ئەڭ يېڭى خەۋەر
بىر ئۇيغۇر يازغۇچىنىڭ 3 تىلدا نەشىر قىلىنغان يېڭى كىتابى
ئۇكراينا دۆلەت رەئىسى ۋېلادىمىر زەلەنسكىنىڭ ئاقسارايدا تىرامپ تەرىپىدىن ئازارلىنىشى ۋە رۇس ئىشخالىنىڭ تۈپ سەۋەبى نىمە؟
تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارلانىڭ پاجىيەسى ۋە چىقىش يولى ھەققىدە قىسقىچە ئانىلىز
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ تۇنجى قېتىم ئايالى ۋە پەرزەنتلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلگەن.
ئىلھام توختىنىڭ خانىمى گۈزەلنۇرنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، كۆرۈشۈش ئىككى ھەپتە ئېگىرى، يەنى 7 – ئىيۇل ئۈرۈمچى بىرىنچى تۈرمىسىدە بولغان.
كۆرۈشكە ئىلھام توختىنىڭ ئايالى، ئىككى بالىسى ۋە بىر ئاكىسى بولۇپ جەمئىي 4 ئادەم قاتناشقان. كۆرۈشۈش بىر سائەت ئەتراپىدا داۋام قىلغان بولۇپ، پۈتۈن جەرياننى تۆت ئەتراپنى قورشاپ تۇرغان ساقچىلار كۆزىتىپ تۇرغان.
كۆرۈشتە ئۇلارنىڭ پەقەت ئۆز ئەھۋالى ۋە ئائىلە ئىشلىرى ھەققىدىلا سۆزلىشىشىگە يول قويۇلغان، دېلو توغرىسىدا سۆزلىشىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغان.
گۈزەلنۇر خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئىلھام توختى بۇرۇنقىدىن ياداپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما روھىي خېلى كۆتۈرەڭگۈ ئىكەن.
ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى 2014 – يىلى 20 – يانىۋار بېيجىڭدىكى تۇرالغۇسىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.بىر ئايدىن كېيىن ئۇنىڭ«دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى» بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.
شۇ يىلى 23 سېنتەبىر ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى ئىلھام توختى ئۈستىدىن سوت ئاچقان ۋە ئۇنى «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى» بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى
http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ilham-toxti-07222015224218.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.
BENZER HABERLER