ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
مۇستافا ئوغۇز
ئىلاۋە : ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، تور ئەھلى ! ئۇزۇندىن بىرى ئىچىمىزنى ئۆرتەپ كىلىۋاتقان بىر مەسىلە بار، ئۇ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بىشىغا كەلگەن، بىزدىن پەقەت خەۋەردار بولۇپ قىلىشنى ئەمەس، بەلكى تەتقىقات ۋە تەدبىر قوللىنىشىمىزنى كۈتىۋاتقان، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھۈجەيرىسى بولغان ھەربىر ئائىلە ئەزالىرىدىن ئەقەللىي مەسئۇلىيەت تەلەپ قىلىۋاتقان ئاجرىشىش مەسىلىسىدۇر. مەن بىر شەخىس ئۆز ئائىلەمگە مەسئۇلىيەتچانلىقىمنى كۈچەيتىشتىن بۆلەك يەنە نىمە ئىش قىلىپ بىرەلەيدىغانلىقىم توغرىسىدا ئويلاشتىم. ئارىدا قولۇمغا قەلەم ئىلىپ يىزىش كاللامغا كەلدى،-يۇ، يازغاننىڭ قانچىلىك ئەھمىيىتى بولا دىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆمرىدە بىر پارچە ماقالە ئىلان قىلىپ باقمىغان مەندەك بىر چالا ساۋاتنىڭ بۇنچە چوڭ تىمىغا چاپان سىلىشى كۈلكىلىك ئىش ئىدى. ئەمما، يىقىندا ئىنتېرنېتتا تاراپ يۈرگەن مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر ئۇيغۇردىكى بۇ مەسىلىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدىكى چوڭ ئىشقا ئايلانغانلىقىنى بەس -بەستە ئۇقتۇرۋاتاتتى. بۇ خەۋەرلەر بۇ قىتىم پىقىرنىڭ سىڭگەن نىنىنى يىيىش پەلسەپەسىنى بۇزۇپ قولىغا قەلەم ئىلىشقا مەجبۇرلىدى. ماقالەمنىڭ ئىلمىيلىكىنى مەلۇم نىسبەتتە ئۆلچەملەشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشەنچلىك توربەتلەردىن ھەم ئىنگىلىزچە،خەنزۇچە ئىلمىي ماتىرىياللاردىن پايدىلىنىپ يازدىم. بۇ جەرياندا ھەرتۈرلۈك خاتالىقلاردىن ساقلىنالماسلىقىم مۇقەررەر. كەڭ ئىلىم ئەھلىنىڭ تۈزىتىش بىرىشىنى ھەم توغرا چۈشىنىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمەن !
ئائىلە – ھەربىر توپلۇمنىڭ ئەڭ كىچىك بىرلىكىدۇر. مەيلى ئىنسانىيەت قانچىلىك تەرەققىي قىلىپ كەتسۇن، ئائىلە بىرلىكىسىز ساغلام بىر جەمئىيەتنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەستۇر. ئۇ تەڭرىنىڭ ئىنسانلارغا نىسىپ ئەتكەن ئەڭ بۈيۈك نىئمەتىدىندۇر. ئامىرىكىدا نەشىر قىلىنغان ”ئائىلە قىممىتى“ دىگەن كىتابتا: ”ئائىلە مۇقىمسىزلىقى نۆۋەتتىكى جەمئىيەت باراۋەرسىزلىكىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىندۇر “ دىيىلگەن. ئەدەبىيات نوبىل مۇكاپاتى ساھىبى ئىرلاندىيىلىك يازغۇچى جورج بىرنارد ( George Bernard )شۇنداق ئىيتىدۇ: ”بەختلىك بىر ئائىلە مۇددەتتىن بۇرۇن بىرىلگەن جەننەتتۇر.“ بۇلاردىن سىرت، مەشھۇر مۇتەپەككۇر بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ: ”ئۆيلەنمەسلىك بىر توپلۇم بىغىغا چۈشكەن قۇرت “ دەپ قەيت قىلغان. بىز ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ بىرلىكنى ئۆزىگە تۇغ قىلغان ھەم تا بۈگۈنگە قەدەر ئىدىيىۋى قاراشلىرىنى خىلى مۇكەممەل ساقلاپ كىلەلىگەن مەدەنىي مىللەتلەر قاتارىدىن سانىلىمىز.
ئائىلە مەۋجۇتلۇقى ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللار تۈپەيلى يەنە بىر مەۋجۇتلۇقنىڭ ھاسىل بولىشىدىن ساقلىنالمايدۇ، ئۇ بولسىمۇ تۇرمۇشنىڭ بۇزۇلىشىدۇر. ئاجرىشىش ئەسلى رىئاللىقتىن چىقىش قىلغىنىمىزدا قۇلاققا خۇش ئاڭلانمايدىغان نۇرمال ھادىسسىدۇر. ئۇنىڭ نورماللىقى ھەرقانداق دۆلەت قانۇنىدا ئاجراشقان كىشىگە جىنايەتچى مۇئامىلىسى قىلمىغانلىقىدا ھىساپلانسا، ئۇنىڭ قۇلاققا خۇش ئاڭلانماسلىقى ئادىمىي ئەخلاق نۇقتىسىدىن ئۆز ئىپادىسىنى تاپقانلىقدىندۇر. بىراق ، بىر جەمئىيەتتە نىكاھتىن ئاجرىشىش نىسبىتىنىڭ زىيادە ئۆرلىشى ئۇ جەمئىيەت ئىدىئولۇگىيسىدە بۇزۇلۇش كۆرۈلگەنلىكىدەك بىر نورمالسىز ھادىسىدۇر. بۇ خىل نورمالسىز ھادىسە كۈچەيگىنىدە جەمئىيەت ئەزالىرىدا ئائىلە بىرلىكىنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان گۇمانىي كەيپىياتى ئۆرلەپ ،ئەخلاقىي پىرىنسىپ تۈۋرۈكلىرى يېمىرىلىدۇ ،جەمئىيەت روھىي ساغلاملىقىنى يۇتتۇرىدۇ .ئاجرىشىش نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى بۇنچە قورقۇنۇچلۇق مەسىلە ئىكەن ،ئۇنداقتا بىزنىڭ مەملىكىتىمىز ھەم ئۇيغۇر جەمئىيىتىمىزدىكى نىسبەت ئەھۋالى قانداق ؟ ئۇنىڭ سەۋەبلىرىچۇ ؟ دىگەندەك سوئاللار توغرىلىق ئويلىنىش ۋە كۆڭۈل بۆلۈش مەسئۇلىيىتىمىز بارمۇ قانداق ؟! بۇنى مەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ۋىجدانىغا تاپشۇرۇپ ئاساسىي گەپنى باشلاپ كەتسەم. مەن مەملىكىتىمىزنىڭ ئەھۋالىغا ئۆتۈشتىن ئاۋۋال سىلىشتۇرما بولۇشى ئۈچۈن دۇنيادىكى ئاجرىشىش نىسبىتى ئەڭ چوڭ ئون دۆلەت ھەم سەۋەبلىرى توغرسىدا قىسمەن توختىلىمەن .
2011-يىلى ب د ت نىڭ يىللىق نوپۇس سىتاتستىكا دوكلاتىدا ئاجرىشىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى ئون دۆلەتنى ئىلان قىلغان بولۇپ ،ئۇلار :
1.ئامىرىكا – ئومۇمىي نوپۇستىكى يىللىق ئاجرىشىش نىسبىتى :%4.95
2.پۇئېرتۇ رىكۇ – ئومۇمىي نوپۇستىكى يىللىق ئاجرىشىش نىسبىتى :%4.47
3.روسيە – ئومۇمىي نوپۇستىكى يىللىق ئاجرىشىش نىسبىتى :%3.36
4.ئەنگىلىيە – ئومۇمىي نوپۇستىكى يىللىق ئاجرىشىش نىسبىتى :%3.08
5.دانىيە – ئومۇمىي نوپۇستىكى يىللىق ئاجرىشىش نىسبىتى :%2.81
6.يىڭى زىنلاندىيە – ئومۇمىي نوپۇستىكى يىللىق ئاجرىشىش نىسبىتى :%2.63
7.ئاۋىسترالىيە – ئومۇمىي نوپۇستىكى يىللىق ئاجرىشىش نىسبىتى :%2.52
8.كانادا – ئومۇمىي نوپۇستىكى يىللىق ئاجرىشىش نىسبىتى :%2.46
9.فىنلاندىيە – ئومۇمىي نوپۇستىكى يىللىق ئاجرىشىش نىسبىتى :%1.85
10.باربادوس – ئومۇمىي نوپۇستىكى يىللىق ئاجرىشىش نىسبىتى :%1.21
بۇلار ئىچىدە ئامىرىكا ئۇدا (2009-2014) 5يىل ئاجرىشىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت بولۇپ كەلدى. 2011-يىلىدىكى سىتاتىستىكىدا ئامىرىكىنىڭ توي قىلغان نوپۇستىكى يىللىق ئاجرىشىشنىڭ نىسبىتى %41بولۇپ ،ھالبۇكى 2014-يىلىغا كەلگەنگە %50 يەتكەن. ئامىرىكىدا ھەر 13سىكۇنتتا بىرجۈپ ئەر -ئايال ئاجرىشىدۇ، ھەر كۈندە 6646جۈپ، ھەر ئايدا تەخمىنەن 46523جۈپلەرنىڭ تۇرمۇشى بۇزۇلىدۇ. ئامىرىكىدىكى بىرقىسىم جەمئىيەتشۇناسلار ھەم تەتقىقاتچىلار ئامىرىكىدىكى ئاجرىشىش نىسبىتىنىڭ ئىزچىل يۇقىرى بولۇش سەۋەبلىرى ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزۈپ تۆۋەندىكىدەك يەكۈنگە ئىرىشكەن : 1. ئىقتىسادىي مەسىلىلەر. بۇ نۇقتىدا چۈشەندۇرۇش بىرىش ئارتۇقچە. 2. ساداقەتسىزلىك. ئامىرىكىدىكى توي قىلغان %25 ئەرلەر ئۆزلىرىنىڭ ئائىلىسگە ساداقەتسىزلىك قىلغان قىلمىشى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىدىكەن. 3. جىنسىي توسالغۇ مەسىلىلىرى. 4. پەرزەنت تەربىيلەش ئۇسۇلىدىكى پەرق. 2/3 قىسىم ئەر -ئايالنىڭ ئاجرىشىش مەسىلىسىگە پەرزەنت سەۋەب بولىدۇ، يەنى پەرزەنتنى قانداق تەربىيلەش ،قانداق باشقۇرۇش ،قانداق مەسئۇل بولۇش مەسىلىلىرىدە پىكىر بىردەكلىك ھاسىل قىلالمايدۇ. 5. تۇرمۇش تۇتۇشقا ھەم ساقلاپ قىلىشقا ئۇرۇنۇپ بىقىش قىزغىنلىقى قالماسلىق. بۇ نۇقتىدا ئاتا -ئانىسى بۇرۇن ئاجرىشىپ كەتكەن ئايال ياكى ئەرنىڭ ئاجرىشىشقا بولغان مايىللىقى ئاتا -ئانىسى ئاجراشمىغانلارغا سىلىشتۇرغاندا تۆت ھەسسە كۈچلۈك بولىدىكەن. 6. توي قىلىش يىشى. توي قىلىش يىشىنىڭ كىچىكلىكى تۇرمۇشنىڭ كۈشەندىسى بولغان. 24ياشتىن تۆۋەن توي قىلغانلارنىڭ (توي قىلغان نوپۇستىكى )ئاجرىشىش نىسبىتى %40 ،24ياشتىن يۇقىرىلارنىڭ %24 بولغان،تۇرمۇشقا بولغان چۈشەنچىنىڭ كەم بولۇشى ھەم تەييارلىقىنىڭ پىشىپ يىتىلمەسلىكى ئاساسلىق سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. 7.ئوخشاش ئىرقلىق بولماسلىق. ئامىرىكانلار بىلەن قارا تەنلىكلەر ياكى ئاسيالىقلارنىڭ تويلىشىشى مەدەنىيەت ھەم ئۆرپ -ئادەتنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن ئامىرىكانلار بىلەن ئامىرىكانلارنىڭكىگە سىلىشتۇرغاندا ئاجرىشىش نىسبىتى يۇقىرى بولغان. 8.قايتا تۇرمۇش قۇرۇش. قايتا تۇرمۇش قۇرغانلارنىڭ ئاجرىشىش نىسبىتىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى بولغان .بىرىنجى قىتىم تۇرمۇش قۇرغانلارنىڭ ئاجرىشىش نىسبىتى %41-%50 ئەتراپىدا بولغان بولسا،ئىككىنجى قىتىم تۇرمۇش قۇرغانلارنىڭ ئاجرىشىش نىسبىتى %60-%67كىچە ،ئۈچىنجى قىتىم تۇرمۇش قۇرغانلارنىڭ %73-%74كىچە بولغان. 9.ئېتىقادسىزلىق،ھىچبىر دىنغا ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ ئاجرىشىش نىسبىتى دىنغا ئىشىنىدىغانلاردىن يۇقىرى بولغان .
جوڭگۇدىكى ئەھۋالغا كەلسەك، ئازاد بولغاندىن كىيىن ئاجرىشىش نىسبىتى تۇراقسىز بولۇپ كەلگەن،ئەمما ئالدىنقى (2004-2014) 10يىلدىن بىرى ئاجرىشىش نىسبىتى ئىزچىل ئۆرلەپ ماڭغان. 2004-يىلى ئۇمۇمىي نوپۇستىكى يىللىق ئاجرىشىش نىسبىتى %1كىمۇ يەتمىگەن بولۇپ،2014-يىلى كەلگەندە %2.6كە يەتكەن .بېيجىڭ ئۇنۋىرسىتىنىڭ 2014-يىلىدىكى سىتاتىسكىسىغا ئاساسلانغاندا، بىر يىللىق ئومۇمىي ئاجرىشىش رەسمىيىتى بىجىرگەن نوپۇس 3مىليۇن640مىڭ ئىكەن. مەن مۇشۇ رەقەمگە ئاساسلىنىپ ھىساپلىغىنىمدا،جوڭگۇدا تەخمىنەن ھەر 11سىكۇنتتا بىر جۈپ ئەر -ئايال ئاجراشقان بولىدىكەن. بۇ سۈرئەت ئامىرىكىنىڭ سۈرئىتىدىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى. دىمەك نىسبەت جەھەتتە ئامىرىكا يۇقىرى تۇرسىمۇ، ئەمما سان جەھەتتە جوڭگو يەنىلا ئۈستۈن ئورۇندا تۇراتتى .شۇنىڭ بىلەن 2014-يىلى جوڭگو دۇنيادىكى ئاجرىشىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگەن بولدى. ئەمدى گەپ دۇنيادىكى ئاجرىشىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى دۆلەتلەر تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان جوڭگۇ پۇقرالىرى بولغان بىز ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئاجرىشىش ئەھۋالىدا ئالغان نىسبىتىمىز بۇرۇن قانداق ئىدى؟ ھازىر قانداق؟ قورقۇنۇچلۇق سان -سىفىرلار تىخى ئالدىمىزدا .
1955-يىلىدىلا كىشىنى چۆچۈتىدىغان سان -سىفىرلار بار بولۇپ ،شىنجاڭدىن سىرت جوڭگۇنىڭ باشقا رايۇنلىرىنىڭ ئومۇمىي نوپۇستىكى ئوتتۇرىچە يىللىق ئاجرىشىش نىسبىتى %0.4ئەتراپىدا ئىدى. شىنجاڭ رايۇنىنىڭ بولسا %4.36 بولۇپ، بۇنىڭدا خوتەن رايۇنىنىڭ ئەڭ ئېغىر، خوتەن رايۇنى ئومۇمىي نوپۇستىكى ئاجرىشىش نىسبىتى %6.83، توي قىلغان نوپۇستىكى يىللىق ئاجرىشىش نىسبىتى %57.8 ئىدى. 1977-1999-يىلىغىچە بولغان 20 يىل جەريانىدىكى شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي نوپۇستىكى ئاجرىشىش نىسبىتى %3نىڭ يۇقىرىسىدا بولۇپ كەلگەن،باشقا رايۇنلارنىڭ بولسا %1نىڭ تۆۋىنىدە بولۇپ كەلگەن. 1990-2000-يىلىغىچە بولغان 10يىل مابەينىدە جوڭگۇدىكى ئۇيغۇر مىللىتى بىلەن جوڭگۇدىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ ئاجرىشىش نىسبىتىنىڭ سىلىشتۇرمىسىغا قارايدىغان بولساق ،ئۇيغۇر مىللىتى بىلەن ئۆزبەك مىللىتىنىڭ ئاجرىشىش نىسبىتى ئۈستۈنلۈك ئىگەللىگەن بولۇپ،ئىككىسى ئىچىدە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئاجرىشىش نىسبىتى ئەڭ ئۈستۈن تۇرغان. خەنزۇ مىللىتى بىلەن قازاق مىللىتىنىڭ ئاجرىشىش نىسبىتى بولسا ئەڭ تۆۋەن ئورۇندا تۇرغان،ئىككىسى ئىچىدە قازاق مىللىتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىدى. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئاجرىشىش نىسبىتى شىنجاڭدىن سىرت جوڭگۇنىڭ باشقا رايۇنلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئاجرىشىش نىسبىتىنىڭ 5-4ھەسسىگە توغرا كەلگەن.
1987-يىلى ئاقسۇ رايۇنىدىكى 82 نەپەر 80ياشتىن ئاشقان ئۇيغۇر بوۋاي -مومايلارنى ئىنىقلاپ تەكشۈرگەندە ئۆمرىدە پەقەت بىر قىتىم توي قىلغانلارنىڭ نىسبىتى ئاران%17بولۇپ، ئەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە 5 قىتىم،ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىچە 2 قىتىم تۇرمۇش قۇرغانلىق تارىخى بارلىقى ئىنىقلانغان. 1993-يىلى جەنۇبىي شىنجاڭدا 72نەپەر 100ياشتىن ئاشقان ئۇيغۇر كىشىلىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئىلىپ بارغاندا، ئەرلەر ئوتتۇرىچە 5قىتىم ،ئاياللار ئوتتۇرىچە 3قىتىم تۇرمۇش قۇرغانلىق كەچۇرمىشى بارلىقى ئىنىقلانغان .
تەتقىقات ئەترىتى تەرىپىدىن يەنە بىر قىسىم تەكشۈرۈشلەر ئىلىپ بىرىلغان بولۇپ، 1999-يىلى خوتەن شەھىرى لاسكۇي بازىرى ئاقتاش كەنتىدىكى 1325نەپەر توي قىلغان قىز-ئوغۇل ياشلارنى تەكشۈرگەندە،ئاجراشقانلار 91.1%نى ئىگىلىگەن . بۇنداق خىلدىكى يۈرەك ئېزىدىغان تەكشۈرۈشلەر بەك كۆپ بولۇپ، مەن پەقەت مۇشۇ بىرنەچچە تەكشۈرۈشلەر بىلەن چەكلەندىم.
2012-2002-يىلىغىچە جوڭگونىڭ ئاجرىشىش نىسبىتى ئىككى ھەسسە ئارتتى. شىنجاڭنىڭ ئاجرىشىش نىسبىتىدە قىسمەن ئارتىش كۆرۈلدى ياكى چۈشۈش كۆرۈلمىدى. ”2013-2014-يىللىق جوڭگۇ ئەر-ئاياللىرىنىڭ نىكاھ ئەھۋالىدىن دوكلات“دا شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي نوپۇستىدىكى ئاجرىشىش نىسبىتى %4.61 بىلەن يەنىلا بىرىنجى ئورۇندا تۇردى .دۆلەتنىڭ ئوتتۇرىچە نىسبىتى بولسا %2.6 بولۇپ،شىنجاڭنىڭ ئاجرىشىش نىسبىتى دۆلەتنىڭ ئاجرىشىش نىسبىتىدىن ئىككى ھەسسە ئۈستۈن تۇردى. خىيلوڭجياڭ ۋە جىلىن %4.08 ۋە %4.01 بىلەن ئايرىم ئايرىم ئىككىنجى ۋە ئۈچىنجى ئورۇندا تۇردى. لىياۋنىڭ %3.2 بىلەن تۆتىنجى قاتارغا تىزىلدى. دىمەك شىنجاڭنىڭ ئاجرىشىش نىسبىتى 60يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئەڭ يۇقىرى بولۇپ كەلدى .بۇ سان -سىفىرلار ھەقىقەتەن بىزنى چۆچىتىدۇ ھەم ئويغا سالىدۇ.
جوڭگۇنىڭ شىنجاڭ سىرتىدىكى باشقا رايۇنلارنىڭ ئاجرىشىش نىسبىتىنىڭ زىيادە ئۆرلەش سەۋەبلىرى ھەرتۈرلۈك تەھلىل قىلىنغان بولۇپ، بۇلار ئىچىدە بەزىلىرى ئاجرىشىشنىڭ ئاساسىي سالماق قىسمىنى تەشكىل قىلغان 70-يىللار بىلەن 80-يىللاردا تۇغۇلغانلارنىڭ سەۋەبلىرىنى ئايرىم ئايرىم تەھلىل قىلغان. مەسىلەن: 70-يىللاردا تۇغۇلغانلارنىڭ سەۋەبلىرى :1. ئىقتىسادىي قىيىنىچىلىق ،2. سىرتتا ئاشنا ئويناش، 3. (باشقا يۇرتتا ئىشلەمچىلىق قىلىش سەۋەبى بىلەن )ئۇزۇن مەزگىل ئايرىلىپ تۇرۇش،4.ئايالنىڭ ئەردىن قابىلىيەتلىك بولۇشى، 5.تۇرمۇشتىكى ئەيىپلەر. 80-يىللاردا تۇغۇلغانلار ئۈسىتىدىكى سەۋەبلەر: 1.ئەڭ چوڭ سەۋەب -ئاتا -ئانىلارنىڭ زىيادە ئارىلىشىۋىلىشى، چۈنكى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يۈرگۈزۈلۇپ ئاز ياكى يالغۇز پەرزەنتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن،بالىغا نىسبەتەن ھەددىدىن ئارتۇق كۆڭۈل بۆلىنىپ كىتىلگەن. 2.ئاتا -ئانىسى بەكلام ئەركىلىتىلىپ يولدىن چىقىرىش. 3. ئۆي باھاسىنىڭ پەۋقۇلاددە ئۆرلىشى ھەم ئىستىمال تەننەرخىنىڭ ئۆرلىشى. 4.مەسئۇلىيەتنىڭ ئاجىزلىشىشى. ئەلۋەتتە، بۇلار ئەتراپلىق تەھلىل قىلىنغان ئەڭ توغرا سەۋەبلىرى بولماسلىقى مۇمكىن. مەن پەقەت تورداشلارنىڭ چوڭقۇر چۈشەنچە ھاسىل قىلىشىغا ياردىمى بولۇشى ئۈچۈن قىستۇرۇپ قويدۇم. ئەمەلىيەتتە جەمئىيەتتىكى بۇ خىل مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ قىرلىق بولۇپ، تىخىمۇ ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ ئىلىپ بىرىلىشى ئىنتايىن زۆرۈر .
ئۇنداقتا ئۇيغۇر جەمئيىتىدىكى بۇ تەخىرسىز مەسىلىنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەبى زادى قانداق؟ بۇ سوئالغا مۇكەممەلرەك جاۋاب بىرىش نۇرغۇن ئىزدىنىش ھەم تەتقىقات تەلەپ قىلىدۇ. مەن بۇ جەھەتتە شىمالىي شىنجاڭ ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ، يىزا ھەم شەھەر رايۇنلىرىنى ئايرىم ئايرىم تەھلىل قىلىپ سەۋەبلىرىنى بىلەلىگىنىمچە يىزىش ئويۇم بار ئىدى. بىراق ھەقىقىي قاسساپ بولمىغانلىقىم سەۋەبىدىن ”رەددىيەلەر“ ئارىسىدا كۆمۈلۈپ قىلىشتىن قورقتۇم. سەۋەبلىرىنى ھەم چارىسىنى ئارىمىزدىكى تەتقىقاتچى جەمئىيەتشۇناس ھەم پىسخولۇگلىرىمىزغا ھەمدە ئەقىللىق تورداشلارنىڭ ئۆزىگە تاپشۇردۇم.
نۇرغۇن ياشلىرىمىز تۇرمۇش تۇتۇشقا بولغان چۈشەنچىسى ئىنتايىن كەم ھالەتتە تۇرخۇندىن ئىس چىقىرىشقا ئاتلانماقتا. تويدىن بۇرۇن ئائىلە دىگەن نىمە،ئۇنى قانداق بەرپا قىلىدۇ،بەختلىك تۇرمۇشقا قانداق ئىرىشكىلى بولىدۇ،ئەر ۋە ئايالنىڭ ۋەزىپە تەقسىماتى ھەم ھەمكارلىقلىرى قايسىلار، ئەر ۋە ئاياللارنىڭ شەيئىلەرگە تۇتقان پەرقلىق خاراكتىر خاسلىقلىرى نىمىلەر،ئەر -ئايال پىكىردە بىردەكلىكنى قانداق ھاسىل قىلىدۇ، قىينىئانا ۋە كىلىن مەسىلىسى قانداق ھەل قىلىنىدۇ، پەرزەنت تەربىيەسى قانداق ئىلىپ بىرىلىدۇ …قاتارلىق بىرقاتار مەسىلىلەر تۇغرىسىدىكى ماتىرىيال ھەم كىتابلارنى ئوقۇمايدۇ .تۇرمۇش تۇتۇشنى ناھايىتى ئاددىي ئويلىۋالىدۇ .بۇرۇنلاردا توي قولداشلار توي قىلغان دوستلىرىدىن تاللىنىدىغان بولۇپ، تويدىن كىيىنكى تۇرمۇشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئاددىي ساۋاتلارنى ئۆگۈت قىلار ئىكەنتۇق. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە دەل ئەكسىچە بولماقتا. قولداش تۇتۇشنىڭ ئەھمىيىتى تۆۋەنلەپ كەتتى. كىتاب گەرچە مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلالمىسىمۇ، ئەمما ئۇ چىراغ بولۇپ سىزگە ماڭىدىغان يولىڭىزنى يورىتىپ بىرىدۇ. بىزدە سەنئەت چۈشكۈنلۈكى ئېغىر بولۇپ كەلدى. چۈشكۈن كىنۇ ھەم مۇھەببەت ناخشىلىرى كۆپ ئىشلەندى، ئايرىلىش ،ھىجران ،سۆيگۈ دەردى،پىخان تىمىلىرى ئەڭ ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ .بۇنىڭ سەنئەتكە زىيادە مايىل بىزدەك مىللەت پىسخىكىسىدا قانچىلىك پاسسىپ تەسىر پەيدا قىلىدىغىنىنى مۆلچەرلەيدىغان بىرمۇ ئادەم يوق. بەختلىك ئائىلىلەرگە بىغىشلانغان ياكى بەختلىك ئۆتۈشكە رىغبەت بىرىدىغان ناخشىلار يوقنىڭ نەرقىدە. ناخشىچىلار بۇ نۇقتىنى ھەرگىز كۆرۈپ يىتەلمىدى. بىزدە مۇشۇ كەمگىچە كىتاب دەپ بىرەر بىر ناخشا ئىجاد قىلىنىپ باقمىدى ھەتتا. ئاجرىشىش نىسبىتىنىڭ ئېشىشىنى سەنئەتكارلاردىن ئىزدىگىنىم ئەمەس ،ئۇلاردىن ھەقىقەتەن يارقىن ئوبرازلار كۆپلەپ چىقىۋاتىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ پاسسىپ تەسىرىنى بۈگۈنكى كۈندە چەتكە قىقىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۇرمەكچى خالاس .
بىزدە ئائىلە بىرلىكى ۋە كىرىزىسى توغرىسىدا بۇرۇن بىرقىسىم ماقالىلەرنى يازغان يازغۇچىلىرىمىز بار،مەن ئۇ ئەدىبلىرىمىزگە تور يۈزىدىن سالىمىمنى يوللايمەن. لىكىن مەسىلىنىڭ ئىغىرلىق دەرىجىسىدىن قارىغاندا بۇ تۈرلۈك ئەمگەكلەر بىزدە يىتەرلىك ئىلىپ بىرىلمىگەندەك تۇرىدۇ. نىمە ئۈچۈن بىزنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىرىمىز ھەم پىسىخولۇگلىرىمىز بىرەر قىتىم بولسىمۇ ئۆز كەسپى دائىرىسىدىكى بۇ تەخىرسىز مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ دىئاگنۇز قويۇپ باقمايدۇ؟ نىمە ئۈچۈن بەزىبىر ئىككلەمچى مەسىلىلەرگە بەكرەك يىپىشىۋالىدۇ ؟ ئۇلار ئۈستىدىن شىكايەت قىلىش ئويۇم يوق، ئەمما ئويلىنىپ قالدىم .ئەلۋەتتە ،ئۇلار ئارىسىدىمۇ ئەلگە ھەقىقىي نەپ بىرىۋاتقانلىرى بار. مىنىڭچە گەپ ئىگىسىنى تاپىدۇ .
جەمئىيەتشۇناس ھەم پىسخولوگ ئۇستازلارغا ھەم تىلىۋىزىيە ئىستانسىلىرىغا تەشەببۇسۇم :
بىزدىكى ئائىلە زوراۋانلىقى ،يىمىرىلىۋاتقان ئەخلاق ۋە قىممەت قاراشلىرى، توي قىلغانلارنىڭ قانۇن ئىڭىنى كۈچەيتىش، كىلىن ۋە قىينىئانا مۇناسىۋىتى، بەخت تۇيغۇسى، ئەر -ئاياللاردىكى پىكىر بىردەكلىكى ،پەرزەنت تەربىيىسى توغۇرلۇق ھەقسىز ۋە ھەقلىق لىكسىيە كۆپلەپ ئۆتكۈزىلىپ تۇرسا، ئورۇنلاشتۇرۇپ تورلاردا ياكى تىلىۋىزىيە پرۇگراممىلىرىدا چىقىرىشىتەك خەلققە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن ! تىلىۋىزىيە ئىستانىسى خادىملىرىنىڭ جەمئىيىتىمىزدىكى ئەڭ تەخىرسىز مەسىلىلەرگىمۇ سەھىپە ئىچىپ قويىشىنى، بەختلىك ئۆتىۋاتقان ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىش پرۇگراممىلىرى تەسىس قىلىپ خەلققە ئۆگۈت بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن !
خۇلاسە : ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ بىرلىكنىڭ پارچىلىنىشى نۇرغۇن قارا كۆزلەرنى يىتىم قالدۇرىدۇ .جەمئىيەت بىسىمىنى ئاشۇرۋىتىدۇ . نەتىجىدە مىللەت ھەم جەمئىيەتنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولىدۇ . جەمئىيەتنىڭ ئەزاسى بولغان ھەربىر ئەقىل ئىگىسىنىڭ ئۆز ئائىلىسنى قاتتىق مۇھاپىزەت قىلىشى مۇقەددەس بۇرچتۇر. ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ ئائىلىسى بەختلىك ئۆتىۋاتقان قىرىنداشلىرىمغا تور يۈزى ئارقىلىق سالىمىمنى يوللايمەن !
پايدىلانغان ماتىرىياللار :
1. ئامىرىكا ئاجرىشىش سىتاتىسكا توربىتى
2. جوڭگۇ ”يىڭى خەۋەرلەر“ تور بىتى
3. شەرق دەۋرى جوڭگۇ تارماق تور بىكىتى
4. eHow تور بىكىتى
5. ئائىلە قىممىتى – Robert Gordonنەشىرى
6. ھايات ۋە مۇۋەپپەقىيەت – يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق
2015-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى
http://bbs.bagdax.cn/thread-29867-1-1.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.