ئەڭ يېڭى خەۋەر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
ئەركىن
15-يانۋار تۈرمىدىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى، مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق دوتسېنتى ئىلھام توختى قولغا ئىلىنغانلىقىغا 2 يىل بولدى. ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتى لى فاڭپىڭنىڭ جۈمە كۈنى رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ يېقىندا ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر بىلەن كۆرۈشكەن.
گۈزەلنۇرنىڭ لى فاڭپىڭغا ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ ھازىرغا قەدەر ئۈرۈمچىگە بېرىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 1-تۈرمىدە ئېرى ئىلھام توختى بىلەن 2 قېتىم كۆرۈشكەن بولۇپ، ئىلھام توختى ئايالىدىن سوتنىڭ ھۆكۈمىگە قارشى داۋاملىق ئەرز قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
ئىلھام توختى 2014-يىلى 15-يانۋار بېيجىڭدا قولغا ئېلىنىپ، شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۈرۈمچىدە سوتلانغان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت ئۇنىڭغا «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتى» ئارتىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.
ئەمما سوتنىڭ ھۆكۈمى ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەت ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئىلھام توختىنى «دەرھال قويۇپ بېرىش» نى تەلەپ قىلغان ئىدى.
ئىلھام توختى ئىلگىرى سوتنىڭ ھۆكۈمىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، يۇقىرى سوتقا ئەرز قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يۇقىرى سوت ئۇنىڭ ئەرزىنى رەت قىلغان ئىدى.
ئادۋوكات لى فاڭپىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلھام توختى گۈزەلنۇر بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇنى «قەيسەر بولۇش» قا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۆزىنىڭ تۈرمىدىكى قىيىنچىلىقنى يېڭىپ كېتەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن
http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ilham-toxti-01152016163130.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.