ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
يەرلىك دائىرىلەر رامىزاننىڭ تۇنجى كۈنى ئاقسۇ شەھىرىدىكى ھەر قايسى ئاھالىلەر رايونلىرىدا ئۇدا چاي زىياپىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇنىڭغا قاتناشقان ئۇيغۇرلارغا ھاراق قۇيغان. خوتەن ناھىيەسىسدە رامىزاننىڭ 3-كۈنى ئۇيغۇر كادىرلارغا زىياپەت بېرىلىپ، خىتاينىڭ تاۋۇز چاغىنى كۈتۈۋېلىنغان.
د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت چارشەنبە كۈنى رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا، «بۇ پائالىيەتلەر ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ روزا تۇتقان-تۇتمىغانلىقىنى سىناش، ئۇلارنىڭ دىنىي تىندىنسىيەسىنى تېخىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان» دەپ كۆرسەتتى.
«ئاقسۇ خەۋەرلەر» تورىدا ئاشكارىلىنىشىچە، ئاقسۇ شەھىرىدىكى چاي زىياپىتى رامىزاننىڭ 1- ۋە 2-كۈنلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. رامىزاننىڭ 1-كۈنىدىكى پائالىيەتكە ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەردىن 500 دەك ياشانغان كىشى قاتناشقان بولۇپ، مەرىكىدە ئۇلار ھاراق تەملىرىنى تېتىپ كۆرۈشكە تەكلىپ قىلىنغان.
بۇ خىل پائالىيەت يەنە خوتەن ناھىيىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، رامىزاننىڭ 3-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ خوتەن ناھىيەسىگە چۈشكەن بىر خىزمەت گۇرۇپپىسى ئۆزى چۈشكەن يېزىدا چاي زىياپىتى ئۆتكۆزۆپ، خىتاينىڭ تاۋۇز چاغىنىنى كۈتۈۋالغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئاقتاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدا دىنىي ئەركىنلىككە مۇداخىلە قىلغانلىقىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يەرلىك دائىرىلەر رامىزاندا بەلگىلىمە چىقىرىپ، ئوقۇغۇچىلار ۋە كادىرلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى مەنئى قىلغان ئىدى
http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghurda-ramizan-06152016163837.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.