logo

trugen jacn

ئارزۇ نۇرمەمەت: جېجياڭ يىۋۇدىكى ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ھەقسىزلىق خىتاي ئاھالىلەرنىڭمۇ نارازىلىقىنى قوزغىدى

a4f14804-b4e3-4446-9925-9804a57cc850

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

نۆۋەتتە تۈركىيەدە ئانىسى ۋە ئىككى ئىنىسى بىلەن بىرلىكتە ياشاۋاتقان ئارزۇ نۇرمەمەت مۇخبىرىمىز بىلەن بۈگۈنكى سۆھبىتى داۋامىدا، بىر يىل ئاۋۋال جېجياڭ يىۋۇدا دۇكان ئېچىۋاتقان مەزگىلىدە كۆرگەن ۋە بېشىدىن ئۆتكەنلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۆتكەن يىلنىڭ بېشىد يىۋۇغا ئۇيغۇر رايونىدىن زور بىر تۈركۈم ساقچىلار يېتىپ كېلىپ يىۋۇدا تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن قاتتىق نازارەت ۋە تۇتقۇن ئېلىپ بارغان. بولۇپمۇ، دىنىي كەيپىياتى بايقالغان ئۇيغۇرلارغا قارىتا نۇقتىلىق ۋە زوراۋانلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ تۇتقۇن، ھەتتا يىۋۇدىكى خىتاي ئاھالىلىرىنىمۇ بىئارام قىلغان.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يىۋۇدا قانچىلىك ساندا ئۇيغۇرنىڭ بارلىقى ياكى بولغانلىقى مەلۇم ئەمەس، ئەمما يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر رايونىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى جىددىيلەشكەندىن كېيىن، ئۇيغۇر رايونىدىكى ساقچىلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق نازارەت قىلىۋاتقانلىقى ئارىلاپ ئاخباراتلاردا خەۋەر قىلىنماقتا. ئارزۇ نۇرمەمەتنىڭ يۇقىرىقى بايانلىرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر رايونىدىن كەلگەن ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقى، يىۋۇدىكى بىر قىسىم خىتاي ئاھالىلىرىنىڭمۇ نارازىلىقىنى قوزغىغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ichkirdiki-hayat-10252016224311.html

Share
842 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.