logo

trugen jacn

ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ «ئىز» ناملىق شېئىرى ۋە ھىندىستان باش مىنىستىرى مودىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىستراتېگىيەسى

image

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

20-ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ كۆرنەكلىك نامايەندىلىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» ناملىق شېئىرى ھىندىستاندا بابۇرىيلار سەلتەنەتى يىقىلىپ بىرقانچە ئەسىر ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە ھىندىستان بىلەن ئورتا ئاسىيا مۇناسىۋەتلىرىگە يېڭىچە ئىلھام ۋە قايتا ئويلىنىش ئاتا قىلماقتا.

قىزىقارلىقى شۇكى، ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى بۇ قېتىملىق قازاقىستان زىيارىتىدە ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» ناملىق شېئىرىنى ئۆزىنىڭ ئورتا ئاسىيا ئىستراتېگىيەسىدىكى ئىلھام پىلتىسى قىلغان.

مودى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ھازىرقى زاماننىڭ كلاسسىك شېئىرى دەپ قارالغان «ئىز» نىڭ گۈزەل مىسرالىرىنى ئوقۇش ئارقىلىق ھىندىستان يېرىم ئارىلىنىڭ ئورتا ئاسىيا بىلەن بولغان تارىخىي باغلىنىشى ۋە مەدەنىيەت رىشتىسىنى قايتا ئۇلاش تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مودى قازاقىستان زىيارىتى جەريانىدا 7-ئىيۇل ئاستانادىكى نەزەربايېف ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلىگەن. قازاقىستان باش مىنىستىرى كەرىم مەسىموف مودىغا ھەمراھ بولغان ۋە ئۇنىڭ نۇتقىنى ئاڭلىغان.

ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى ئۆز نۇتقىدا ھىندىستان بىلەن ئورتا ئاسىيانىڭ تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ئىنتايىن قويۇق سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ نۇتقىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» ناملىق شېئىرىنى ئوقۇش بىلەن ئۆز سۆزىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن.

ئۇنداقتا، ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى ئاستانادىكى نۇتقىدا نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ شېئىرىنى ئوقۇغان؟ مودىنىڭ بۇ شېئىرنى ئوقۇشتىكى چىقىش نۇقتىسى ۋە ئورتا ئاسىيادىكى چوڭ دۆلەت بولغان قازاقىستانغا بەرگەن سىگنالى زادى نېمە؟

نۆۋەتتە جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچىسى، ئىقتىساد پەنلىرى بويىچە دوكتور نامزاتى پەرھات بىلگىن ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى ئىلگىرى سۈرىدۇ:

«ھىندىستان تارىختىن بۇيان ئورتا ئاسىيا بىلەن سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە قويۇق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەن. سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، ئورتا ئاسىيادىكى ئەللەر مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن خىتاي، ھىندىستان، ئىران، تۈركىيە ۋە رۇسىيە قاتارلىق ئەتراپتىكى چوڭ دۆلەتلەر ئارىسىدا ئورتا ئاسىيادا تەسىر دائىرە تالىشىش كۈرىشى بولدى. بۇ جەھەتتە خىتاي ھەممىدىن بەكرەك كۈچىدى شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئورتا ئاسىياغا بولغان كېڭەيمىچىلىك قارا نىيىتىنىمۇ ئاشكارىلاپ قويدى. مودىنىڭ بۇ قېتىم قازاقىستاندا سۆزلىگەن نۇتقىدا ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ شېئىرىنى ئوقۇشى مەيلى ئىستراتېگىيە ياكى دىپلوماتىيە جەھەتتىن بولمىسۇن يوشۇرۇن قاراتمىلىققا ئىگە. مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، مودى ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ شېئىرىنى ئوقۇش ئارقىلىق ھەم خىتايغا، ھەم ئورتا ئاسىيا خەلقىگە ھەم قازاقىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر باش مىنىستىرى كەرىم مەسىموفقا يوشۇرۇن سىگنال بەرگەن. بۇ سىگنال خىتايغا نىسبەتەن ھىندىستاننىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى، ئورتا ئاسىيا خەلقىگە نىسبەتەن ھىندىستاننىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك قوشنا ۋە تارىخىي ھەمراھ ئىكەنلىكىنى، كەرىم مەسىموفقا نىسبەتەن مىللىي كىملىكى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئەسلىتىشنى مەقسەت قىلغان.»

ھىندىستان باش مىنىستىرى مودىنىڭ ئورتا ئاسىيا ئىستراتېگىيەسىگە ئىلھام پىلتىسى بولغان ئۇيغۇر شائىرى ئۆتكۈر ئەپەندى 20-ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى.

ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ۋاپاتىغا توپ-توغرا 20 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ يالقۇنلۇق شېئىرلىرى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدىن ھالقىپ چىقىپ يىراقتىكى ئانادولۇ تۇپراقلىرىغا قەدەر ناخشا كۈيلىرىگە تەڭكەش بولۇپ ياڭرىماقتا.

ئۆتكۈر ئەپەندى 1940-يىللاردا «مۇزلىغان شەھەر»، «باھار چىللايمەن» «خەجلە خائىنلار، خەجلە!» قاتارلىق بىر يۈرۈش يالقۇنلۇق شېئىرلارنى يازغان. ئۇ سۇنماس قەلىمى بىلەن ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كەلگەن تارىخنىڭ ئەڭ قىيىن ۋە ئەڭ قاباھەتلىك يىللىرىدا ئۆزىنىڭ مەڭگۈ بىر «ئەركىنلىك كۈيچىسى» بولۇپ قالىدىغانلىقىنى جاكارلىغان

2108b696-2c9d-423a-842c-0d2dfab3d509

ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ خەلقنى كۈرەشكە، ئىجاتقا ۋە ھۆرلۈككە ئۈندەيدىغان يالقۇنلۇق شېئىرلىرى، مىللەتنىڭ تارىخ تۇيغۇسىنى ئويغاتقان بىر يۈرۈش رومانلىرى شۇنداقلا مىللىي ئەدەبىيات ۋە مەدەنىيەت ھەققىدىكى ئىلمىي ئەمگەكلىرى ھېلىھەم ئۇيغۇر خەلقىگە ئۈمىد، غۇرۇر ۋە ئىشەنچ بېغىشلاپ كەلمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/hindistan-minister-07152015152247.html

Share
3042 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.