ئەڭ يېڭى خەۋەر
بىر ئۇيغۇر يازغۇچىنىڭ 3 تىلدا نەشىر قىلىنغان يېڭى كىتابى
ئۇكراينا دۆلەت رەئىسى ۋېلادىمىر زەلەنسكىنىڭ ئاقسارايدا تىرامپ تەرىپىدىن ئازارلىنىشى ۋە رۇس ئىشخالىنىڭ تۈپ سەۋەبى نىمە؟
تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارلانىڭ پاجىيەسى ۋە چىقىش يولى ھەققىدە قىسقىچە ئانىلىز
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
گېرمانىيەدە دوكتورلۇق ئۇقۇۋاتقان ئۇيغۇر قىزى گۈلمىرە سابىر گېرمانىيە كنۆل ئىنستىتۇتىنىڭ 2015-يىللىق Medac تەتقىقات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئىنستىتۇت ئېلان قىلغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، Medac تەتقىقات مۇكاپاتى ياش تەتقىقاتچىلارغا بېرىلىدىغان ئالاھىدە مۇكاپات بولۇپ، مۇكاپات گۈلمىرەنىڭ بىئو-مولىكولا خىمىيەسى كەسپىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتقىقاتى ئۈچۈن بېرىلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، گۈلمىرە سابىرنىڭ بۇ ساھەدىكى ئىلمىي ماقالىسى ئامېرىكىدا چىقىدىغان «ئىلىم-پەن» (Science) ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق نويابىردىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان. «ئىلىم-پەن» ژۇرنىلى تەبىئىي پەن ساھەسىدە برىتانىيەدە چىقىدىغان «تەبىئەت» ژۇرنىلى بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان ئەڭ نوپۇزلۇق ژۇرناللارنىڭ بېرى ھېسابلىنىدىكەن.
ياش تەتقىقاتچى گۈلمىرە سابىر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدىن بولۇپ، ئىلگىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىئولوگىيە فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ كېيىن شاڭخەيدە بىر يىل گېرمان تىلى ئۆگەنگەن ۋە گېرمانىيەنىڭ يېنا (Jena) شەھىرىگە كېلىپ يېنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مىكروبىئولوگىيە كەسپىدە ماگىستىرلىقتا ئوقۇغان.
ماگىستىرلىقتىكى نەتىجىسى كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولغاچقا ئۇ، يېنا شەھىرىدىكى ھانس كنۆل ئىنستىتۇتىغا (بۇ ئىنستىتۇت گېرمانىيەدىكى داڭلىق لايبنىز تەتقىقات ئىنستىتۇتىغا قارايدۇ) بىئو-مولىكولا خىمىيەسى كەسپى بويىچە دوكتورلۇق ئوقۇشىغا قوبۇل قىلىنغان.
8-نويابىر گۈلمىرە سابىرنىڭ نەتىجىسى ھەققىدىكى خەۋەر فېيسبوكتا تارقالغاندىن كېيىن، ھەر قايسى جايلاردىكى ئۇيغۇرلار بەس-بەستە ئىنكاس يېزىپ، گۈلمىرە سابىرنى تەبرىكلىدى
http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/tetqiqat-mukapati-11102015165214.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.