logo

trugen jacn

ئاقسۇ شاياردىكى بىر مەسچىتتە بۇلتۇر بايراق كۆيدۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى ئاشكارىلاندى

image

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئاقسۇنىڭ شايار ناھىيىسى يېقىندا «تۇۋاق ئېچىش» نامىدا بىر خىزمەت گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىپ، شاياردا ئومۇميۈزلۈك ھالدا تاشلاندۇق ئۆيلەرنى تىزىملاش ۋە تەكشۈرۈش دولقۇنى قوزغىغان.

ئىگىسى دەرھال ئۆزىنى مەلۇم قىلمىغان ئەھۋالدا، ئىگىسىز ئۆيلەرنىڭ دەرھال چېقىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئىگىلەشلىرى داۋامىدا تۇۋاق ئېچىش دولقۇنىنىڭ سىرى يەنى سەۋەبى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، ئاقسۇ شاياردا بۇلتۇر 1-ئايدا بىر مەسچىتكە قادالغان خىتاي بايرىقى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن ۋە كۆيدۈرۈۋېتىلگەن، خىتاي ساقچىلىرى ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنى بىر يىل ئىچىدىمۇ تاپالمىغاندىن كېيىن، تاشلاندۇق ئۆيلەرنى ئاختۇرۇش دولقۇنى قوزغىغان.

بىز ئالدى بىلەن تۇۋاق ئېچىش خىزمىتىگە مەسئۇل خادىمدىن بۇ خىزمەتنى ئېلىپ بېرىشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، يېقىندا ئاقسۇنىڭ مەلۇم بىر ناھىيىسىدە تاشلاندۇق بىر ئۆينىڭ ئىچىدىن، بومبا ياساش گۇماندارلىرى بايقالغان؛ ئەمما بۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى تۇۋاق ئېچىش گۇرۇپپىسىنىڭ بۇ ئەزاسىغىمۇ بىلدۈرۈلمىگەن.

تۇۋاق ئېچىش گۇرۇپپىسىنىڭ بىر ئەمەلدارىنىڭ پاش قىلىشىچە، شاياردا يەنە 5 يىلدىن بۇيان قېچىپ يۈرۈۋاتقان بىر گۇماندار تاشلاندۇق ۋە سىرتىدىن قۇلۇپ سېلىنغان ئۆينىڭ ئىچىدىن تېپىلغان. ساقچى دائىرىلىرى ۋە ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى مەزكۇر ئەمەلدارغىمۇ بىلدۈرمىگەن.

داۋاملىق ئەھۋال ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، شاياردىكى بىر كەنت باشلىقى بۇلتۇر 1-ئاي مەزگىلىدە شاياردا بايراق كۆيدۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى، ۋەقەدە مەسچىت قورۇسىغا تىكلەنگەن 5 يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنىڭ كۆيدۈرۈلگەنلىكىنى، بۇ ۋەقەنىڭ پۈتۈن شايارنى زىلزىلىگە سالغانلىقىنى، ئەمما گۇماندارلارنىڭ تېخىچە تۇتۇلمىغانلىقىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە نۆۋەتتە شاياردا تۇۋاق ئېچىش خىزمىتى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ساقچى خادىمىمۇ بايراق كۆيدۈرۈش ۋەقەسىنىڭ بۇلتۇر 1-ئاينىڭ 15-كۈنى يۈز بەرگەنلىكىنى دەلىللىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/tuwaq-echish-04072015165411.html

Share
1351 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.