ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ھىندىستاندىكى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ قارارگاھى – دارامسالادا ئالدىنقى كۈنىدىن بۇيان «ئاسىيا دېموكراتىيە مۇنبىرى» نىڭ 2016-يىللىق يىغىنى ئېچىلماقتا.
مەزكۇر يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان ئۇيغۇر ۋەكىللىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دولقۇن ئەيساغا ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدى بىلەن ۋىزا بېرىپ، ئارقىدىن ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى ئۇيغۇر تېمىسىنى يەنە بىر قېتىم دۇنيا تاراتقۇلىرىنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا مەركەزلەشتۈردى.
مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان بىردىن-بىر ئۇيغۇر ۋەكىل – ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۈگۈن دارامسالادىكى يىغىن مەيدانىدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۆزىنىڭ دېھلى خەلقئارا ئايرودرومىغا ساق-سالامەت قونغانلىقىنى، پاسپورت كونترولىدا گەرچە بىر سائەتتىن ئارتۇق توختىتىپ قويۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئاخىرىدا ھىندىستان تاموژنا ساقچىلىرىنىڭ سىيلىق-سىپايە مۇئامىلىسى بىلەن دارامسالاغا يولغا سېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ھىندىستان ئايرودرومىدىكى ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى ئۇچۇرلاردىن ئاللىقاچان خەۋەردار ئىكەنلىكىنى، ھىندىستان گېزىتلىرى ۋە مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇنى تەرەپ-تەرەپتىن ئىزدەپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ دېھلى ئايرودرومىدا فىرانسىيەلىك مۇخبىر ئۇرسۇلا خانىم بىلەن ئۇچرىشىپ قالغانلىقىنى، دېھلىدىن تارتىپ دارامسالادىكى «ئاسىيا دېموكراتىيە مۇنبىرى» گە قەدەر دولقۇن ئەيسانىڭ ھىندىستانغا كىرىش ۋىزىسىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئەڭ قىزىق مۇنازىرە تېمىسى بولۇپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىلشات ئەپەندى دارامسالاغا تەكلىپ قىلىنغان ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ ۋىزا مەسىلىسى تۈپەيلى ھىندىستانغا كېلەلمىگەنلىكىنى، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ئۇيغۇر تېمىسىنىڭ بۇ قېتىمقى «ئاسىيا دېموكراتىيە مۇنبىرى» نىڭ مۇھاكىمە ھالقىسى بولۇپ قالغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ مەزكۇر يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە بىرقانچە قېتىم سۆز قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/xelqarada-uyghur-04282016141810.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.