ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
26-ئۆكتەبىر ئامېركا پارلامىنتى خىتاي ئىشلىرى كومېتىتى(CECC) تىۋېتتېر ئىجتىمائى ئالاقىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ پروفېسور ئىلھام توختىنىڭ 25- ئۆكتەبىر كۈنىدىكى تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىلھام توختىنىڭ ھازىرمۇ خىتاي تۈرمىسىدە ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى ئۆتەۋاتقانلىقىنى دۇنيا جامائىتىنىڭ سەمىگە سالدى. ھەمدە خىتاي رىجىمىنى ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.
ئۇلار مۇنداق دېدى: « تۆنۈگۈن 49 ياشقا كىرگەن ئۇيغۇر تەتقىقاتچىسى ئىلھام توختى «بۆلگۈنچى» دىگەن ئەيبلەش بىلەن خىتاي تۈرمىسىدە ھازىرغىچە ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى ئۆتىمەكتە. ئىلھام توختى خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرسىدىكى دىئالوگنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۆپ تۆھپە قوشقان، ھەمدە خىتاينىڭ شىنجاڭ(شەرقە تۈكىستان-ت)دىكى باستۇرۇشىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. خىتاي ئىلھام توختىنى دەرھال تۈرمىدىن قويۇپ بېرىشى كېرەك. »
CECC يەنە مۇنداق دېدى: « ئۇيغۇر تەتقىقاتچىسى ئىلھام توختىنىڭ يېقىندا كەلگەن تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، رەئىسلەر(كىرىس سمىس ۋە ماركو رۇبىئو) ئىلھام توختىنى 2019-يىللق نوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىش پىلانىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە دۇنيادىكى باشقا ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭمۇ شۇنداق قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى.»
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.