logo

trugen jacn

ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھىندىستاندا قىزىقىش قوزغىدى

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەننىڭ دارامسالادىكى «ئاسىيا دېموكراتىيە مۇنبىرى» يىغىنىغا قاتنىشىشى بىلەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتلارغا ئىگە بولغان ھىندىستان جامائىتى ئارىسىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر زور قىزىقىش پەيدا بولغانلىقى مەلۇم.

ھىندىستاندىكى «تېلېگرامما» ۋە «بازار تېز پوچتىسى» قاتارلىق چوڭ گېزىتلەر ئوقۇرمەنلەرگە ئومۇمىي خاراكتېرلىك چۈشەنچە بېرىش مەقسىتىدە مەخسۇس ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا زور سەھىپىلىك ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان.

بۇ ماقالىلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلار رايونىغا كۆچمەن بولۇش تارىخى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمرانلىقىدا تۇرۇۋاتقان ھازىرقى ھالىتى ۋە ئۇيغۇر تارىخىغا مەنسۇپ ئۇزاق ئۆتمۈش ھەققىدىكى بايانلار تەپسىلىي ئورۇن ئىگىلىگەن. «بازار تېز پوچتىسى» گېزىتى ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەدىمىي قەشقەرنى چېقىۋەتكەنلىكى ھەققىدە مەخسۇس توختىلىپ، «مۇشۇنداق چېقىش تەدبىرلىرى ناۋادا ھىندىستاندىكى ھەيدەرئاباد ياكى كونا دېھلى شەھىرىگە ئوخشاش قەدىمىي مەدەنىيەت مەركەزلىرىگە قارىتىلغان بولسا ئۇ ھالدا ھىندىستانلىقلارنىڭ ھۆكۈمەت ھەققىدە قانداق پىكىردە بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ!» دەپ يازغان.

ماقالىلەردە بىردەك ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى مىللىي، دىنىي ۋە مەدەنىيەت سىياسەتلىرىنىڭ بېسىمى ئارقىسىدا زورلۇق ۋە قارشىلىق يولىغا مېڭىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مودى ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى يىغىن مەيدانىغا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدىن باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ كىرىشىنى مەنئى قىلغان. مۇشۇ سەۋەبتىن يىغىن قاتناشقۇچىلىرى يىغىن مەيدانىغا ئائىت بىر قىسىم ئۈن-سىن ماتېرىياللىرىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق تەشۋىق قىلغان

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/hindistanda-uyghur-mesilisi-05032016162007.html

Share
2180 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.