ئەڭ يېڭى خەۋەر
بىر ئۇيغۇر يازغۇچىنىڭ 3 تىلدا نەشىر قىلىنغان يېڭى كىتابى
ئۇكراينا دۆلەت رەئىسى ۋېلادىمىر زەلەنسكىنىڭ ئاقسارايدا تىرامپ تەرىپىدىن ئازارلىنىشى ۋە رۇس ئىشخالىنىڭ تۈپ سەۋەبى نىمە؟
تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارلانىڭ پاجىيەسى ۋە چىقىش يولى ھەققىدە قىسقىچە ئانىلىز
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
شۆھرەت ھوشۇر
مۇخبىرىمىزنىڭ غۇلجا ناھىيە ئارائۆستەڭ يېزىسىدا ئىككى ئاي ئاۋۋال داۋام قىلغان كوللېكتىپ تۇتقۇن ھەققىدىكى تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا 41 نەپەر سىياسىي تۇتقۇندىن 12 نەپىرىنىڭ كىملىكى ئايدىڭلاشتى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇلارنىڭ كىچىكى 17 ياش، چوڭى 51 ياش بولۇپ، ئارىسىدا يەنە 1997 -يىلىدىكى 5 -فېۋرال ۋەقەسىگە قاتنىشىپ تۈرمىگە تاشلانغان ۋە جازا مۇددىتىنى تۈگەتكەن ياسىنجان ئېلاخۇنمۇ بار ئىكەن. تۇتقۇنلارنىڭ كىملىكلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئارائۆستەڭ يېزىسىدىكى كەنت ۋە مەھەللە باشلىقلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئويمانبايتوقاي مەسچىتىنىڭ تۇتقۇندىكى ئىمامى ئەنۋەر ھەسەن قەشقەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋە ئىلىم تەھسىل قىلغان، يېقىندا غۇلجىغا يەرلەشكەن ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، كومپارتىيە ئەزاسى ھارۇن دېگەن كىشىنىڭ نەزىرىگە قاتناشمىغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان 41 نەپەر سىياسىي تۇتقۇندىن 12 نەپىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: ئەنۋەر ھەسەن (51)، ئەكبەر نەسىردىن (31)، سالاھىدىن زامان (32)، ئابدۇراخمان قېيىم (30)، فەرۇخ سۇلتان (26)، ئابدۇۋەكىل سېيىت (30)، ئالىم سېيىت (27)، ئېلى ئەنۋەر (20)، ياسىنجان ئېلاخۇن (42)، دىلشات مىجىت (25)، ئەزىمەت قېيىم (28)، ئادىلجان ھامۇت (17).
بۇلاردىن ئەنۋەر ھەسەن ئويمانبايتوقاي مەسچىتىنىڭ ئىمامى، ئەكبەر نەسىردىن مەزكۇر مەسچىتنىڭ مەزىنى، بۇ ئىككى نەپىرى كوللېكتىپ تۇتقۇننىڭ دەسلەپكى كۈندىلا قاماققا ئېلىنغان.
يەنە بايان قىلىنىشىچە، 200 ئەتراپىدا ئائىلىدىن تەركىب تاپقان ئويمانبايتوقايدىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇق-تۇغقان ۋە قۇدا -باجا بولۇپ، تۇتقۇندىكى 41 نەپەر سىياسىي مەھبۇسنىڭ كۆپىنچىسى بىر-بىرى بىلەن يېقىن ياكى يىراقتىن تۇغقانلار ئىكەن
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/uyghurda-tutqun-03232016151605.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.
BENZER HABERLER