13 ياشلىق بىر ئۇيغۇر قىزنى ھامىلدار قىلىپ، بۇ ئىش ئاشكارىلانغاندا، ئىستانبۇلدىكى دىنى زاتلار سەپەرۋەر بولۇپ بۇ ئىشنى يېپىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل، قانچىلىك كۇچ سەرىپ قىلغانلىقى ھەممىمىز بىلىمىز.

2023. يىلى 6. ئاينىڭ22. كۈنى سېلىم پاششادىكى ئۇيغۇر قۇرئان كۇرسىدا يۈز بەرگەن 3 ئا’ئىلىدىن 6 نەپەر ئۇيغۇر قىزىمىزنىڭ جىنسى پاراكەندېچىلىككە ۋە جىنسى تاجاۋۇزغا ئۇچراش ۋەقەسى ئاشكارە بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا چوڭ سەتچلىك بولغان. بۇنىڭدەك رەزىل ئىشلار، ئاللانىڭ دىنىنى ئۈگىتىۋاتقان باشقا ئۇيغۇر قۇرئان كۇرسلىرىدىمۇ مەۋجۇت. ھەتتا بالىلارنى دەسمى قىلىپ، تۈركىيەدە مەدىنى تىلەمچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يۈزىنى يەرگە قارىتىۋاتقان ئىشلار ھازىرمۇ مەۋجۇت.

تۈركىيەدە 90 مىڭ جامى بار. ھەممە جامىلاردا ھەقسىز ئوقۇتىدىغان قۇرئان كۇرۇسلىرى بار.بۇ جامىلاردا دىنى دەرس بېرىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۈنىۋەرسىتىتلەرنىڭ ئىلاھىيەت پاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن دىنى زاتلار.
تۈركىيەدە ئىشلەپ جان باقالمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممسى قۇرئان كۇرسى ئېچىشقا يۈزلىنىۋاتىدۇ. مېنىڭچە ئەندى، ئۇيغۇر قۇرئان كۇرۇسلىرى جان بېقىشنىڭ باشقا يولىنى تاپسۇن.

Share
99 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.