logo

trugen jacn

ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي

ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي

ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي 1950-يىل 11– ئاينىڭ 1-كۈنى، قەشقەر شەھەرى يۇمۇلاقشە كۆلباشى مەھەللەسىدە، ئوقۇتقۇچى ئائىلەسىدە دۇنياغا كەلگەن. داداسى پولات ئەھمەد (1915-1970-يىللار)، ئاناسى ھاجەرخان سابىت (1920-1998-يىللار). تەكلىماكانىي 1960-يىل قەشقەر شامالباغ باشلانغۇچ مەكتەپىنى، 1963-يىل قەشقەر ساربان يولى 1-ئوتتۇرا مەكتەپىنى، 1966-يىل بولسا، قەشقەر ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپىنى پۈتتۈرگەن. 1972- يىل بەيجىڭ مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرستىتى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل – ئەدەبىياتى فاكۇلتەتىگە ئوقۇشقا كىرگەن. 1975-يىل ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرگەچ، شۇ مەكتەپنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتەتىنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىقىغا تەقسىم قىلىنغان. 1995-يىل 5-ئايدىن 1997-يىل 11-ئايغىچە، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كافىدراسىنىڭ باشلىقى ۋە جۇڭگو بويىچە تۇنجى بولۇپ قۇرۇلغان مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات باشقارماسىنىڭ باشقارما باشلىقى بولغان. 2004-يىل پروفەسسور، 2007-يىل بولسا، دوكتور ئاسپرانت يەتەكچىسى (doctoral supervisor) بولغان. ئۇ 2015-يىلى 3-ئايدا، مەزكۇر ئۇنىۋەرسىتىتتىن ئارامغا چىققان. ھازىر ئامەرىكا كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ سان ديەگو شەھەرىدە ئولتۇرۇشلۇق ئوغلى قەيسەر ئابدۇرەئوپنىڭ يانىدا ياشاۋاتىدۇ.
ئۇ 1978-يىل 3-ئايدىن 1982-يىل 7-ئايغىچە بەيجىڭ چەتئەل تىللەرى ئۇنىۋەرسىتىتىدە ئەرەب تىلى ئۆگرەنگەن. 1984-يىل 4-ئايدىن 1985-يىل 10-ئايغىچە ئىراق ئەرەب جۇمھۇرىيەتىگە بارىپ، باغدات، كۇفە، نەجەف ۋە كەربالا قاتارلىق شەھەرلەردە ئەرەب تىلى بويىچە پراكتىكا قىلغان. 1986-يىلدىن 1988-يىلغىچە بەيجىڭ ئۇنىۋەرسىتىتىدە، پارس تىلى ئۆگرەنگەن. 1996-يىل 10-ئايدىن 1997-يىل 7-ئايغىچە زىيارەتچى ئالىم سالاھىيەتى بىلەن، مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيەتىگە بارىپ، قاھىرە ئۇنىۋەرسىتىتىدە ئەرەب ئەدەبىياتى بويىچە، ئەزھەر ئۇنىۋەرسىتىتىدە بولسا، ئىسلام دىينى ئاساسلارى (ئۇسۇلۇددىن) بويىچە بىلىم ئاشۇرغان. 1997-يىل 10-ئايدىن 2002 -يىل 5- ئايغىچە تۈركىيە جۇمھۇرىيەتى ئەنقەرە ئۇنىۋەرسىتىتى تىل-تارىخ-جۇغرافىيە ئىنستىتۇتى چاغداش تۈرك شىۋەلەرى ۋە ئەدەبىياتلارى فاكۇلتەتىدە، پروفەسسور دوكتور فاتما سەما بارۇتچۇ ئۆزۆندەر بىلەن پروفەسسور دوكتور ئۆنال كايا ئۇستادلارنىڭ يەتەكچىلىكىدە، چاغاتاي تۈركىي تىل-ئەدەبىياتى بويىچە بەش يىل ئوقۇپ، 2002-يىل 4-ئاينىڭ 10-كۈنى، ”تارىخى ھەمىدىي ئۈسىتىدە تەتقىقات Tarıh-i Hamidi (inceleme-metin-dizin) “ سەرلەۋھەلىك دوكتورا تەزىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياقلاپ، «ئەدەبىيات دوكتورى» ئۇنۋانىغا ئەرىشكەن.
ئاپتورنىڭ ئاساسلىق ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرلەرى:
«چاغاتاي تىلى» ( خەمىت تۆمۈر ئەپەندىم بىلەن ھەمشىرىك)، بۇ كىتاب 1986- يىل قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرەپىدىن نەشىر قىلىنغان؛ 1989 –يىل دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلەرى كومىتىتى تەرەپىدىن 3- دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئەرىشكەن.
«نەۋائىي: مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين» (پروفەسسور خەمىت تۆمۈر بىلەن ھەمشىرىك) مىللەتلەر نەشىرىياتى 1988-يىل، بەيجىڭ.
«چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدىن ئىلمىي ماقالىلەر»، مىللەتلەر نەشىرىياتى 1993-يىل، بەيجىڭ. ئاپتورنىڭ تۇنجى چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقات ماقالەلەرى توپلامى.
«ئۇيغۇر تىلى لىكسىكولوگىيەسى»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى 1995- يىل، قەشقەر. بۇ كىتاب 1996- يىلى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن كىتابلارنى باھالاشتا، «بىرىنجى دەرىجەلىك ئىلمىي خاس ئەسەر» مۇكاپاتىغا ئەرىشكەن؛ يەنە شۇ 1996- يىل بەيجىڭ شەھەرى بويىچە «2-دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر خاس ئەسەر» مۇكاپاتىغا ئەرىشكەن؛ 1997- يىل بولسا، «ئاز سانلىق مىللەتلەر يازىقىدىكى كىتابلار بويىچە مەملىكەتلىك 3- دەرىجەلىك مۇنەۋۋەر خاس ئەسەر» باھالانىپ مۇكاپاتلانغان.
«چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان»، مىللەتلەر نەشىرىياتى، 2004- يىل.
«ئەسلىي يازىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكستلەرى»، مىللەتلەر نەشىرىياتى 2005- يىل، بەيجىڭ. بۇ كىتاب ئون سەككىز يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرىنىڭ ئۇيغۇر مۇقام ئۇستازى ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىي ئىشلەتكەن چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىدىكى ئەسلىي يازىق شەكلى نۇسخالارىنى توپلاپ نەشىر قىلدۇرۇپ، ئۇيغۇر مۇقامى تەكىستلەرىدىكى ئوقۇلغۇ خاتالىقلارىغا پاكىت ئارقالىق ئاداققىي خاتىمە بەرگەن نادىر ئەسەر.
«چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكاسى»، مىللەتلەر نەشىرىياتى،2007- يىل 6- ئاي، بەيجىڭ. بۇ- ئۇيغۇر تىل تارىخىدا، چاغاتاي ئۇيغۇر تىل-يازىقىنىڭ ئومۇمىي تىل قائىدەسى مول ئورىگىنال مىساللار بىلەن ئىلمىي رەۋىشتە ئەتراپلىق شەرھلەپ نەشىر قىلىنغان تۇنجى خاس ئەسەر.
«ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى ئۈستىدە تەتقىقات»، مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتى نەشىرىياتى 2009-يىل 6-ئاي، بەيجىڭ. بۇ- ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى ئومۇمىيۈزلۈك مەخسۇس تەتقىق قىلىنغان تۇنجى خاس ئەسەر. شۇ يىللىق فرانكفورد خەلقئارا كىتاب كۆرگەزمەسىگە قويۇلغان.
«ئۇيغۇر تىلى لىكسىكولوگىيەسى ۋە لىكسىكا تەتقىقاتى»، مىللەتلەر نەشىرىياتى، 2011-يىل 4-ئاي، بەيجىڭ. بۇ كىتاب 2015-يىل، دۆلەتلىك 2-دەرىجەلىك مۇنەۋۋەر خاس ئەسەر باھالانىپ مۇكاپاتلانغان.
«چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە ماغىزلىق بايان»، 2014-يىل 9-ئاي، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى، قەشقەر.
«چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتى» (پروفەسسور خەمىت تۆمۈر بىلەن ھەمشىرىك) مىللەتلەر نەشىرىياتى. 2016-يىل، 3-ئاي، بەيجىڭ. كىتاب نومۇرى:
ISBN 978-7-105-13886-9/H.977 维 41
بۇ- چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىدىكى قوليازما ئەسەرلەر تەتقىقاتىدا، چاغاتايچە ئەسلىي خەت شەكلى بويىچە سۆزلەم ئىزدەگىلى بولىدىغان تۇنجى لۇغەت.
察哈台维吾尔语研究导论,民族出版社2017年,北京。
(چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىغا يەتەكلەمە)
书号:ISBN 978-7-105-14902-5/H,1062 (汉 346)
”نەفىسىي، مۆئجىزىي ۋە سايرامىي تەتقىقاتلارىغا مۇقەددىمە“ ، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرىياتى، 2022-يىل 3-ئاي، ئىستانبۇل. كىتاب نومۇرى ISBN:978-605-71276-0-0
تەرجىمە ئەسەرلەرى:
«ئەنگۈشتەر» (مىخائىل نۇئەيمە ھىكايەلەرى) شىنجياڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى، 1984- يىل، ئۈرۈمچى.
«بەيتۇللاھنىڭ تارىخى» ( ئاپتورى: ئەلىي ھەسەن خەربۇتەلى) شىنجياڭ خەلق نەشىرىياتى، 1994-يىل، ئۈرۈمچى. 2000- يىل 2- نەشىرى. بۇ كىتاب بەش قاتىم تەكرار باسىلغان.
« قۇرئان كەرىم ئايەتلەرىدىن – ئەممە پارە تەپسىرى »، 2003- يىل، سەئەدىي ئەرەبىستانى جىددە نەشىرى، 2013-يىل 6-ئاي، تۈركىيە تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرىياتى نەشىرى. بۇ – ئاتاقلىق مۇپەسسىر مۇھەممەد زەرىف قارىھاجى تەرەپىدىن 1926- يىلى كاشغەردە يازىلغان تەپسىر كىتابىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىل-يازىقى بويىچە تۇنجى نەشىرى سانالىدۇ.
«مۇسۇلمان ياشلارغا ھىكمەتلىك دەرسلەر» (ئاپتورى: مۇھەممەد زەرىف قارىھاجى، ھىجرىيە 1317-يىلى يازىلغان) ، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2014-يىل 6-ئاي، ئىستانبۇل.
”تارىخى ھەمىدىي“ (ياڭى تەرجىمە نۇسخا)، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرىياتى، 2019-يىل، ئىستانبۇل.
ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻯ:
«ﺋﻪﻧﮕﯜﺷﺘﻪﺭ» (ﻣﯩﺨﺎﺋﯩﻞ ﻧﯘﺋﻪﻳﻤﻪ ﮪﯩﻜﺎﻳﻪﻟﻪﺭﻯ) ﺷﯩﻨﺠﻴﺎﯓ ﻳﺎﺷﻼﺭ – ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﻪﺭ ﻧﻪﺷﯩﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، 1984- ﻳﯩﻞ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ.
«ﺑﻪﻳﺘﯘﻟﻼﮪﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ» ( ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻯ: ﺋﻪﻟﯩﻲ ﮪﻪﺳﻪﻥ ﺧﻪﺭﺑﯘﺗﻪﻟﻰ) ﺷﯩﻨﺠﻴﺎﯓ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﯩﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، 1994-ﻳﯩﻞ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ. 2000- ﻳﯩﻞ 2- ﻧﻪﺷﯩﺮﻯ. ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺑﻪﺵ ﻗﺎﺗﯩﻢ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭ ﺑﺎﺳﯩﻠﻐﺎﻥ.
« ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭﯨﺪﯨﻦ – ﺋﻪﻣﻤﻪ ﭘﺎﺭﻩ ﺗﻪﭘﺴﯩﺮﻯ »، 2003- ﻳﯩﻞ، ﺳﻪﺋﻪﺩﯨﻲ ﺋﻪﺭﻩﺑﯩﺴﺘﺎﻧﻰ ﺟﯩﺪﺩﻩ ﻧﻪﺷﯩﺮﻯ، 2013-ﻳﯩﻞ 6-ﺋﺎﻱ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻧﻪﺷﯩﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮﻯ. ﺑﯘ – ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﻣﯘﭘﻪﺳﺴﯩﺮ ﻣﯘﮪﻪﻣﻤﻪﺩ ﺯﻩﺭﯨﻒ ﻗﺎﺭﯨﮭﺎﺟﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﯩﺪﯨﻦ 1926- ﻳﯩﻠﻰ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﺩﻩ ﻳﺎﺯﯨﻠﻐﺎﻥ ﺗﻪﭘﺴﯩﺮ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﯩﯔ ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻞ-ﻳﺎﺯﯨﻘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮﻯ ﺳﺎﻧﺎﻟﯩﺪﯗ.
«ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﻳﺎﺷﻼﺭﻏﺎ ﮪﯩﻜﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺩﻩﺭﺳﻠﻪﺭ» (ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻯ: ﻣﯘﮪﻪﻣﻤﻪﺩ ﺯﻩﺭﯨﻒ ﻗﺎﺭﯨﮭﺎﺟﻰ، ﮪﯩﺠﺮﯨﻴﻪ 1317-ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﺯﯨﻠﻐﺎﻥ) ، ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، 2014-ﻳﯩﻞ 6-ﺋﺎﻱ، ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻝ.
”ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﮪﻪﻣﯩﺪﯨﻲ“ (ﻳﺎﯕﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻧﯘﺳﺨﺎ)، ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻧﻪﺷﯩﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، 2019-ﻳﯩﻞ، ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻝ.
ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻯ:
«ﻛﻮﺭ ﺧﻪﺭﯨﺪﺍﺭ» ( ﮪﯩﻜﺎﻳﻪﻟﻪﺭ ﺗﻮﭘﻼﻣﻰ)، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻧﻪﺷﯩﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1989- ﻳﯩﻞ، ﺑﻪﻳﺠﯩﯔ. 2000- ﻳﯩﻞ 2- ﻧﻪﺷﯩﺮﻯ.
«ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺩﺍ ﺋﻪﺑﮕﺎﺭﻟﯩﻖ» ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﮊﯨﺮﯨﻚ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪﯨﻲ ﺭﯨﺌﺎﻟﯩﺰﻡ ﺋﻪﺳﻪﺭﻯ، 1996 – 1997 – ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ «ﺵ ﺋﯘ ﺋﺎ ﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻰ» ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﻰ ﺋﯘﻻﭖ ﺋﻪﻻﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. 2001-ﻳﯩﻠﻰ، ﮔﯩﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﻣﻴﯘﻧﺨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻧﻪﺷﯩﺮﯨﻴﺎﺕ ﺋﯚﻳﻰ ﺋﺎﻕ ﺗﺎﺷﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
”<ﻣﯘﮪﺎﻛﻪﻣﻪﺗﯘﻝ ﻟﯘﻏﻪﺗﻪﻳﻦ>ﺩﯨﻦ <ﻣﻪﺋﺎﺭﯨﻔﯘﻝ ﻟﯘﻏﻪﺗﻪﻳﻦ>ﻏﯩﭽﻪ“، ”ﺵ ﺋﯘ ﺋﺎ ﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻰ“ ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﻰ، 2002-ﻳﯩﻞ 6-ﺳﺎﻥ. ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻧﻪﺷﯩﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، 2010-ﻳﯩﻞ، ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻝ.
”ﮪﯩﺠﺮﻩﺕ ﯞﻩ ﻧﯘﺳﺮﻩﺕ“ (ﭼﺎﺗﻤﺎ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ)، ”ﺟﻮﯕﮕﻮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻯ“ ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﻰ، 2009-2010-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺳﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﻻﭖ ﺋﻪﻻﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. 2016-ﻳﯩﻞ، ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻧﻪﺷﯩﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
”ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﯨﻴﻪ ﺳﻪﻟﻜﯩﻨﻠﻪﺭﻯ“ (ﺷﯩﺌﯩﺮﻟﻪﺭ ﺗﻮﭘﻼﻣﻰ)، 2020-ﻳﯩﻞ، ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻧﻪﺷﯩﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻝ.
”ﺋﯘﺳﺘﺎﺩ-ﺷﺎﮔﯩﺮﺕ ﺷﻪﺟﻪﺭﻩﺳﻰ“، ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻧﻪﺷﯩﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، 2023-ﻳﯩﻞ 3-ﺋﺎﻱ، ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻝ. ﻛﯩﺘﺎﺏ ﻧﻮﻣﯘﺭﻯ: ISBN 978-1-959397-13-7
”ﻛﺎﺷﻐﺎﺭﯨﻴﻪﺩﯨﻦ ﺋﯘﭼﻘﺎﻥ ﻣﯘﺭﺍﺩ ﻗﯘﺷﻰ“، ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻧﻪﺷﯩﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، 2024-ﻳﯩﻞ -ﺋﺎﻱ، ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻝ. ﻛﯩﺘﺎﺏ ﻧﻮﻣﯘﺭﻯ:
”ﺋﯘﻧﯘﺗﯘﻟﻤﺎﺱ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﯨﻲ ﻳﯩﻠﻰ“، ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻯ ﻧﻪﺷﯩﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، 2024-ﻳﯩﻞ -ﺋﺎﻱ. ﻛﯩﺘﺎﺏ ﻧﻮﻣﯘﺭﻯ:
ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻜﻪﻧﺘﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ “ ﺟﻮﯕﮕﻮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻯ“ ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﯩﻨﯩﯔ 2009-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 1-، 2-، 3-، 4-، 5- ﺳﺎﻧﻼﺭﯨﺪﺍ ﺋﯘﻻﭖ ﺋﻪﻻﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ”ﻣﻪﻧﯩﯔ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﯨﻲ ﻳﯩﻠﯩﻢ“ ﻣﺎﯞﺯﯗﻟﯘﻕ ﭼﺎﺗﻤﺎ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﻧﻤﺎ ﻧﯘﺳﺨﺎﺳﻰ ﮪﯩﺴﺎﺑﻼﻧﯩﺪﯗ.

Share
57 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.