ئەڭ يېڭى خەۋەر
بىر ئۇيغۇر يازغۇچىنىڭ 3 تىلدا نەشىر قىلىنغان يېڭى كىتابى
ئۇكراينا دۆلەت رەئىسى ۋېلادىمىر زەلەنسكىنىڭ ئاقسارايدا تىرامپ تەرىپىدىن ئازارلىنىشى ۋە رۇس ئىشخالىنىڭ تۈپ سەۋەبى نىمە؟
تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارلانىڭ پاجىيەسى ۋە چىقىش يولى ھەققىدە قىسقىچە ئانىلىز
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
( پارچە)
نەزەر
ئا ق ش ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار سىياسەتلىرى ئا ق ش كونگرېسنىڭ تاشقى ئىشلارغا دائىر قانۇن لاھىيىلىرىنى ئا ق ش پىرېزىدېنتى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئا ق ش ھۆكۈمىتىنىڭ مەمۇرىيەت تارماقلىرىنىڭ بىرى– تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن كونكرېتلاشتۇرۇپ بېكىتىلىپ ئىجرا قىلىنىدۇ. پىرېزىدېنت بۇ قانۇنلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشى يۈزىدىن كونگرېس ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئا ق ش نىڭ تاشقى ئىشلار سىياسىتىنىڭ مۇقىملىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. ئا ق ش ھۆكۈمىتىنىڭ پىرېزىدېنتنىڭ ئالمىشىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئا ق ش نىڭ تاشقى سىياسەتلىرىدە ئانچە-مۇنچە ئۆزگىرىشلەر بولۇشى مۇمكىن، لېكىن تۈپكى ياكى پىرىنسىپال ئۆزگىرىشلەر سادىر بولۇشنىڭ ئېھتىماللىقى تۆۋەن بولىدۇ.
ئا ق ش ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار سىياسەتلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنىڭ بىرى خەلقئارادا دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك مەنپەئەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. شۇڭلاشقا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەرگىزمۇ ئا ق ش نىڭ تاشقى ئىشلار دائىرىسىدىن چۈشۈپ قالماي، بەلكى تېخىمۇ كۈچىيىپ بارىدۇ.
2021- يىلى 19- يانۋار
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.
BENZER HABERLER